يوتقان- كۆرپە كىرلىكلىرىنى پات- پات ئىسسىق سۇ بىلەن يۇغاندا، چاڭ- توزان كانىسىنى يوقاتقىلى بولىدۇ
18:13:35 2024-11-04 شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

 كانا يوقىتىشتىكى ئەرزان، بىخەتەر ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئۇ بولسىمۇ يوتقان- كۆرپە كىرلىكلىرىنى پات- پات ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇش. چاڭ- توزانلىق كانا يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، 55 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى ئىسسىق سۇغا يوتقان- كۆرپە كىرلىكىنى ئون مىنۇتتىن ئارتۇق چىلاپ قويسىلا، چاڭ- توزان كانىسىنى يوقاتقىلى بولىدۇ، 100 سېلسىيە گىرادۇسلۇق قايناق سۇ چاڭ- توزان كانىسىنى يوقىتىپلا قالماي، يەنە چاڭ- توزان كانىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق زىيادە سەزگۈرلۈك مەنبەلىرىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئانتىگېنلىق خۇسۇسىيىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئۆيدىكى يوتقان- كۆرپە كىرلىكلىرى ۋە ياستۇق قېپى، سافا ياپقۇچى قاتارلىقلارنى ئاز دېگەندە ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم يۇيۇش ۋە قايناق سۇغا بېسىش تەكلىپى بېرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125