− ئۈرۈمچى 4- پەسىلدىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىدۇ
4- پەسىل پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھالقىلىق پەسىل، كۈچەش مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر يىل ئاخىرىغا ئىككى ئايلا قالدى، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئاتاكىغا ئۆتۈش ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، مۇھىم ئۆتكەللەرنى ھۇجۇم بىلەن ئېلىشتەك ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى. گەرچە تېمپېراتۇرا تەدرىجىي سوۋۇشقا باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۈرۈمچىنىڭ تەرەققىيات قىزغىنلىقى سىجىل ئاشتى.
نۇقتىلىق تۈرلەر ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان «تۇراقلاشتۇرغۇچ»، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان «قاتتىق تىرەك». 10- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن 31- كۈنىگىچە ئىككى كۈن داۋاملاشقان پۈتۈن شەھەر بويىچە ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ۋە تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدان يىغىنى، بىر- بىرلەپ تېز ئالغا سىلجىتىلىدىغان نۇقتىلىق تۈرلەردە قىزغىنلىقنى ئاشۇردى. ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر بولۇشتەك جىددىي ۋەزىيەتكە قارىتا، ئۈرۈمچى پۈتۈن يىللىق ۋەزىپىلەرگە توغرىلىنىپ، 4- پەسىلدىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىدۇ.
شىنجاڭ يىندولەن دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللەتلەر تېبابىتى دورىلىرى كەسىپلەر باغچىسىدا خىزمەتچى خادىم ئۈسكۈنىلەرنىڭ قۇراشتۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى لېي فوتوسى)
جىڭدۇڭ «ئاسىيا 1- نومۇر» ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەر باغچىسىدىن كۆرۈنۈش. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن شىڭيۈ فوتوسى)
شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى − شاجىچۇەن (ئۈرۈمچى) ئوتلېتس مەيدانىدا رەسمىي تىجارەت باشلاندى. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ ماتېرىيال سۈرىتى)
شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنىڭ باشلىنىش ۋەزىيىتىنى باشلاش
يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا سۈرئەت تېزلىتىلدى
شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت تۈرىدە تورلاشتۇرۇلغان تۈگۈنلەرگە چىڭ قادىلىپ، تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپ زەنجىرى تېز ئورۇنلاشتۇرۇلدى... «قوش كاربون» نىشانى ئاستىدا «جەنۇبنىڭ شامىلى، شىمالنىڭ يورۇقلۇقى» يېڭى ئېنېرگىيە ئېچىشتىكى ناھايىتى بازارلىق گۆھەر تۇپراققا ئايلانماقتا.
ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (سانائەت رايونى)غا جايلاشقان شىنجاڭ جۇڭبۇ خېشېڭ كىرېمنىي چەكلىك شىركىتىدە جۇڭغار ئويمانلىقىدىن كەلتۈرۈلگەن بىر پارچە شېغىلتاش بىر قاتار ئىشلەپچىقىرىش ئىش تەرتىپى ئارقىلىق قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسىغا ئورنىتىلىدىغان باتارېيە ياپراقچىسىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىشقا ئىشلىتىلدى.
يورۇقلۇق ۋولت كەسپىنىڭ يادرولۇق خام ماتېرىيالى بولغان كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىينىڭ سۈپىتى يورۇقلۇق ۋولت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدۇ. شىنجاڭدا كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي كەسپى بىرقەدەر بالدۇر باشلانغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مول قېزىلما بايلىقى ۋە رايون ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، تېز قەد كۆتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلاردا مۇھىم تەمىنلەش سودىگىرىگە ئايلاندى. 2021- يىلى خېشېڭ كىرېمنىي پاي چەكلىك شىركىتى 42 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا «كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي- يالپاقلانغان يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي- باتارېيە بىرىكمە دېتالى- يورۇقلۇق ۋولت ئەينىكى- يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش» پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى باغچە رايونىنى بەرپا قىلدى. ھازىر بۇ تۈرگە سېلىنغان مەبلەغ تەخمىنەن 30 مىليارد يۈەنگە يەتتى.
ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرى يېڭى ئېنېرگىيەدە كەم بولسا بولمايدىغان «سۇ كۆلچىكى»، شۇنداقلا يېڭى ئېنېرگىيەنى كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش يۈزلىنىشىدە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم يولى. يېڭى ئېنېرگىيەنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ تېزلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تەرەققىياتىدا «تېزلىتىش كۇنۇپكىسى» سىجىل بېسىلدى.
بۇ يىل شىنجاڭ شېڭرۇي لۈيۈەن يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ 5GWh لىتىيلىق باتارېيە كەسىپلەر باغچىسى تۈرى مىدۇڭ رايونىغا ماكانلاشتى، ئىش باشلانغاندىن تارتىپ 1- قارارلىق سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشكىچە پەقەت 66 كۈنلا ۋاقىت كەتتى.
10- ئاينىڭ 30- كۈنى شىنجاڭ شېڭرۇي لۈيۈەن يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى لىتىيلىق باتارېيە كەسىپلەر باغچىسى تۈرىنىڭ مەسئۇلى خۇاڭ چېڭ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىزنىڭ تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تارىخىدا ئەڭ تېز رېكورت يارىتىلدى.
5GWh لىتىيلىق باتارېيە كەسىپلەر باغچىسى تۈرىدە ئاساسلىقى ئېنېرگىيە ساقلايدىغان لىتىيلىق باتارېيە، ھىدروگېن يېقىلغۇلۇق باتارېيە قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ 5GWhقا، يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 2 مىليارد يۈەنگە يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ تۈر مىدۇڭ رايونىنىڭ يورۇقلۇق ۋولت كەسىپ زەنجىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم بىر ھالقا بولۇپ، يورۇقلۇق ۋولت بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇش، يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپ زەنجىرى ۋە قىممەت زەنجىرىنى ئۇزارتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ تۈر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، پۈتۈن شەھەر، ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ لىتىيلىق باتارېيە ۋە ھىدروگېن ساقلاش ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ.
يېڭى مۇسابىقە يولىنى ئورۇنلاشتۇرۇش
بىيوتېببىي دورا كەسىپ زەنجىرى كۈچەيتىلدى
بىيوتېببىي دورا كەسپى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولۇۋاتقان كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، «مەڭگۈ خارابلاشمايدىغان گۈللىنىۋاتقان كەسىپ» دەپ ئاتالغان، پۈتۈن يەرشارىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن- تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچى رىقابىتىدىكى قىزىق نۇقتا ساھەلىرىنىڭ بىرى، رىقابەت بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان مۇسابىقە يولى.
نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرى بىيو تېببىي دورا يېڭى مۇسابىقە يولىنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق كەسىپ تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈرتكە بولدى.
يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)غا جايلاشقان يىندولەن جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللەتلەر تېبابىتى دورىلىرى كەسىپلەر باغچىسى تۈرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا ئىشچىلار جىددىي، تەرتىپلىك قۇرۇلۇش قىلىۋاتاتتى، پۈتكەن سېخلاردا تېخنىك خادىملار ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى تەڭشەۋاتاتتى. بۇ تۈرنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 250 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىلغار تابلېتكا دورا ۋە كاپسۇللۇق دورىنىڭ ئاليۇمىن- سولياۋ كۆپۈك قاپلىق ئوراش- قاچىلاش لىنىيەسى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يالپاقلاش ماشىنىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر كىرگۈزۈلدى.
شىنجاڭ يىندولەن دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى خۇاڭ لېي مۇنداق دېدى: «ھازىر زاۋۇت رايونىدا ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش، تەڭشەش ۋە تۇتاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، ئۈسكۈنىلەر تەڭشەلگەندىن كېيىن، يىل ئاخىرىدا سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۆلچەرلەنمەكتە. كەسىپلەر باغچىسى تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھازىرقى زاۋۇت رايونىدىكىدىن ئون ھەسسە ئاشىدۇ».
نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرى بىيولوگىيە، ماتېرىيال، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردە چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر- سەنئەت، يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە كېڭەيتىشنى بىيوتېببىي دور ئومۇمىي كەسىپ زەنجىرىدە قوللىنىپ، پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلەتمەكتە.
يىندولەن جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللەتلەر تېبابىتى دورىلىرى كەسىپلەر باغچىسى جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللەتلەر تېبابىتى دورىلىرى سانائىتىنى چۆرىدەپ زامانىۋىلاشقان تېخنىكا سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، دىققەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللەتلەر تېبابىتى دورىلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەتقىقات مەركىزى، ئىشلەپچىقىرىش- ياساش مەركىزى، پەن تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىنى توپلاش مەركىزى ۋە جۇڭيې تېبابىتى دورىلىرى مەدەنىيىتىنى سىرتقا ئالماشتۇرۇش مەركىزىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىدۇ.
خۇاڭ لېي مۇنداق دېدى: كارخانىمىز ھازىر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىللە، كەسىپلەر باغچىسى تۈرىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، تۈرنىڭ بالدۇر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى، بالدۇر ئۈنۈم بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللەتلەر تېبابىتى دورىلىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە ئۈرۈمچى بىر تۈركۈم تېببىي دورا نۇقتىلىق كارخانىلىرىنى تايانچ قىلىپ، «زەنجىرنى كۈچەيتىپ»، «زەنجىرنى تولۇقلاپ»، بىيوتېببىي دورا كەسپىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭيې تېبابىتى دورىلىرى، مىللەتلەر تېبابىتى دورىلىرىنى ئىنچىكە ئايرىش مۇسابىقە يولىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق قىممەت زەنجىرىنى ئۆستۈرۈپ، تېببىي دورا كەسپىنىڭ تېز سۈرئەتتە سىغىمىنى كېڭەيتىشنى يەنىمۇ ئىشقا ئاشۇردى.
يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گۇي خاۋ مۇنداق دېدى: يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) دىققەتنى بىيوتېببىي دورا، ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىسادى، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھات ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىيات ئارقىلىق تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىشنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي كەسپى گەۋدىلىك، ئالاھىدىلىكى روشەن، كۆپ مەنبەلىك تەرەققىي قىلغان، تۈجۈپىلىك ماسلاشقان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى بەرپا قىلىدۇ.
بۇ يىل شىنجاڭ فۇفېڭ بىيو پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ھايۋانلاردىكى ئوزۇقلۇق ئامىنو كىسلاتاسى بويىچە 10 مىڭ توننىلىق تۈرى، كىسانتان يېلىمىنى رەقەملەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش ۋە تاشلاندۇقلاردىن تۆۋەن كاربونلۇق ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش تۈرى، ئامىنو كىسلاتاسى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى ۋە يۈرۈشلۈك ئەسلىھە تۈرى، 350 مىڭ توننىلىق كۆممىقوناق كىراخمالىنى ئىنچىكە پىششىقلاش ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە يۈرۈشلۈك ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۆت تۈردە بۇ يىل 3- ئايدا قۇرۇلۇش باشلىنىپ، بۇ يىل 9- ئايدا سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ تۈرنىڭ ھەممىسى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شىركەت يىلدا 500 مىڭ توننا كۆممىقوناقنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلايدۇ.
شەھەرنى يېڭىلاش
مەدەنىيەت- ساياھەت كەسىپ ھالىتى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاندى
دۆلىتىمىز ئىستىراھەت ساياھەت بازىرىنىڭ سىجىل جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، ساياھەت ئىستىراھەت كوچا رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ ئارام ئالىدىغان مۇھىم مەنزىلگاھىغا ئايلاندى.
ئۈرۈمچى شەھىرى تېخىمۇ كۆپ رايون خاسلىقىغا باي ساياھەت ئىستىراھەت كوچا رايونى بەرپا قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىيەتنى چوڭقۇر ھېس قىلىش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇردى.
موجيې 969 مەدەنىيەت- ساياھەت باغچىسى ئىجادىي يېمەك- ئىچمەك، مەدەنىيەت- ساياھەت، ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش، ئاتا- ئانىلار، بالىلار مەدەنىيەت كۆڭۈل ئېچىش، شەھەر دالىدا قونۇش رايونى، سەنئەت، تەنتەربىيە بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال ئىجادىيەت باغچە رايونى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئارقا- ئارقىدىن تىجارەت باشلاش پىلانلانغان بولۇپ، كەلگۈسىدە شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ يېڭى داكا قىلىش نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ.
شىنجاڭ موجيې مەدەنىيەت- ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى فۇ لېي مۇنداق دېدى: ھازىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 30دىن ئارتۇق سودىگەر چاقىردۇق، بۇ شياڭ Live-house، سۆيۈملۈك شىنجاڭ، ARK ديەنيىن مەيخانىسى، مېي KTV، دېكېشى قاتارلىق داڭلىق ماركىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىستېمالچىلارنى ھەر تەرەپلىمە ھېس قىلىش بىلەن تەمىنلەپ، بىر پونكىت شەكلىدىكى «يېمەك- ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەر قىلىش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش» سورۇنى بەرپا قىلىمىز.
شىمىگۇ رايونىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رايون باشلىقى جاڭ جېنجياڭ مۇنداق دېدى: بۇ تۈردە ئەسلىدىكى شىمالىي شەھەر ئەتراپى يولۇچىلار بېكىتىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق «يېمەك- ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەر قىلىش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش»نى چۆرىدەپ خاس كوچا رايونى بەرپا قىلىنىپ، ئەتراپتا سودىنى گۈللەندۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، نەنخۇ سودا چەمبىرىكى، كۆرگەزمە مەركىزى سودا چەمبىرىكى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇلىدۇ.
جىنجيې خاس كوچا رايونى كۆرگەزمە مەركىزى ۋۇيۆ مەيدانى تۈرىنىڭ بىر قىسمى، ھازىر قۇرۇلۇش سۈرئىتى ۋە سودىگەر چاقىرىش تېزلىتىلىپ، 115 سودىگەر ماكانلاشتۇرۇلدى، 231 دۇكان بىلەن كېلىشىم ئىمزالاندى، 2025- يىلى 6- ئايدا ئومۇميۈزلۈك رەستە ئېچىلىپ، مەدەنىيەت- ساياھەت ئۈلگە كۆرسىتىش كوچا رايونى بەرپا قىلىش پىلانلاندى.
شىنچېڭ پاي كونترول گۇرۇھى ئۈرۈمچى كۆرگەزمە مەركىزى ۋۇيۆ مەيدانى سودىگەر چاقىرىش تىجارەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاۋ شۆ مۇنداق دېدى: «كۆرگەزمە مەركىزى ۋۇيۆ مەيدانىدا تىجارەت باشلانغاندىن بۇيان، كۈندىلىك خېرىدار ئېقىمى 30 مىڭغا يەتتى، يىللىق سېتىش سوممىسىنى 1 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈش، 3000دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش مۆلچەرلەنمەكتە».
ۋەنكې دۇخۇي كەلگۈسى شەھەرچىسى 1- قارارغا ئېسىلغان «ئۆيگە قايتىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز» دېگەن لوزۇنكا مۈلۈك ئىگىلىرىگە ئىللىق تۇيغۇ ئاتا قىلدى، ئولتۇراق رايوندا دەل- دەرەخلەر بۈك- باراقسان ئۆسكەن، فونتاندىن سۇ ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدۇ، ئەتراپتا مەكتەپ، باغچە، كىتابخانا، قەھۋەخانا قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، ئەنئەنىۋى يالغۇز ئارال شەكلىدىكى تۇرالغۇ ئەندىزىسى بۇزۇپ تاشلاندى.
ۋەنكې دۇخۇي كەلگۈسى شەھەرچىسى تۈرىگە جەمئىي 10 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 1 مىليون 540 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئىككى قارارغا بۆلۈپ قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ، 1- قاراردا 2021- يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، 2025- يىلى 7- ئايدا تاپشۇرۇش پىلانلانغان، 2- قاراردا 2022- يىلى 5- ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، 2026- يىلى 12- ئايدا تاپشۇرۇش پىلانلانغان.
ۋەنكې دۇخۇي كەلگۈسى شەھەرچىسى تۈرىنىڭ شېرىكى جياۋ شۇلېي مۇنداق دېدى: بۇ تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ 1- قارارىدا 3466 يۈرۈش ئۆي قۇرۇلۇشى تاماملاپ تاپشۇرۇلۇپ، ئۆينى تاپشۇرۇش بىلەن كىنىشكا بېرىش تەڭ ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 960 مۈلۈك ئىگىسى كۆچۈپ كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 22- باشلانغۇچ مەكتەپ چىماشەن مەكتەپ رايونىمۇ پۈتكۈزۈلۈپ، كۆچۈپ كىرگەن ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىككى ئوقۇتۇش سىنىپى تەسىس قىلىنىپ، بالىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا مەكتەپكە كىرىشىگە قولايلىق يارىتىلدى.
ساياھەت ئىستىراھەت كوچا رايونى بىر شەھەرنىڭ ئەڭ يادرولۇق مەدەنىيەت باش تېمىسىنى نامايان قىلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىدە ساياھەت، ئىستىراھەت كوچا رايونلىرىنىڭ ئېچىلىپ، سۈپەت دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، مەدەنىيەت بەلگىسى تېخىمۇ ئايدىڭلىشىپ، شەھەرنىڭ ئوبرازى، تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، شەھەرنىڭ يېڭىلىنىشىغا كۈچ قوشتى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئېرداۋچياۋ مەدەنىيەت سېھرىي كۈچىگە ئىگە كوچا رايونى بىر چوڭ يارقىن نۇقتا.
ئېرداۋچياۋ مەدەنىيەت سېھرىي كۈچىگە ئىگە كوچا رايونى «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن مەدەنىيىتى، كۆپ مىللەت ئىناق بىللە ياشاش، ساياھەت بايلىقى مول بولۇش»نى مەركەزلىك نامايان قىلىدىغان خاس جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە كوچا رايونى بولۇپ، ساياھەتچىلەرگە «رايون خاسلىقىغا ئىگە ئىمارەتلەرنى تاماشا قىلىش، بازار سودا ئۆرپ- ئادەتلىرىنى تاماشا قىلىش، شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىپ بېقىش، كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن مەدەنىيەتتىن بەھرىمەن بولۇش»تىن ئىبارەت شەھەر خاس مەدەنىيەت ساياھىتى يېڭى تەسىراتى ئاتا قىلىدۇ.
ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى مەدەنىيەت- ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ما ۋېنجۈن مۇنداق دېدى: چوڭ بازار مەنزىرە رايونى ئېرداۋچياۋ مەدەنىيەت سېھرىي كۈچىگە ئىگە كوچا رايونىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بۇ يىل 1- ئايدىن 9- ئايغىچە چوڭ بازارنىڭ كۈندىلىك ساياھەتچى ئېقىمى تەخمىنەن 180 مىڭ (قېتىم) بولدى. چوڭ بازار مەنزىرە رايونى تەدرىجىي ھالدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ساياھەت «ئالتۇن نام كارتىسى»غا ئايلاندى، تىيانشان رايونىمۇ ئېرداۋچياۋ مەدەنىيەت سېھرىي كۈچىگە ئىگە كوچا رايونىنىڭ «ئىناق، ياشاشقا ماس كېلىدىغان» فۇنكسىيەسىنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭ مىللەتلەر كوچىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش، تيەنيۈگې كەسىپ ھالىتىنىڭ خوت يۆتكەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يۇڭخې كوچىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى.
ئىستېمالنى قوزغىتىش
سودا- ئەشيا ئوبوروتى تۈرى ئېقىم مىقدارىنىڭ مەخپىي شىفىرى يېشىلدى
يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، بىيوتېببىي دورا... قۇرۇلۇۋاتقان بىر تۈر بىر ئېشىش نۇقتىسى؛ قۇرۇلۇۋاتقان بىر تۈركۈم تۈرلەر بىر ئېشىش قۇتۇبى ھېسابلىنىدۇ.
ئۈرۈمچىدە ئىلگىرى تېرىلغان چوڭ- چوڭ سودا- ئەشيا ئوبوروتى تۈرلىرىنىڭ «ئۇرۇقى» ئاللىقاچان يىلتىز تارتىپ بىخلىنىپ، چېچەكلەپ مېۋە بېرىپ، ئۈرۈمچى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى موتورغا ئايلاندى.
ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ يېڭى سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى بولغان شاجىچۇەن (ئۈرۈمچى) ئوتلېتستا تىجارەت باشلاش ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ ئېقىمىنىڭ تېز سۈرئەتتە يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولدى. 9- ئاينىڭ 27- كۈنى تىجارەت باشلىغاندىن كېيىنكى 36 سائەتتە سېتىش سوممىسى 51 مىليون 300 مىڭ يۈەنگە، مۇلازىمەت قىلىنغان خېرىدارلار ئېقىمى 300 مىڭ (قېتىم)غا يەتتى، يىل ئاخىرىغىچە سېتىش سوممىسىنى 250 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈش مۆلچەرلەندى.
ئۈرۈمچى خەلقئارا توقۇلما بۇيۇملار كىيىم- كېچەك سودا مەركىزى كىرگۈزگەن نۇقتىلىق تۈر بولغان، شاجىچۇەن (ئۈرۈمچى) ئوتلېتس پەرقلىق رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ئۈرۈمچى سودا مۇھىتىنىڭ يېڭىلىنىپ دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىنى تېزلىتىپ، خەلقئارا توقۇلما بۇيۇملار كىيىم- كېچەك سودا مەركىزى باغچە رايونىنىڭ سودا كەيپىياتىنى يارىتىشىدا تۈرتكىلىك رول ئويناپ، ئەتراپتىكى خېرىدارلار توپىنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالغۇچىنى جەلپ قىلدى.
سودا- ئەشيا ئوبوروتى تۈرى ئېقىم مىقدارىغا ئىگە تۈردىن يەنە جىڭدۇڭ «ئاسىيا 1- نومۇر» ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەر باغچىسىمۇ بار .
جىڭدۇڭ «ئاسىيا 1- نومۇر» 2021- يىلى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، كىرگۈزۈلگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئايرىش ئامبىرى دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ئىلغار ئېلېكتىرونلۇق سودا- ئەشيا ئوبوروتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئايرىش لىنىيەسىنىڭ بىرى بولۇپ، كۈندىلىك ئەڭ يۇقىرى بىر تەرەپ قىلىش مىقدارى 1 مىليونغا يېتىدۇ.
جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى تەمىنلەش زەنجىرى كەسپىي بۆلۈمى شىنجاڭ رايونى ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى جۇ جىنخۇي مۇنداق دېدى: بۇ يىل جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى يۇقىرى سۈپەتلىك ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاش بىلەن بىللە، يەنە ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاپتوماتىك ئۈسكۈنىلەرگە سىجىل مەبلەغ سالدى ھەمدە ئامباردا ساقلاش، تەقسىملەش تەمىنلەش زەنجىرى مۇلازىمىتىنى ئاساس قىلىپ، شىنجاڭدىكى كارخانىلارنى ئامباردا ساقلاش بىلەن تەقسىملەش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى كالا، قوي گۆشى قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ «سىرتقا چىقىرىلىشى»غا كۈچ قوشتى. جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى يەنە جىڭدۇڭ ئۈرۈمچى «ئاسىيا 1- نومۇر»نى يادرو قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ تاشقى كارخانا بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، بىرلىكتە شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ.
ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جوۋ چېن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، سودا- ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى بىلەن يەرلىكتىكى ئەمەلىي كەسىپلەرنىڭ ھەمتۈرتكىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش تىپىدىكى كارخانىلارنى «ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن ئۇچرىشىشىپ تورغا چىقىش»قا رىغبەتلەندۈرۈپ، جىڭدۇڭ قاتارلىق داڭلىق ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىنىڭ داڭلىق ماركا تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ خاس ئەۋزەل مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى- سىرتىدا بازار ئېچىشىغا تۈرتكە بولىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قۇرۇقلۇق پورتى تۈگۈنى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ باجدىن خالىي ئىقتىدار ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ماشىنا- ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، تۈرلۈك ماللار قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى شىنجاڭدا ياساشقا تۈرتكە بولۇپ، نورمىلىق باشقۇرۇلمايدىغان كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا پائال جەلپ قىلىپ، باجدىن خالىي پىششىقلاش سودا كۆلىمىنى ئاشۇرىمىز.
نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانلىرىدا «ئۈرۈمچى سۈرئىتى» يېڭىلىنىپ، دىققەت پۈتۈن يىللىق نىشان- ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىپ، ئەڭ زور يوشۇرۇن كۈچ قېزىلىپ، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇلماقتا.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋاڭ لىلى، مۇ مىن، جيا مېڭيەن، تاڭ خۇڭمېي، گەي يۈ، ۋاڭ لىنا، ۋاڭ لېي خەۋىرى)