يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى (شەھەرلىك سەھىيە نازارەتچىلىك ئورنى) ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى: ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تەدرىجىي تۆۋەنلەۋاتىدۇ، ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرى كۈز ۋە قىش پەسىللىك تارقىلىشچان زۇكام تارقىلىدىغان مەزگىلگە كىردى، ئاممىنىڭ تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ۋاقتىدا ئەملىتىشىنى، مەلۇم بولغان تارقىلىشچان زۇكام ئاغرىقلىرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشىنى، ساغلاملىق مۇداپىئەسىنى پائال ياخشى ئىشلىشىنى ئەسكەرتىمىز.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى (شەھەرلىك سەھىيە نازارەتچىلىك ئورنى) يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بۆلۈمىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق ئەسكەرتتى: تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى تېز بولۇپ، مەكتەپ، بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتلىرى ۋە ياشانغانلار ساناتورىيەسى قاتارلىق كىشىلەر توپلاشقان سورۇنلاردا ئاسانلا توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم پەيدا قىلىدۇ. A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئانتىگېن ئۆزگىرىشى كۆپ، يۇقۇشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق «باش جىنايەتچى».
ھوشيار بولۇشقا تېگىشلىكى شۇكى، كىشىلەر توپى تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئاسان يۇقۇملىنىدۇ، ھامىلىدارلار، بوۋاقلار، بالىلار، ياشانغانلار ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار قاتارلىق يۇقۇملىنىش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپىدا مۇداپىئەنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەش تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر. تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى تارقىلىشچان زۇكام سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئېغىر خەۋپ- خەتەرنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، تارقىلىشچان زۇكام كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەردىن ساقلىيالايدۇ، مەسىلەن: ئۆپكە ياللۇغى، يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى قاتارلىقلار.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكەندە شەخسنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداپلا قالماي، يەنە ۋىرۇسنىڭ مەھەللىلەردە تارقىلىشىنى ئازايتقىلى، بۇ ئارقىلىق تارقىلىشچان زۇكامنىڭ كىشىلەر توپى ئارىسىدا تارقىلىش سۈرئىتى ۋە دائىرىسىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى (شەھەرلىك سەھىيە نازارەتچىلىك ئورنى) ئىممۇنىتېت- پىلان بۆلۈمىنىڭ مۇتەخەسسىسى مۇنداق تونۇشتۇردى: ھەر يىلى 9- ئايدىن 10- ئايغىچە بولغان مەزگىل تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى. ئالتە ئايلىق ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى كىشىلەر توپىغا ئۈچ ۋالېنتلىق ياكى تۆت ۋالېنتلىق ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا ئەملەشكە بولىدۇ، ئۈچ ۋالېنتىلىق زەھىرى ئازايتىلغان ئاكتىپلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا ئۈچ ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان كىشىلەر توپىغا ماس كېلىدۇ. ئامما ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ۋاكسىنا ئەملەتسە بولىدۇ.
تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكەندىن سىرت، تۇرمۇشتا ئامما يەنە قانداق مۇداپىئەلىنىشى كېرەك؟
ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى (شەھەرلىك سەھىيە نازارەتچىلىك ئورنى) يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بۆلۈمىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ئاممىغا ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاش، تەرتىپلىك مەشغۇلات قىلىش، يېتەرلىك ئۇخلاش، ساغلام غىزالىنىش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، ۋاقتىدا قېلىن كىيىنىش؛ ماسكا تاقاش، قولنى پات- پات يۇيۇش، يۆتەلگەندە ياكى چۈشكۈرگەندە قەغەز، لۆڭگە قاتارلىقلار بىلەن ئېغىز- بۇرۇننى توسۇۋېلىش قاتارلىق ياخشى تازىلىق ئادەتلىرىنى ساقلاش؛ دائىم دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، ھاۋانىڭ ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەكلىپلەرنى بەردى.
تارقىلىشچان زۇكام كۆپ تارقىلىدىغان مەزگىلدە، كىشىلەر زىچ توپلاشقان مەيدان- سورۇنلارغا بېرىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش كېرەك، ئەگەر چوقۇم بېرىشقا توغرا كەلسە، ماسكا تاقاش كېرەك؛ تارقىلىشچان زۇكام پەسلىدە، مەلۇم بولغان تارقىلىشچان زۇكام ئاغرىقلىرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىپ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش پۇرسىتىنى ئازايتىش كېرەك؛ ئائىلە ۋە خىزمەت سورۇنلىرىنىڭ سىرتقى يۈزىنى، بولۇپمۇ ئىشىك تۇتقۇچ، تېلېفون، كۇنۇپكا تاختىسى قاتارلىق دائىم ئۇچرىشىدىغان نەرسىلەرنىڭ سىرتقى يۈزىنى قەرەللىك تازىلاپ ۋە دېزىنفېكسىيەلەپ، ۋىرۇسنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تارقىلىشىنى ئازايتىش كېرەك؛ تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالامەتلىرى، مەسىلەن: قىزىش، يۆتىلىش، گال ئاغرىش قاتارلىقلار كۆرۈلگەن ھامان، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش ھەم كىشىلەر زىچ توپلاشقان سورۇنلارغا بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
(ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى لى شياۋچىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر سۇڭ نىڭ)