«مېنىڭ بۇلۇكەيىم»گە كىرىش «1- ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىنىڭ ھېكايىسىنى كۆرۈش
11:04:18 2024-11-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ

 يېقىملىق چالغۇ ساداسى ئىچىدە، مەمەتجان ئۆمەر ئۆزى ئىزچىل ياد ئېتىپ كېلىۋاتقان بۇلۇكەي كەنتىگە قايتىپ كەلدى − ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى سېغىنغانىدى، يۇرتداشلارنى سېغىنغانىدى، بۇلۇكەي كەنتىدە قانداق يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقىنى دەرھال كۆرۈپ بېقىشنى تېخىمۇ سېغىنغانىدى... 11- ئاينىڭ 2- كۈنى، «1- ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئونيار بازىرى بۇلۇكەي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى مەمەتجان ئۆمەرنىڭ ئىش ئىزلىرىغا ئاساسەن ئىجاد قىلىنغان «مېنىڭ بۇلۇكەيىم» ناملىق دىراما شىنجاڭ سەنئەت ئورنى تىياتىرخانىسىدا تۇنجى قويۇلدى.

 بۇ دىرامىنى شىنجاڭ سەنئەت ئورنى دىراما ئۆمىكى ئىجاد قىلىپ، رېپېتىتسىيە قىلىپ قويغان بولۇپ، دەسلەپكى ئىجادىيەتتىن تۇنجى قويۇلغىچە ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىت كەتتى، بۇ جەرياندا نەچچە قېتىم تۇرمۇش ئۆگىنىش، نەچچە ئاي زىيارەت قىلىش، تېخىمۇ مۇھىمى سېنارىيەگە سانسىز قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈش جەريانىنى باشتىن كەچۈردى.

 «بۇ قېتىمقى پۇختا ئىجاد قىلىش، ئويۇن قويۇش جەريانى، بىزنىڭ كوللېكتىپىمىزدىكى ھەربىر كىشىنى بۇلۇكەي كەنتى ھەمدە بۇ جايدا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان كىشىلەر ۋە يۈزبەرگەن تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا ناھايىتى چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە قىلدى. بۇلۇكەي كەنتى رېئاللىقتا جاپا- مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان ھەر مىللەت يۇرتداشلارغا، شۇنداقلا سەھنىدە قول تۇتۇشۇپ ئىجاد قىلغان ھەر مىللەت ئارتىسلارغا مەنسۇپ.» شىنجاڭ سەنئەت ئورنى دىراما ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى لۇ جۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ، مېنىڭ «مېنىڭ بۇلۇكەيىم» دېگەن بۇ دىرامىنىڭ نامىغا بولغان تونۇشۇم.

 بۇ ھېكايە مەمەتجان ئۆمەر 2022- يىلى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئەل يەتكۈزگۈچىسى بولۇشتىن باشلانغان بولۇپ، چېكىنمە بايان شەكلى ئارقىلىق ئۇنىڭ ۋەتەننىڭ غەربىي چېگراسىدىكى يېزا- كەنتتە يىلتىز تارتىپ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش كەچۈرمىشى بايان قىلىنغان. بۇ دىرامىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى 2006- يىلىغا قويۇلغان، ئۇ خەتەرلىك پەيتتە بۇيرۇق بويىچە 2- قېتىم كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغاندا، كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنى يېتەكلەپ، كەنتنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان نۇقتىلىق مەسىلىلەر، قالايمىقان ئەھۋاللارنى ھەل قىلغان، كىچىكىدىن بىللە چوڭ بولغان دوستىنىڭ پارا ئېلىپ قانۇننى بۇزۇش قىلمىشىنى قەتئىي توسۇغان، سىڭلىسى ۋە جىيەن قىزىغا تالاش- تارتىش بولۇۋاتقان ئۆيلۈك يەرنى قايتۇرغۇزغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا يار- يۆلەك بولغان، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مەدەت بەرگەن.

 دىراما ئۆمىكىنىڭ تۇرمۇش ئۆگىنىش قوشۇنى بۇلۇكەي كەنتىگە بېرىپ نەق مەيداندا زىيارەت قىلغاندا، مەمەتجان ئۆمەرنىڭ ئۆزى، ئائىلىسىدىكىلەر، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى، كەنت كادىرلىرى بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، كەنتنىڭ ھەممە يېرىنى ئايلىنىپ چىققان، ئەڭ ئاخىرىدا سەھنىدە نامايان قىلىنغان ھەربىر بۆلەك ھېكايە، ھەربىر ئىنچىكە تەپسىلات، ھەربىر قېتىملىق پېرسوناژلار توقۇنۇشى، ھەربىر تۇرمۇش مەنزىرىسىنىڭ ھەممىسى كەنتتىن قېزىۋېلىنغان.

 لى شيۇليەن كېسەل سەۋەبىدىن قۇتقۇزۇش پۇلى ئىلتىماس قىلغاندا توسالغۇغا ئۇچراش، مېيىپ سېدىقجان دۇكان ئاچقاندا توسالغۇغا ئۇچراش، ما جىنلۇڭ توخۇ فېرمىسىنى كېڭەيتىپ قۇرۇشتا توسالغۇغا ئۇچراش، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئىلپار رېمونتخانا ئاچقاندا توسالغۇغا ئۇچراش... يېزا- كەنت قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان، پۇقرالارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان بىر قاتار مەسىلىلەرنى كۆرۈپ بۇلۇكەي كەنتىگە قايتىپ كەلگەن مەمەتجان ئۆمەرنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى.

 «بۇلۇكەي كەنتىدىكى 48 نەپەر پارتىيە ئەزاسى نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ <كاڭبەنزى> (شىنجاڭ شېۋىسى بولۇپ «مەيدە» دېگەن مەنىدە)گە ئۇرۇپ ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى...» بۇ، دىرامىدىكى مەمەتجان ئۆمەرنىڭ پارتىيە ئەزالىرى يىغىنىدا ئېچىنىپ قىلغان ئەسكەرتىشى.

 ۋەقەلىكى ئۆزگىرىشچان، ئىخچام، پېرسوناژلار خۇددى راستتەك، سەھنە سۆزلىرى دەل جايىدا بولۇپ، تۇنجى مەيدان ئويۇننى كۆرگەن كۆرۈرمەنلەر «مېنىڭ بۇلۇكەيىم» شىنجاڭ دىرامىلىرىدىكى ئۆزگىرىشكە ئىنتىلىش، يېڭىلىققا ئىنتىلىشتەك يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىپتۇ، دەپ قارىدى. «شوئار توۋلاش شەكلىدىكى سەھنە سۆزلىرى يوق ئىكەن» «ھەقىقىي خاراكتېر، ھېسسىيات ئىپادىلىنىپتۇ، پېرسوناژلارنى مۇبالىغىلەشتۈرۈۋەتمەپتۇ» «تەربىيە بەرمەي تۇرۇپمۇ باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان مۇشۇنداق ھېكايىلەرنى ياخشى كۆرىمىز» «بەزىدە شېۋە سۆزلەرمۇ قوشۇلۇپتۇ، ناھايىتى يېقىشلىق بىلىندى»...

 بۇلۇكەي كەنتى ھەر مىللەت كەنت ئاھالىسىنىڭ ئورتاق ئائىلىسى، ئۇ سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغاندىمۇ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشتەك خاسلىقنى نامايان قىلدى، كۈل رەڭ تام، قارا كاھىش، كۆك دېرىزە، قىزىل ئىشىك، گۈللۈك خىش كارىدور بار بولۇپ، ئۇلار سەھنە پائالىيەت قۇرۇلمىسى ئارقىلىق گىرەلىشىپ نامايان بولدى، ئۇنىڭدىن باشقا بۇلۇكەي كەنتىدىكى سۈزۈك ئۆستەڭ، يېپيېڭى ئاسفالت يول، پارچە- پارچە كۆكەرتىش بەلبېغى كۆپ ۋاسىتىلىك تاراتقۇ كۆرۈنۈش ئۈنۈمىدىن پايدىلىنىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى.

 «بۇ قېتىم سەھنە لايىھەلىگەندە بىز يېڭى سىناق قىلدۇق، بۇ، دېكىراتسىيە ياساش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، چىراغ، كۆرۈنۈشنىڭ كۆرۈش ئۈنۈمىدىن كۆپ قاتلاملىق پايدىلىنىش ۋە سەھنە جابدۇقلىرىنى لايىھەلەشتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.» «مېنىڭ بۇلۇكەيىم»نىڭ سەھنە نازارەتچىسى سۇ ياڭ مۇنداق دېدى: بىز ئەڭ چوڭ ئىمكانىيەت بىلەن سەھنە ئارقىلىق ئادىمىيەت جەھەتتىكى قويۇق ئۆرپ- ئادەت، تۇرمۇش مۇھىتى پاكىز بىر يېزا- كەنتنى ئەسلىگە كەلتۈردۇق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سەھنىدىن پايدىلىنىپ پېرسوناژلارنىڭ ئويۇن قويۇشىغا تىرەك بولدۇق.

 ئاققۇش قوڭۇر رەڭلىك بىر تۇياق «كالا» پۈتۈن دىرامىغا سىڭدۈرۈلگەن بىر چوڭ سەھنە جابدۇقى بولۇپ، كۆپ قىسىم ۋاقىتتا سەھنىدە بەخىرامان مېڭىپ يۈرەتتى، ئۇنى مەمەتجان ئۆمەر يېنىدا ئېلىپ يۈرەتتى ھەم يېقىملىق قىلىپ «كونا بۇرادەر» دەپ چاقىراتتى، قانداقلا دەردى، زىددىيەت، خۇشاللىق ئىشلار بولسا ئۇ ھەممىسىنى بۇ «كونا بۇرادەر»ىگە سۆزلەپ بېرەتتى.

 «بۇ بىر ئادەمگەرچىلىك، يەرلىك پۇراققا ئىگە ئىجادىيەتنىڭ ئىنچىكە تەپسىلاتى، بۇ كالا سادىق، ئاددىي- ساددا، بېرىلىپ ئىشلەيدىغان روھنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ مەي شۇجىدىن ئىبارەت بۇ كىشىنى تېخىمۇ تەبىئىي گەۋدىلەندۈرگىلى بولىدۇ.» «مېنىڭ بۇلۇكەيىم»نىڭ باش رېژىسسورى لى بونەن مۇنداق دېدى: «رېئاللىقتا ۋە سەھنىدە، مەمەتجان ئۆمەرنىڭ بېشىنى ئەڭ ئاغرىتىدىغان، ئەڭ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ئادەم مەسىلىسى بولۇپ، بىزنىڭ ئىجادىيىتىمىزمۇ ھەربىر ئادەمنىڭ ئوبرازىنى قانداق تىكلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بولدى، شەخسىيەتسىزلىك بولغان ئىكەن شەخسىيەتچىلىكمۇ بولىدۇ، ئاق كۆڭۈللۈك بولغان ئىكەن رەزىللىكمۇ بولىدۇ، بەزىلەر ئادالەتنى قوغداشنى ئويلىسا، بەزىلەر نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇشنى ئويلايدۇ، مانا بۇ ھەقىقىي تۇرمۇش، شۇنداقلا تىياتىردىكى ئادەمنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان توقۇنۇش، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ، دىرامىنىڭ ئەڭ قالتىس يېرى».

 مەمەتجان ئۆمەر ۋە پۈتۈن كەنتتىكى ھەر مىللەت كەنت ئاھالىسىنىڭ قول تۇتۇشۇپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىدە، كۆلەملەشكەن چوڭ تىپتىكى زامانىۋىلاشقان توخۇ فېرمىسى، نەچچە مىڭ مو كېلىدىغان ئالمىلىق باغ، نەسىللىك سىيىر باقمىچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى قاتارلىقلار كەينى- كەينىدىن قۇرۇلۇپ، ھەممە ئائىلىنى كەسپى بار بولۇش، ھەممە ئادەمنى خىزمىتى بار بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۈگۈنكى كۈندىكى بۇلۇكەي كەنتى مەملىكەت بويىچە كەنت دەرىجىلىك كېڭىشىش- مەسلىھەتلىشىشتە يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئورۇن، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا- كەنت خاس كەسىپلىرىدە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك كەنت.

 بۇ قېتىمقىسى تۇنجى مەيدان ئويۇن بولۇپ، «مېنىڭ بۇلۇكەيىم» 11- ئاينىڭ 2-، 3- كۈنلىرى جەمئىي ئىككى مەيدان قويۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125