كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش چوڭ مېڭە بەرگەن قۇتقۇزۇش سىگنالى بولۇشى مۇمكىن
17:22:12 2024-11-04 شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

 تۇيۇقسىز كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ، ئېنىق كۆرگىلى بولمىسا، لېكىن بىرنەچچە مىنۇت ئىچىدىلا ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كەلسە، بۇ ئۆتكۈنچى خاراكتېرلىك كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش دەپ ئاتىلىدۇ.  

 تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرغاندا، ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىدە پۈتۈن بەدەندىكى قان بەدەننىڭ تۆۋەن قىسمىغا قاراپ ئېقىپ، مېڭە قىسمىنى تەمىنلەيدىغان قان ئازىيىپ كېتىشى مۇمكىن. ساغلام كىشىلەر ئادەتتە بىئاراملىق ھېس قىلمايدۇ، ئادەم بەدىنى نېرۋىنىڭ تەڭشەش مېخانىزمى ئارقىلىق باش قىسىمنى قان بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلىيالايدۇ. لېكىن بەزى كىشىلەر باش قىسمىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى ئازىيىپ كەتسە، ئۆزلۈكىدىن تەڭشەش ئارقىلىق باش قىسىمنى قان بىلەن تەمىنلەشنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلىيالمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۆرۈش تور پەردىسىگە قان يېتىشمەسلىكتىن كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىدۇ.  

 ئەگەر ياشانغانلارنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشسا، مېڭە تىقىلمىسىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. ياشانغانلاردا ئاسانلا ئارتېرىيە قېتىشىش يۈزبېرىدۇ، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشما داغ پارچىسى بويۇن ئارتېرىيەسىنى تارايتىپ، توسۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ قان بېسىمىنى تەڭشەش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا، بويۇن ئارتېرىيەسى تارايغان ياكى توسۇلغان ئاغرىقلاردا ئاسانلا كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. بۇمۇ مېڭە تىقىلمىسىنىڭ بېشارىتى.  

 يېشى چوڭىيىپ قالغانلار، تاماكا چېكىدىغانلار، يۇقىرى قان بېسىمى بارلار، قاندا ماي مىقدارى ئېشىپ كەتكەنلەر، دىيابېت كېسىلى بارلار، يۈرەك كېسىلى (دالانچە تىترەش) بارلار، ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بارلاردا دائىم كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش ئالامىتى كۆرۈلسە، تېزدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈپ مېڭە تىقىلمىسى خەۋپىنى تەكشۈرتۈش تەكلىپى بېرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125