ئۈرۈمچى «سانائەتتە كۈچلۈك شەھەر» بولۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈردى
18:16:10 2024-11-04 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

بۇ يىل 1- ئايدىن 9- ئايغىچە پۈتۈن شەھەرنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.1 ئاشتى

 سانائەت ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم تىرىكى. بۇ يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «سانائەتتە كۈچلۈك شەھەر» بولۇشنى چۆرىدەپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، سانائەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

 مۇخبىرنىڭ 11- ئاينىڭ 1- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى بىر تەرەپتىن، ساقلانما مىقدارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇپ، «جابدۇق ياسىمىچىلىقى، بىيوتېببىي دورا، خىمىيە سانائىتى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال»دىن ئىبارەت ھازىرغىچە بار بولغان بەش چوڭ ئەۋزەل كەسىپنى يەنىمۇ زورايتقان؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئېشىش مىقدارى يېتىشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، «توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك، يېشىل يېمەكلىك پىششىقلاش» قاتارلىق كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «2+5» زامانىۋى سانائەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ سانائەت تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتقان.

 ھازىر ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ بويىچە تۇنجى يورۇقلۇق ۋولت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تۈرى قۇرۇلدى، داۋانچىڭ رايونىنىڭ شامال ئېلېكتىرىنى ئېچىش سالمىقى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى، مىدۇڭ رايونىدا 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يورۇقلۇق ۋولت بازىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلمەكتە.

 ئۈرۈمچىدە كىرېمنىي ئاساس قىلىنغان، ئاليۇمىن ئاساس قىلىنغان، كاربون ئاساس قىلىنغان يېڭى ماتېرىيال كەسپى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى، يورۇقلۇق ۋولت بىرىكمە دېتالى، يۇقىرى ساپلىقتىكى ئاليۇمىن ياپراقچىسى، T400 كاربونلۇق تالا قاتارلىق نۇرغۇن مەھسۇلات شىنجاڭدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى.

 ئاپتوموبىل، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى، شامال ئېلېكتىر ۋە توك يەتكۈزۈش، تەقسىملەش قاتارلىق كەسىپلەردىن تەركىب تاپقان ئۈرۈمچىنىڭ جابدۇق ياسىمىچىلىقى پۈتۈن شىنجاڭدا بىرقەدەر كۈچلۈك رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە كەسىپلەر توپلانما رايونىنى شەكىللەندۈردى.

 بۇ يىل ئۈرۈمچىدىكى خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ ئۈنۈمى ئاشۇرۇلدى، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ PTA (ساپ تېرېفتالىك كىسلاتا) تۈرى پائال ئالغا سىلجىتىلماقتا؛ بىيوتېببىي دورا كەسپى تېز تەرەققىي قىلىپ، مىللەتلەر تېبابىتى دورىلىرى، خاس دورىلار چۆرىدىلىپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىندى ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىلدى.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ شياۋخۇڭ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، چوڭ- چوڭ سانائەت تۈرلىرى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن شەھەر سانائەت ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى.

 سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1- ئايدىن 9- ئايغىچە پۈتۈن شەھەر بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.1 ئېشىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭكى (%7.1)دىن 2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. 1- ئايدىن 9- ئايغىچە پۈتۈن شەھەرنىڭ سانائەت سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.2 ئېشىپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %40.7كە يەتكەن.

 بۇنىڭدىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى «سانائەتتە كۈچلۈك شەھەر» ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، سانائەت ئىقتىسادىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، 1- نومۇرلۇق قۇرۇلۇش قىلىدۇ ھەم خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، چوڭ- چوڭ تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش، كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش، كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، كەسىپلەرنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈپ، توپلاشتۇرۇپ، يېشىللاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۈرۈمچى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك تىرەك ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ لىلى خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125