ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى فاڭ جياۋېي، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ خۇەن
مەكتەپ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار ئويناۋېتىپ كۈتۈلمىگەن زەخىم يۈز بېرىدىغان ئەھۋال كۆپ ئۇچرايدۇ، ئەگەر ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا، مەسئۇلىيەت قانداق ئايرىلىدۇ؟ يېقىندا بىڭتۇەن 4- شىسى قورغاس بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بىمەنە چاقچاق قىلىپ ساۋاقدىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەق تەلەپ ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلىش دېلوسىنى مۇرەسسە قىلدى.
14 ياشلىق جاڭ x بىلەن 13 ياشلىق لى x شۇ جايدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان ساۋاقداشلار. 2023- يىلى 12- ئاينىڭ 7- كۈنى ئىككىيلەن تەنەپپۇس ۋاقتىدا چاقچاقلىشىپ ئوينىغان، جاڭ x ئورنىغا قايتىپ كېلىپ باشقا ساۋاقداشلىرى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا، لى x جاڭ xنىڭ ئورۇندۇقىنى ئوغرىلىقچە كەينىگە تارتىۋەتكەن، نەتىجىدە ئۇ ئولتۇرغاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن قۇرۇق يەرگە ئولتۇرۇپ يىقىلىپ چۈشۈپ، بېشى ياندىكى ئورۇندۇقنىڭ بۇرجىكىگە تېگىپ كېتىپ، بىر ھازاغىچە ئورنىدىن تۇرالماي قالغان.
جاڭ x دەرھال مۇئەللىمگە ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان، مۇئەللىم ئىككى تەرەپنىڭ ئائىلە باشلىقلىرىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلغان. ئىشتىن كېيىن جاڭ x ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئىككى دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەن، نەتىجىدە باش سۆڭىكىنى CTدا تەكشۈرگەندە نورمالسىزلىق كۆرۈلمىگەن. ئەمما، جاڭ xنىڭ ئائىلە باشلىقى خاتىرجەم بولالماي، جاڭ xنى يەنە شىنجاڭ بالىلار دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ، ئۇنىڭ مېڭە سىلكىنىش، تەشۋىشلىنىش، خامۇشلۇق ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ، 18 كۈن كېسەلخانىدا ياتقۇزۇپ داۋالىتىپ، 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق داۋالىنىش خىراجىتى چىقىم قىلغان.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن باشلاپ، لى xنىڭ ئاتا- ئانىسى جاڭ xنىڭ تەكشۈرتۈشىگە ماسلاشقان ھەمدە ئۇنىڭ ئالدىنقى ئىككى دوختۇرخانىدىكى تەكشۈرۈش ھەققىنى تۆلىگەن. جاڭ xنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق تەكشۈرتۈش نەتىجىسىگە لى xنىڭ ئاتا- ئانىسى «ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق تەكشۈرتۈش نەتىجىسى نورمال، كېيىنكى مەزگىلدىكى تەكشۈرتۈش، داۋالاش بالىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەرنى تۆلەشنى رەت قىلىمىز» دەپ قارىغان، بۇ ئىش سەۋەبىدىن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا بولغان.
جاڭ xنىڭ ئاتا- ئانىسى بىلەن لى xنىڭ ئاتا- ئانىسىنى مەكتەپنىڭ كۆپ قېتىم كېلىشتۈرۈشى نەتىجىسىز بولغانلىقتىن، 2024- يىلى 6 - ئايدا جاڭ xنىڭ ئاتا- ئانىسى جاڭ xنىڭ نامىدا لى x ۋە ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى، مەكتەپ ئۈستىدىن قورغاس بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، داۋالىنىش خىراجىتى، قاراش ھەققى، قاتناش ھەققى قاتارلىقلار بولۇپ جەمئىي 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
بۇ سوت مەھكىمىسى دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئىككى بالىنىڭ بىر سىنىپتىكى ساۋاقداش ئىكەنلىكىنى، بالا بىلەن مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش ۋە باشقۇرۇلۇش مۇناسىۋىتىدە ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ھۆكۈم چىقىرىلسا، زىددىيەت ئوڭايلا كەسكىنلىشىپ كېتىپ، بالىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆگىنىشى، تۇرمۇشىغا پايدىسىز بولىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۈچ تەرەپنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن مۇرەسسە قىلغان.
ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇنۇلار مەلۇم بولغان: مەكتەپ كۈندىلىك مەكتەپ باشقۇرۇش جەريانىدا بىخەتەرلىك تەربىيەسى ئىشلىگەن، سىنىپقا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەرىكەت مىزانى، بىخەتەرلىك مىزانىنى چاپلىغان، سىنىپ مۇدىرى ھەر ھەپتىدە بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا- ئانىسىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلغان ھەمدە جاڭ xنى دوختۇرغا ئاپىرىپ كۆرسەتكۈزگەن، مەكتەپ باشقۇرۇش ۋە تەربىيەلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان، مەكتەپنىڭ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلىش تەلىپىنىڭ قانۇنىي ئاساسى يوق.
جاڭ x يارىلانغاندىن كېيىن، گەرچە تەكشۈرتۈش نەتىجىسى نورمال بولسىمۇ، لېكىن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىدە قەرەللىك تەكشۈرتۈش تەكلىپى بېرىلگەن. جاڭ xنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق تەكشۈرتۈشى ئاخىرلىشىپ بىر كۈندىن كېيىن، يەنە ئۈرۈمچىگە داۋالانغىلى بارغان، ۋاقىت جەھەتتە ئۇلىنىشچانلىققا ئىگە، تەكشۈرۈلگەن ئورۇنمۇ جاڭ xنىڭ ئۇرۇلۇپ كەتكەن ئورنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بۇ لى xنىڭ قىلمىشى بىلەن جاڭ xنىڭ يارىلىنىش نەتىجىسى ئوتتۇرىسىدا سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. لى x گەرچە ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن ئادەم بولسىمۇ، لېكىن بەلگىلىك قائىدە ئېڭى ۋە بىلىش ئىقتىدارى بار، ئۇ جاڭ xنىڭ ئورۇندۇقىنى تارتقاندا، جاڭ xنىڭ قۇرۇق ئولتۇرۇپ يىقىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلەيدۇ، نەتىجىسىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە شۇنداق قىلغان، شۇڭا سۇبيېكتىپ جەھەتتە خاتالىقى بار، ۋەسىيسى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق لى xنىڭ ئاتا- ئانىسى جاڭ xكە 16 مىڭ 500 يۈەن تۆلەم بەرگەن ھەمدە شۇ سوتنىڭ ئۆزىدە ئادا قىلغان.
قانۇن ماددىلىرى ئۇلانمىسى
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 19- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن سەككىز ياشتىن ئاشقانلار ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەر ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى ۋاكالىتەن قىلىدۇ ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسىنىڭ ماقۇللۇقى، ئېتىراپىدىن ئۆتكۈزۈپ قىلىش كېرەك؛ لېكىن ئۇلار نوقۇل پايدا ئالىدىغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى ياكى يېشى ۋە ئەقلىگە مۇناسىپ ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنى مۇستەقىل قىلسا بولىدۇ.
27-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئاتا- ئانىلار قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ۋەسىيىسىدۇر. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا- ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ۋەسىيلىك ئىقتىدارىدىن قالغان بولسا، ۋەسىيلىك ئىقتىدارىغا ئىگە تۆۋەندىكى كىشىلەر تەرتىپ بويىچە ۋەسىيلىك قىلىدۇ: (1) بوۋا- مومىلىرى؛ (2) ئاكىسى- ئاچىسى؛ (3) ۋەسىيلىك قىلىشنى خالايدىغان باشقا شەخسلەر ياكى تەشكىلاتلار، لېكىن شۇ قۇرامىغا يەتمىگەن كىشى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى خەلق ئىشلىرى تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)