تۇرمۇش تەسىراتلىرى | ئۇزاققا سوزۇلغان كىشىلىك ھاياتتا، ئىچكى دۇنيايىمىزنى بېيىتىشنى ئۆگىنىۋالايلى
18:13:34 2024-11-04 شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

 ئىچكى دۇنيايىمىزغا قۇلاق سېلىپ، ئىچكى دۇنيايىمىزنى بېيىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئۆگىنىپ، كىشىلىك ھاياتىمىزنى ئازادە، راھەت ئۆتكۈزەيلى.

 دۇنيادا خىلمۇخىل ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ، بىز دائىم ئاڭسىز ھالدا تاشقى دۇنيادىكى ھەرخىل شەيئىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىمىز.

 ئەگەر ئىچكى دۇنيايىمىزنى بېيىتىشنى بىلمىسەك، ئەڭ ئاخىرىدا ئېنېرگىيەمىز ئۈزلۈكسىز خوراپ، ھېرىپ- چارچاپ ھالىمىزدىن كېتىمىز.

 ھەقىقىي راھەت ياشايدىغانلار ئۆزىنىڭ روھىي دۇنياسىنى بېيىتىشنى بىلىدۇ.

 باشقىلارنىڭ بەختىگە ھەۋەس قىلمايلى، ئۆزىمىزنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلايلى

 قارىغۇلارچە سېلىشتۇرۇپ خاتىرجەمسىزلەنگەندىن، ئۆزىمىزدىن گۇمانلانغاندىن كۆرە، ئۆزىمىزنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئاساسىنى پۇختىلايلى.

 نەزەرىمىزنى ئىچكى دۇنيايىمىزغا ئاغدۇرۇپ، ئېنېرگىيەنى ئۆزىمىزگە قاراتقاندىلا، ئۆز رىتىمىمىزنى ياخشى ساقلاپ، ئۆزىمىزگىلا خاس كىشىلىك ھاياتنى يارىتالايمىز.

 تۇرمۇشنىڭ جاپاسىدىن ۋايسىمايلى، ئاغرىنىشتىن يىراق تۇرايلى.

 كىشىلىك ھايات دەرۋەقە جاپا- مۇشەققەتلىك، بىز دائىم دېگۈدەك كۆڭلىمىزگە ياقمايدىغان بەزى ئىشلارغا يولۇقۇپ تۇرىمىز.

 ئاقىل كىشىلەر سەۋەبنى ئۆزىدىن ئىزدەشنى بىلىدۇ، خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئۆزىنى سىجىل پىشىپ يېتىلدۈرىدۇ.

 ھەدىسىلا ئاغرىنىش بىزنى «ئاغرىنىش- مەغلۇپ بولۇش»تەك يامان قاينامغا سىجىل غەرق قىلىدۇ، يەنە تېخى ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنى بىزدىن يىراقلاشتۇرىدۇ.

 سەۋەبنى ئىچكى دۇنيايىمىزدىن ئىزدەشنى بىلىپ، ئۆزىمىز ئۈستىدە ئويلانغان ۋاقتىمىزدا، ئالغا ئىنتىلىش كۈچى ئۇرغۇپ تېشىپ، كىشىلىك ھاياتىمىز قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ.

 ئۆتكەن ئىشلارغا ئېسىلىۋالمايلى، كىرىشىۋېلىشنى توختىتايلى

 ئۆتكەن ئىشلار ئۆتۈپ بولدى، يەنە پۇشايمان قىلىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق.

 ئۆتكەن ئىشلارنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالماي غەمگە پاتقاندىن كۆرە، ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىپ، ھاياتىمىزنىڭ ئۇ بەتلىرىنى تېز سۈرئەتتە ۋاراقلاپ ئۆتكۈزۈۋېتەيلى.

 دائىم ئۆتكەن ئىشلارغا ئېسىلىۋالساق، نۇرغۇن زېھنىي كۈچىمىز ئىسراپ بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆزىمىزنى ئازابلاپ، چەكسىز ئىچكى خوراش قاينىمىغا پېتىپ قالىمىز.

 ئۆزىمىزنى قەرەللىك «تازىلاپ»، ئىچكى جەھەتتە تاۋلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش ئاقىلانە ياشاش ئۇسۇلىدۇر.

 ئالدىمىزغا قاراشنى ئۆگەنگىنىمىزدە، گۈزەل كەلگۈسىگە باتۇرلۇق بىلەن ئاتلىنالايمىز.

 ئازراق سېلىشتۇرۇپ، كۆپرەك ئۆزىمىزنى ئىدارە قىلساق، خۇشاللىقلارغا ئېرىشەلەيمىز؛

ئازراق ئاغرىنىپ، كۆپرەك ئۆزىمىز ئۈستىدە ئويلانساق، ئارزۇ- ئارمانلىرىمىزغا يېتەلەيمىز؛

 ئازراق كىرىشىۋېلىپ، كۆپرەك ۋاز كەچسەك، غەم- ئەندىشىلەرنى تۈگىتەلەيمىز. ئۇزاققا سوزۇلغان ئۆمۈر مۇساپىسىدە، ھەممىمىز روھىي دۇنيايىمىزنى بېيىتىشنى، ئىچكى جەھەتتە ئىزدىنىشنى ئۆگىنىپ، كىشىلىك ھاياتىمىزنى ئازادە، راھەت ئۆتكۈزەيلى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125