− ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لار ئالدىغا ماڭغانلارغا يېتىشىۋېلىشنى كۆزلەپ، نىشانغا قاراپ ئاتلاندى
ۋەنكې دۇخۇي كەلگۈسى شەھەرچىسى.(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى جىپېڭ فوتوسى)
قانچىكى ئاچقۇچلۇق پەيتتە، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، شۇنچە تىرىشىپ ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. 4- پەسىل پۈتۈن يىللىق خىزمەتلەرنىڭ تاماملىنىش باسقۇچى، شۇنداقلا تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تەكشۈرىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ۋە تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدان يىغىنىدا پۈتۈن شەھەر بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، سۈرئەتنى چىڭ تۇتۇپ، بۇ يىللىق «تاماملاش جېڭى»نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، كېلەر يىللىق «تەييارلىق خىزمەتلىرى»گە تۇتۇش قىلىش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىلدى.
ھەقىقەت يولى ئاددىي بولىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم. پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇش، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدە سىجىل قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ھەم ئىشنى كۈچەپ تېز ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان غەيرەت- شىجائەتنى كۈچەيتىش، ھەم ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان ئىشەنچ ۋە جاسارەتنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لار ئالدىدا ماڭغانلارغا يېتىشىۋېلىشنى كۆزلەپ، نىشانغا قاراپ ئاتلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سىياسەت- تەدبىرلەرنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈملۈكلۈكىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن «ئېلىشىپ»، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇردى.
مىدۇڭ رايونى
ئومۇمىي ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچى پۈتۈن شەھەر بويىچە «1- جۈنتۇەن» قاتارىغا ئۆتتى
مىدۇڭ رايونى مەبلەغ سېلىشنى چىڭ تۇتۇپ ساھەنى كېڭەيتىش، سانائەتنى چىڭ تۇتۇپ كۆلەمنى كېڭەيتىش، سودىنى چىڭ تۇتۇپ سېتىشنى كېڭەيتىش، مالىيەنى چىڭ تۇتۇپ كىرىم مەنبەسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئومۇمىي ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچتە پۈتۈن شەھەر بويىچە «1- جۈنتۇەن» قاتارىغا كىرىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى.
مىدۇڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي مۇئاۋىن رايون باشلىقى لياڭ جېن مۇنداق دېدى: مىدۇڭ رايونى يورۇقلۇق ۋولت كەسپى تەرەققىياتىنىڭ شامال ئېغىزىنى نىشانلاپ، گېنېراتورلار ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 20GW بولغان يورۇقلۇق ۋولت بازىسى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ بەش يىللىق پىلاننى ئۈچ يىللىق قۇرۇلۇشقا تەڭشىدى. بۇ يىل 1- ئايدىن 9- ئايغىچە جۇڭگو لۈديەن گۇرۇھى، خۇاديەن گۇرۇھى قاتارلىقلار قۇرۇۋاتقان سەككىز يورۇقلۇق ۋولت تۈرىگە جەمئىي 10 مىليارد 150 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، پۈتۈن رايون مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 9 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇندى، سېلىنما ئارقىلىق تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %43.52كە يەتكۈزۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سانائەت ساھەسى سېلىنمىسى پائال كېڭەيتىلىپ، 70 تېخنىكا ئۆزگەرتىش تۈرىنىڭ سانائەت تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولۇش نىسبىتى 2- پەسىلدىكى %16.22تىن %45.82كە كۆپەيدى.
يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇلۇپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى توپلاندى. مىدۇڭ رايونى ساقلانما مىقدارلىق باشلامچى كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتنى مۇقىم ئاشۇرۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ نېفىت ئايرىش مىقدارى، خۇاتەي ئېغىر خىمىيە سانائىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش يۈكى يۇقىرى ھالەتنى ساقلاش ئىقتىدارى ۋە ۋۇدۇڭ كۆمۈر كېنىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، ئېشىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، شيۇڭتاۋ 5GVh يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېنېرگىيە ساقلايدىغان لىتىي باتارېيە ئېلېكتىر ئۆزىكى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، گوفۇ ھىدروگېن ئېنېرگىيەسىنىڭ يىلىغا 10 مىڭ توننا ئېلېكتىرولىزلانغان سۇدىن ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش تۈرى، خۇڭلىڭ كىرېمنىي ماتېرىياللىرى (ئۈرۈمچى) چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 100 مىڭ توننا يۇقىرى ساپلىقتىكى كىرىستاللىق كىرېمنىي ئىشلەپچىقىرىش تۈرى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرنى كىرگۈزۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۇزارتىپ، سانائەت قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇردى.
سودا ئارقىلىق سېتىشنى كېڭەيتىش جەھەتتە، مىدۇڭ رايونى ئاپتوموبىل سېتىشتىن ئىبارەت ئاساسى ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، گۇاڭخۇي ئاپتوموبىل شىركىتى ئەسلىي ماركىسىنى ساقلاپ قېلىپ، بەزى ماركىلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا يېتەكلەش، تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى كىرگۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاپتوموبىل ئىستېمالىنىڭ قايتا ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى ئىستېمال قىزىق نۇقتىلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، شۇاڭيىن خەلقئارا مېھمانسارىيى، خۇەنچيۇ مەززىلىك تائاملار كوچىسى، جېجياڭلىق سودىگەرلەر مەركىزىي مېھمانساراي توپى ۋە سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى قاتارلىق سودا تۈر قۇرۇلۇشىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئىستېمال سودا چەمبىرىكىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدى.
كىرگۈزۈش بىلەن بىللە، يەنە سىرتقىمۇ چىقىرىش كېرەك. مىدۇڭ رايونى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق سۇپىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، تاشقى مەبلەغ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنى زور كۈچ بىلەن كىرگۈزدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقىدار كارخانىلارنى تۈرلۈك كۆرگەزمىلەرگە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ چەت ئەلدىن زاكاز ئىزدىشىگە، تاشقى سودا پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا، ئېكسپورت مىقدارىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بەردى. ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى
تۇدۇڭخابا رايونى
نۇقتىلىق كارخانا ۋە تۈرلەرنى ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىپ، نورمىدىن يۇقىرى كۆلەمدىكى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، جىڭدۇڭ جىنيىڭ، مېيرى مىييې، باديەنبەن، شاجىچۇەن قاتارلىق كارخانىلارنىڭ پارچە سېتىش سوممىسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)نىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولۇپ، تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى تېز ئېشىپ، پۈتۈن شەھەردە ئىگىلىگەن نىسبىتى %60كە يەتتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سوممىسى 2.5 ھەسسە ئاشتى.
ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)لىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى (رايون باشلىقى) دىڭ جىجۈن مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ۋە تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدان يىغىنى ئارقىلىق ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا شەكىللەنگەن قىزغىن قۇرۇلۇش قىلىش ھالىتىنى، كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يۇقىرى ئۆرلەش روھىي ھالىتىنى ھېس قىلدۇق، پۈتۈن شەھەر ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ياخشى كۆزلىمىسى ۋە كەڭ ئىستىقبالىنى كۆردۇق. ئۆزئارا ئۆگىنىش، سېلىشتۇرۇش جەريانىدا باشقا رايون، ناھىيەلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى خاتىرىلەپ، ئۆزىمىزدە ساقلانغان كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەر ئۈستىدە ئويلىنىپ، پۈتۈن شەھەر بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلەش ئىشەنچىسى ۋە غەيرىتىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇق.
دىڭ جىجۈن مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە نەتىجىلەرنى ئاشكارىلاش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش، پەرقنى كۆرۈش، تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پۈتۈن شەھەردە <ئۆگىنىشتە بەسلىشىپ ئېشىپ كېتىش> قويۇق كەيپىياتى يارىتىلدى. تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نىشان يۆنىلىشى، مەسئۇلىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نىشان- ۋەزىپە، ئاجىز ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىمىز».
كېيىنكى قەدەمدە ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) «يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقى توپلانما رايونى بەرپا قىلىش» نىشانى ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، يىللىق نىشان- ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن كۈچلۈك تۈرلەرنى مۇستەھكەملەپ، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاپ، تىرىشىپ ئۈرۈمچىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى موتورىغا ئايلىنىدۇ.
سانائەتنى ئەمەلىي تۇتۇش جەھەتتە، ئېشىش مىقدارىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، ساقلانما مىقدارنى مۇقىملاشتۇرۇپ، «1- ئاۋغۇست» پولات- تۆمۈر چەكلىك شىركىتى قاتارلىق نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ بازارنى كېڭەيتىش، مەھسۇلات قىممىتىنى ئاشۇرۇشىنى تېزلىتىپ، «كىچىكلىكتىن كۆلەملىشىشكە ئۆرلەيدىغان» كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، لياڭخې يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق پەن- تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسى، ئاساسىي ھۈنەر- سەنئەت يانداش كەسىپلەر باغچىسى قاتارلىق نۇقتىلىق باغچە رايونلىرىنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو 1- ئېغىر تىپتىكى ماشىنا گۇرۇھى شىنجاڭ ياسىمىچىلىقى، ۋاخاخا گۇرۇھى ئۈرۈمچى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەردە كېلىشىم ئىمزالىنىش ۋە ئۇلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىز قوغلاپ، سانائەتنىڭ «تۇراقلاشتۇرغۇچ»لۇق رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە «1- ئاۋغۇست» پولات- تۆمۈر چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىش، ئېلېكتىرولىزلاش كەسىپلەر باغچىسى قاتارلىق چوڭ- چوڭ تۈرلەر سېلىنمىسىنى قويۇپ بېرىشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئەنخۇي- شىنجاڭ يېشىل ھېسابلاش كۈچى، شاڭخەي خۇايى، جۇڭشىيۈن قاتارلىق يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، خۇايى يېڭى ئېنېرگىيەسى، ئەيدى شىنياۋ قاتارلىق يەر تاللىنىپ بولغان يېڭى تۈرلەردە ئىش باشلاشقا تۈرتكە بولۇپ، 2025- يىللىق سانائەت، سودا- ئەشيا ئوبوروتى، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى چوڭ- چوڭ تۈرلەرنى پىلانلاپ، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
سايباغ رايونى
ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى تېزلىتىدۇ
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، سايباغ رايونى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىقتىسادنى تۇتۇش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىشقا سىجىل كۈچەپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى مۇقىملىق ئاساسىدا مۇستەھكەملەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى سىجىل ياخشىلىدى.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ۋە تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدان يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى سايباغ رايونىنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئىقتىساد خىزمىتىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، پۈتۈن يىللىق نىشان- ۋەزىپىلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي تاماملىشىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.
سايباغ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن رايون باشلىقى خاۋ جى مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش جەھەتتە پائال ئىلگىرىلەپ، مەركىزىي شەھەرنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدا ئالدىدا مېڭىشى، ئۈلگە بولۇشى ئۈچۈن سايباغ رايونى كۈچىنى قوشىمىز.
بىرىنچى، يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىدۇ. سايباغ رايونى «سودا ئوبوروت كەسپى يادرولۇق رايونى، يۇقىرى دەرىجىلىك مۇلازىمەت كەسپى توپلاشقان رايون، مەدەنىيەت- سودا- ساياھەت يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى باشلامچى رايون»دىن ئىبارەت بۇ ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، مەۋقەنى بايلىق مۇھىتىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارى، جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى، كەسىپ ئاساسى قاتارلىق ئامىللارغا قويۇپ، سايباغ رايونىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانىنى، بولۇپمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى، يۇقىرى ئۆلچەمدە زامانىۋى سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسىپلەر باغچە رايونى، جيۇجياۋەن تەۋەلىك رايونى، يامالىق تېغى جەنۇبىي يولى تەۋەلىك رايونىنىڭ تىزگىنلەش خاراكتېرلىك يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، سايباغ رايونىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئىلمىي مۇۋاپىق پىلانلايدۇ.
ئىككىنچى، تۈرلەرگە تىرەك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سېلىنمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. سايباغ رايونى 26 داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرىگە مەبلەغ سېلىش، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان يەتتە تۈردە ئىش باشلاش، 24 زاپاس تۈرنى ئايلاندۇرۇشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، قىشتىكى بوش ۋاقىتنى قىشتىكى ئالدىراش ۋاقىتقا ئايلاندۇرۇپ، مۇھىم ئامىل تەمىناتى، مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پۈتۈن جەريانلىق كاپالەتنى سىجىل ياخشى تۇتىدۇ. ھازىر ئۆي- زېمىن كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، مەدەنىيەت- سودا- ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، زاپاس تۈر كۆلىمىنى 30 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى، 2025- يىلى دەسلەپكى قەدەمدە ماكانلاشتۇرغان مەبلەغنى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇشنى بېكىتتى.
ئۈچىنچى، سايباغ رايونى سانائەت كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېزلىتىپ، سانائەتنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرىدۇ. يامالىق تېغى جەنۇبىي يولىدىكى 300 مو يەر، چېگرا رايون ئەشيا ئوبوروتى باغچىسى قاتارلىق سانائەت كەسىپلەر باغچە رايونى يىرىك پىلانىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو نېفىت- خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى يۇڭفېڭ نېفىت ـ تەبىئىي گاز قۇدۇقى، شەھەرنىڭ جەنۇبىدا 200 مىڭ كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك سانائەت تۈرلىرىنى پائال پىلانلاپ، سانائەت كەسپىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىدۇ.
تۆتىنچى، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قازىدۇ. سايباغ رايونى دىققەتنى سودا چەمبىرىكىنى ئۆزگەرتىش، سىياسەت ئارقىلىق يۆلەش، كەسىپ ھالىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىستېمالدىكى ئاساسلىق كۆتۈرۈش رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىستېمالنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى شياۋمى مال تاپشۇرۇش مەركىزى، لوكېۋىيئېر كەسىپلەر باغچە رايونى، لېجى تۇرمۇش مەيدانى قاتارلىق باشلامچى تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تېزلىتىدۇ. سودا بوشلۇقىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، كوچا رايونىنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق شەھەرنى يېڭىلاشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، نۇقتىلىق ھالدا خوتەن كوچىسى مەززىلىك تائاملار كوچا رايونىنى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ بەرپا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «قوش 11»، يېڭى يىل، باھار بايرىمى قاتارلىق ئىستېمال پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك باش تېمىلىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، مەبلەغ سېلىش ئىستېمالىنى ئۇرغۇتىدۇ.
گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى
دىققەتنى يېتەكچى كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ زەنجىر شەكىللەندۈرۈپ توپقا ئايلىنىشى، توپلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، سانائەتتە كۈچلۈك شەھەر ئىستراتېگىيەسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش، ئېكسپورتنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ۋە تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدان يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى پىلانلاپ، پۈتۈن يىللىق نىشان- ۋەزىپىلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي تاماملىشىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.
گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لو جيەنگۇاڭ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ۋە تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدان يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باغچە رايونىدىكى يېتەكچى كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىش، زەنجىرنى كېڭەيتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۈرۈمچى- شەرقىي جۇڭغار كەسىپلەر رايونى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى ماس، ھەم تۈرتكە بولۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بەرپا قىلىپ، كەسىپلەرنىڭ زەنجىر شەكىللەندۈرۈپ توپقا ئايلىنىشى، توپلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، نۇقتىلىق تۈرلەر، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇش جەھەتتە پائال ئىلگىرىلەپ، مەركىزىي شەھەرنىڭ ئالدىدا مېڭىشى، ئۈلگە بولۇشى ئۈچۈن گەنچۈەنپۇ كۈچىنى قوشىمىز.
بىرىنچى: سانائەت ئاساسىنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىدۇ. بۇ رايون كەسىپ يېتەكچىلىكى ئىقتىدارىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توپلاشقان رايون بەرپا قىلىپ، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ يېتەكچى كەسىپنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زامانىۋى سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.
ئىككىنچى: نۇقتىلىق تۈرلەرنى پىلانلاپ، ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرىدۇ. بۇ رايون قۇرۇلۇۋاتقان 38 تۈرنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى چىڭ كۆزلەپ، 28 ئايلاندۇرۇش تۈرىدە ئىش باشلاشنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق مۇقىم مۈلۈك سېلىنما نىشانىنى تىرىشىپ ئورۇندايدۇ.
ئۈچىنچى: ئېكسپورتنى تېزلىتىپ، تاشقى سودا كۆلىمىنى كېڭەيتىدۇ. بۇ رايون 21 تاشقى سودا كارخانىسىنى ئىمپورت- ئېكسپورت كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشكە، ساقلانما مىقدارنى پۇختا قەدەم بىلەن ئاشۇرۇشقا تەشكىللەيدۇ. شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى گەنچۈەنپۇ فۇنكسىيەلىك رايون بۆلىكىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەت بىلەن قۇرۇپ، دۆلەت ئايرىمىسى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سۇپىسى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، خەلقئارا بازارنى كېڭەيتىشكە ياردەم بېرىپ، ئېكسپورت كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئېشىش مىقدارىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىدۇ.
يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)
ئەۋزەللىك بەرپا قىلىپ، «يۇقىرى» ۋە «يېڭى» بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى ئىشنى ئەمەلىي ئىشلەيدۇ، ياخشى ئىشلەيدۇ
يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) مەۋقەنى ئۆزىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، «يۇقىرى» ۋە «يېڭى» بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى ئىشنى ئەمەلىي ئىشلەيدۇ، ياخشى ئىشلەيدۇ.
يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)لىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، رايون باشلىقى سۇڭ جېنبو مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ۋە تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدان يىغىنى ئارقىلىق ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتى ۋە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىنى كۆردۇق، شۇنداقلا يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)نىڭ پۈتۈن شەھەرنىڭ تەرەققىياتىدىكى فۇنكسىيەلىك ئورنى، ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە دۇچ كەلگەن غايەت زور بېسىمىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇپ يەتتۇق.
پۈتۈن شىنجاڭدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى بولغان يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتنىڭ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرىنى زور كۈچ بىلەن كىرگۈزۈپ، كەسىپ ئاساسىنى كۈچەيتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولدى، ھازىر يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)غا 300دىن ئارتۇق يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا ماكانلاشتى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى %70تىن ئارتۇق بىيوتېببىي دورا كارخانىسى توپلاندى، شىنجاڭ رەقەملىك ئىقتىساد كەسپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى تەستىقىغا ئېرىشتى، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون ھەم يېڭى ماتېرىيال ساھەسىدىكى نۇرغۇن يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى توپلىدى، بىيوتېببىي دورا، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى، يېڭى ماتېرىيال يېتەكچى قىلىنغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.
يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) كۆزدىن كەچۈرۈش نەتىجە- ئۈنۈمىنى ئەستايىدىل رەتلەپ ۋە خۇلاسىلەپ، «يۇقىرى» ۋە «يېڭى» بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى ئىشنى ئەمەلىي ئىشلەيدۇ، ياخشى ئىشلەيدۇ، ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تىرىشىپ يېڭى پەللىگە كۆتۈرىدۇ. بىرىنچى، كەسىپتە كۈچلۈك رايون بەرپا قىلىپ، نۇقتىلىق كەسىپ تۈرلىرىنى پىلانلاش، زاپاس ساقلاش ۋە كەسىپ زەنجىرىدە دەل جايىدا سودىگەر چاقىرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىيوتېببىي دورا كەسپى، رەقەملىك كەسىپ، ئايرودۇرۇم ئەتراپى كەسىپ توپىنى كۈچەيتىدۇ. ئىككىنچى، پەن- تېخنىكا كۈچلۈك رايونى بەرپا قىلىپ، پەن- تېخنىكا تەتقىقات سېلىنمىسىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك پەن- تېخنىكا كۈچلىرىنى قوللاپ، تەۋەلىكتىكى يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ مۇھىم پەن- تېخنىكا ۋەزىپىلىرىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، پەن- تېخنىكىنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرىدۇ. ئۈچىنچى، ئېچىۋېتىش كۈچلۈك رايونى بەرپا قىلىپ، تەرەققىي تاپقان رايونلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تۈرلۈك ئىسلاھات سىناق ۋەزىپىسىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەت بىلەن تاماملاپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق سرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
شىمىگۇ رايونى
پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، «13321» ئىقتىساد خىزمىتى مېخانىزمىنى يېڭىلىق يارىتىپ يولغا قويىدۇ
شىمىگۇ رايونى مەركىزىي شەھەرنىڭ توپلاش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، «پۇل مۇئامىلە، يىغىن- كۆرگەزمە، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، رەقەملىك ئىقتىساد، سودا ئەشيا ئوبوروتى» قاتارلىق ئىقتىدار يۆنىلىشىنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپى توپلاشقان رايونلارنى تۈرگە ئايرىپ بەرپا قىلدى.
شىمىگۇ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رايون باشلىقى ليۇ ۋېيدۇڭ مۇنداق دېدى: مەركىزىي شەھەر رايونى بولغان شىمىگۇ رايونى تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، «13321» ئىقتىساد خىزمىتى مېخانىزمىنى يېڭىلىق يارىتىپ يولغا قويىدۇ، يەنى «بىر كارىدور ئارقىلىق يېتەكلەش، بەش رايون ماسلىشىش» بوشلۇق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ھۆددىگە ئېلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش، ھۆكۈم قىلىش»تىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك مېخانىزمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سودىگەر چاقىرىش، مۇلازىمەت قىلىش، ئىستاتىستىكا قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتىدۇ، كارخانىلارنىڭ تۈر قۇرۇلۇشىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس- تەلەپلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، پۈتۈن رايوندىكى پارتىيە ئەزالىرى- كادىرلارنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى ۋە ماھارىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.
ليۇ ۋېيدۇڭ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ۋە تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدان يىغىنىغا قاتنىشىش ئارقىلىق قېرىنداش رايون (ناھىيە)لارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى خاس يارقىن نۇقتىلىرىنى ئۆگىنىش، ئۆرنەك ئېلىش بىلەن بىللە، شىمىگۇ رايونىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلاندىم. شىمىگۇ رايونى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك نىشان- ۋەزىپىلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئورۇنداپ، مەركىزىي شەھەر ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن شىمىگۇ رايونى كۈچىنى قوشىدۇ.
شىمىگۇ رايونى كەسىپلەرنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. زامانىۋى سودا ۋە مەدەنىيەت- ساياھىتىنى يېتەكچى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ۋە پەن- تېخنىكا مۇلازىمىتىنى تىرەك قىلغان زامانىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يىغىن- كۆرگەزمە ئىقتىسادى، سودا ئىشلىرى، سودا، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، قانۇن مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، يىغىن- كۆرگەزمە رايونى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش سۇپىسىنى بەرپا قىلىدۇ؛ دىققەتنى يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، خەلقئارا بويىچە يېتىشتۈرۈش ۋە يېڭىلىق يارىتىش يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خېماچۈەن يېڭىلىق يارىتىش توپلانما رايونى بەرپا قىلىدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنىڭ كەسىپلىشىشىنى ۋە قىممەت زەنجىرىنى يۇقىرى پەللىگە ئۇزارتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن شەھەر، ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭ ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.
تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇپ، مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىشنى ياخشى ئىشلەيدۇ. تۈر قۇرۇلۇشى نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، لىسكاردۇن مېھمانساراي توپى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ماسلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى تېز شەكىللەندۈرىدۇ. تۈر زاپىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرىنىڭ سىياسىتىدىن ياخشى، تولۇق پايدىلىنىپ، تۈرلەرنى ئىلمىي پىلانلاپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا پۇختا ئاساس سالىدۇ.
ئىستېمالنى تۇتۇش، ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ. يېزا ئىگىلىكى- مەدەنىيەت- سودا- ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسى، خۇڭشۇلىن كەلگۈسى شەھەر خەلقئارا ئارامگاھى قاتارلىق بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ۋۇيۆ مەيدانى، نەنخۇ life مودا تۇرمۇش يارىتىش مەركىزى، موجيې قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك ئىستېمال مەنزىرىسىگە تايىنىپ، مەدەنىيەت- ساياھەت، ئىستېمالدىكى كۆپ خىل كەسىپ ھالىتىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، «بىر كەسىپ گۈللەنسە، ھەممە كەسىپ روناق تېپىش»نى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
تىيانشان رايونى
مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تىيانشان رايونى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئىقتىسادنى چىڭ تۇتۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ ۋە تىرىشىپ، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللاندى.
تىيانشان رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت رايون باشلىقى ئالىم مامۇت مۇنداق دېدى: ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى پايدا ئالمايدىغان مۇلازىمەت كەسپى، پۇل مۇئامىلە كەسپى، قاتناش- تىرانسپورت- ئامباردا ساقلاش ۋە پوچتا كەسپى، پايدا ئېلىش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت كەسپى، قونالغۇ ۋە يېمەك- ئىچمەك كەسپىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.6 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 3- كەسىپنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %5كە يېتىپ، شەھەر رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق موتور بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىشەنچلىك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
بۇ يىل تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ مەدەنىيەت سېھرىي كۈچىگە ئىگە كوچا رايونى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، چوڭ بازار مەنزىرە رايونىنى «مىكرو ئۆزگەرتىش · دەل جايىدا ئۆستۈرۈش» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، مەنزىرە رايونىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى، ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ خاس تارىخىي قىياپىتى ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ سەيلە- ساياھەت قىلىش، داكا قىلىپ ھېس قىلىشقا جەلپ قىلىپ، ياخشى سودا كەيپىياتى يارىتىپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە تىيانشان رايونى جەمئىي 26 مىليون 250 مىڭ ساياھەتچى(قېتىم)نى كۈتۈۋالدى، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.3 كۆپ.
تىيانشان رايونى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ۋە تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدان يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، «ئىككى مۇھىم»، «ئىككىنى يېڭىلاش» سىياسىتى پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە، مەدەنىيەت- ساياھەت، سودىدىن ئىبارەت ئۈچ يېتەكچى كەسىپنى چۆرىدەپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇش ۋە كۆپ خىللىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىدۇ؛ دىققەتنى شەھەرنىڭ مۇھىت سىغىمچانلىقى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، شەھەرنى يېڭىلاش ئارقىلىق شەھەر رايونىنىڭ كەسىپ ھالىتى، ئىقتىدارى، سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ؛ باشتىن- ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ، شەھەر رايونى ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىدۇ.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋاڭ لىنا، جيا مېڭيەن، تاڭ خۇڭمېي، مۇ مىن، ۋاڭ لىلى، گەي يۈ، ۋاڭ لېي خەۋىرى)