شېن يەنپىڭ
ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئىككىنچى يىلى، دەل 8- ئاي ئىدى، ئاسمان كۆپكۆك، قۇياش نۇرى پارلاپ، چېچەكلەر چاقناپ تۇراتتى، روھىم كۆتۈرەڭگۈ ئىدى. ئۇ چاغدا مەن ئەمدىلا بىر مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ناھايىتى ھاياجان ئىلكىدە ئىدىم.
قىزغىن سۆيگەچكە، مەن ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى تاللىدىم. ئۇستاز تەلىم- تەربىيە بېرىپ، چۈشەنمىگەننى يېشىپ، باھار يامغۇرىدەك ئۈن- تىنسىز ھاياتىي كۈچ بېغىشلايدۇ، مەن تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن بۇ مائارىپ ئىشلىرىنى قىلىشقا، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا بەل باغلىدىم.
بىرىنچى مەۋسۇمدىن باشلاپ، مەن ئىككىنچى يىللىقنىڭ كەسپىي دەرس ئوقۇتقۇچىسى ھەم بىرىنچى يىللىقنىڭ سىنىپ مەسئۇلى بولدۇم. بۇ ئۈچ چى كېلىدىغان مۇنبەردە مەن تۇنجى قېتىم ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، مۇنبەر ئاستىدىكى 50 نەچچە جۈپ نۇرلۇق كۆزگە قارىدىم، گەرچە مەن يېتەرلىك تەييارلىق قىلغان بولساممۇ، يەنىلا جىددىيلىشىشتىن ساقلىنالمىدىم. گەرچە مەن ئامال بار سۆزلەش سۈرئىتىمنى تەڭشىگەن بولساممۇ، يەنىلا دەرس سۆزلىگەندە تىنىقىم ئانچە تەكشى ئەمەستەك ھېس قىلدىم. تەنەپپۇستا، بىر قىز ئوقۇغۇچى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماڭا بىر ئىستاكان قايناقسۇ ئەكېلىپ بېرىپ، مەن بىلەن پاراڭلاشتى: «مۇئەللىم، سىز بۇ مەۋسۇم يېڭى كەلگەن ئوقۇتقۇچىغۇ دەيمەن، سىز بەك ياخشى سۆزلىدىڭىز، لېكىن سىز سەل جىددىيلەشكەندەك ھېس قىلدىم، جىددىيلەشمەڭ، بىز سىزنىڭ دەرسىڭىزنى ياخشى كۆرىمىز!» ئوقۇغۇچىنىڭ ئىنچىكىلىكى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى مېنى ئىللىتتى، بۇ ئىللىقلىق كېيىنكى دەرسلەرگە بولغان ئىشەنچىمنى ئاشۇردى، قايتا جىددىيلەشمىدىم، يېتەكلىگەن سىنىپىمنىڭ نەتىجىسىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى.
دەرس ئۆتۈش بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەر ۋاقىت ئىگىلەپ تۇردۇم. ئوقۇغۇچىلار ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا، مەن ئۆزۈم يالغۇز دوختۇرخانىدا ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن ئۆزۈمنىڭ بالىسىدەك خەۋەر ئالدىم. ئۇ چاغدا، 20 نەچچە ياشلىق مەن ئون نەچچە ياشلىق بۇ ئوقۇغۇچىلىرىمنى «ئۇلار بالا، ئۇلار ساددا، ئوماق، ئوقۇش ئۈچۈن ئاتا- ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ناتونۇش شەھەرگە كەلگەن، مەن ئۇلارنىڭ بۇ شەھەردىكى ئەڭ يېقىن ئادىمى، مەن ئۇلارنىڭ ھالىدىن خۇددى بالىغا قارىغاندەك خەۋەر ئالىمەن، ئۇلارنى دوستىدەك چۈشىنىمەن»، دەپ قارىدىم.
مەن ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلدۈم، ئوقۇغۇچىلارمۇ چوڭ بىر ھەدىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندەك ماڭا كۆڭۈل بۆلدى.
بىر كۈنى كەچلىك مۇزاكىرىدىن كېيىن، مەن ئىشخانىدا سىنىپتىكى بارلىق سىنىپ ھەيئەتلىرىگە كىچىك يىغىن ئاچتىم. يىغىندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنى دەرھال ياتاققا قايتىشقا بۇيرۇدۇم. مېنىڭ يەنە قېپقالغان ئىككى- ئۈچ پارچە تەكشۈرىدىغان تاپشۇرۇقۇم بار ئىدى، تاپشۇرۇقنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئوقۇتقۇچى- خىزمەتچىلەر ياتىقىغا قايتماقچى بولدۇم. بىردەمدىن كېيىن، تاپشۇرۇقنى تەكشۈرۈپ بولۇپ قايتىپ كەتمەكچى بولدۇم، ئىشخانا بىناسىنىڭ كارىدورى قاراڭغۇ بولۇپ كەتكەن ئىدى. پەلەمپەيدىن چۈشەي دەپ تۇرغىنىمدا، يورۇق كۆرۈندى، سەككىز سىنىپ ھەيئىتى پەلەمپەي دوقمۇشىدا رەتلىك تۇرۇپ، يان تېلېفون چىرىغىنى ياندۇرۇپ تۇراتتى.
«قايتمىدىڭلارمۇ؟» دەپ سورىدىم.
ئوقۇغۇچىلار: «بىز بىنادىن چۈشۈپ، بىنانىڭ بۇنداق قاراڭغۇ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، سىزنىڭ يالغۇز قورقۇپ كېتىشىڭىزدىن ئەنسىرەپ، يەنە قايتىپ سىزنى ئالغىلى كەلدۇق!» دېدى.
بىردىنلا بوغۇزۇمغا بىرنەرسە كەپلىشىپ قالدى، مەن ئۇلارنى تېخى بالا دەپ ھېسابلاۋاتسام، كىچىككىنە ئۇلار ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ماڭا كۆڭۈل بۆلۈۋېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى، ياز چېچەكلىرىدەك چاقناپ تۇرغان تەبەسسۇمى ماڭا ئىللىقلىق بېغىشلىدى. ئۇ چاغدا مەكتەپ ھويلىسى جىمجىت ئىدى، گەرچە پەقەت يان تېلېفون يورۇتۇپ تۇرۇۋاتقان، يول چىراغلىرى غۇۋا بولسىمۇ، لېكىن ئۇ نۇر ناھايىتى ئىللىق بولۇپ، قەلبىمگىچە ئىللىتتى.
شۇ دەقىقىدە، مەن ئوقۇتقۇچى بولۇشنىڭ ھەقىقەتەن بەك بەختلىكلىكىنى ھېس قىلدىم!
بىر كۈنلۈك ئۇستاز، ئۆمۈرلۈك ئۇستاز، گەرچە خىزمىتىمدە ئۆزگىرىش بولۇپ، مەكتەپتىن ئايرىلغىنىمغا ئۇزاق يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا يەنىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىلىق سالىمىنى قوبۇل قىلىمەن. ئەينى يىللاردىكى ياز چېچەكلىرىدەك چاقناپ تۇرغان تەبەسسۇم ھېلىمۇ ئېسىمدە، يەنىلا كۆز ئالدىمدا ۋە قەلبىمدە پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇرغان بولۇپ، ئىللىق ۋە ئوماق.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى كۆكخوت شەھىرى خۇيمىن رايونى نۇرلۇق يولى ئىش بېجىرىش باشقارمىسى
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)