تۇنجى قېتىم ھەرە تارتقىنىمدا 12 ياشتا ئىدىم، دادامنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ مېنىڭدىن بىر ياش كىچىك چېغىدا تۇنجى قېتىم ھەرە تارتقان ئىكەن.
بىر دەم ئېلىش كۈنىدىكى سەھەر ۋاقتى، دادام ھەرىدەش ئاسان بولغان بىر چىنار ياغىچىغا سىياھقا چىلانغان تانا بىلەن قارا سىزىق چېكىپ، مېنى ئۆزى بىلەن بىللە ياغاچ ھەرىدەشكە بۇيرۇدى. كىچىكىمدە باشقىلارنىڭ ياغاچلارنى ناھايىتى يەڭگىل، خۇشال كەيپىياتتا ھەرىدەۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدىم، لېكىن تۇنجى قېتىم چوڭ ھەرىنى قولۇمغا ئالغىنىمدا، ئۇنى قانداق تارتىشنى بىلەلمەي قالدىم. دادام چوڭ ھەرىنىڭ يەنە بىر بېشىدا تۇرۇپ ماڭا ئىككى مۈرەمنى تەڭ قىلىپ، ئىككى قولۇمدا ھەرىنى تۈز تۇتۇپ، ئالدىمغا تەكشى تارتساملا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھەرىنىڭ چىشى بولغاچقا، ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرگەندىلا تەبىئىي ھالدا ياغاچنى بارغانسېرى چوڭقۇر تىلغىلى بولاتتى. دادام ھەرىنى ئالدىغا يەڭگىل تارتتى، تارتىش نۆۋىتى ماڭا كەلگەندە، بىردەم ھەرە تىغى قاڭقىپ قارا سىزىققا چۈشمەي قالاتتى، بىردەم ھەرە چىشى قىسىلىپ قېلىپ مىدىرلىتالمايتتىم.
«ھەرە تىغى قاڭقىسا تارتىش كۈچىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىدىن، ھەرە چىشى قىسىلىپ قېلىپ تارتقىلى بولمىسا بەك كۈچەپ تارتىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا ئىككى قولۇڭنى ئەركىن قويۇۋەت، ھەرە دەستىسىنى بەك چىڭ تۇتۇۋالما، شۇندىلا ئۆزۈڭنى ئەركىن تۇتۇپ، ھەرە تىغىنى يەڭگىل تارتالايسەن»، دېدى دادام.
دادامنىڭ دېگىنى بويىچە بىرنەچچە قېتىم سىناپ بېقىۋېدىم، ھەرە تىغىنى ياغاچقا پاتۇرۇپ كىرگۈزەلىدىم. چىنار ياغىچى يۇمشاق بولغاچقا، ھەرىدەش ئاسان ئىدى، لېكىن ھەرە تىغى ھە دېسىلا قارا سىزىقتىن چەتنەپ كېتەتتى. ھەرە تىغى ئوڭغا ئىرغىپ كېتىۋېدى، سول بىلىكىمنى كۈچەپ كۆتۈرۈپ، ئوڭ بىلىكىمنى كۈچەپ تۆۋەنگە بېسىپ، ھەرە تىغىنى قارا سىزىققا توغرىلىماقچى بولدۇم، لېكىن شۇنچە كۈچىگەن بولساممۇ ئىش ئەپلەشمەي، ھەرە تىغى قارا سىزىقتىن چەتنەپ كەتتى. دادام مەن تەرەپتىكى ھەرە تىغىنىڭ قارا سىزىقتىن چەتنەپ كەتكىنىنى كۆرۈپ مەن بىلەن ئورۇن ئالماشتۇردى، ماڭا ئالدىراقسانلىق قىلماسلىقنى، بەك كۈچىمەسلىكنى، ھەرىنى كۆتۈرۈپ قارا سىزىقنىڭ ئۈستىگە يەڭگىل قويۇشنى، شۇندىلا ھەرە تىغىنىڭ سىزىققا توغرىلىنىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا، دەسلەپتىلا ھەرىدىن كۆز ئۈزمەي تارتقاندا ھەرە يۆنىلىشىنى دەل ئىگىلەپ، دەل تارتقىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. دادامنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىپ، ھەرىنى دەسلەپتىكىدىن ياخشىراق تارتقان بولساممۇ، ھەرە تىغى يەنىلا تۈز سېلىنمىدى. شۇ كۈنى بىز تىلغان ئىككى سانتىمېتىر قېلىنلىقتىكى تاختاي تەكشىسىز چىقتى.
ئەتىسى يەنە ھەرە تارتقاندا جىددىيلەشمىدىم، ھەرىنىمۇ ئۆلچەملىك تارتتىم. ئۇ چاغدا بويۇم پاكار بولغاچقا، دادام يەردە تۇرسا، مەن ھەرىنى پاكار ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ تارتاتتىم. ياغاچ تىلغاندا پەقەت بىر- ئىككى كۈنلا ھەرە تارتىشقا بەرداشلىق بەرگىلى بولىدىكەن، ناۋادا ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە بىزار بولىدىغان گەپكەن. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا بىر يازلىق تەتىلدە، مەن 20 كۈن چوڭ ھەرە تارتىپ، ئاخىر يالتىيىپ قالدىم. دادام مېنىڭ ئېچىلالمايۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «ياغاچچىلىقنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۈچ يىل چوڭ ھەرە تارتىش كېرەك، نېمە ئۈچۈنلۈكىنى بىلەمسەن؟ بۇ، ھەرە تارتىشنى ئۈچ يىلدا ئاندىن ئۆگەنگىلى بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، ئۈچ يىلدا مۇنداق ئىككى قائىدىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيسەن: بىرىنچى، ئىككى ئادەم ماسلاشقاندىلا، ئاندىن بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولىدۇ، ھەرقانداق ئىش قىلىشتىن قەتئىينەزەر، جەزمەن ھەمكارلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك؛ ئىككىنچى، مىجەز-خاراكتېرنى چېنىقتۇرۇش، ئىش قىلغاندا ساختىلىق قىلماسلىق، پۇختا ۋە ئەستايىدىل بولۇش، ھەر ئىشنى بەجانىدىللىق بىلەن قىلىش كېرەك. مۇشۇ ئىككى قائىدىنى ئىگىلىۋالساڭلا، بۇ ئۆمرۈڭدە ياغاچچىلىق قىلمىغان تەقدىردىمۇ، باشقا ھەرقانداق ئىشنى ياخشى قىلالايسەن».
دادامنىڭ ئادەتتىكىچە بولغان ھەرە تارتىش مەشغۇلاتىنى مىسال قىلىپ بۇنچە كۆپ قائىدىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم.
ھالبۇكى، ئۇ چاغلاردا دادامنىڭ گېپىنىڭ مەنىسىنى تېخى تولۇق چۈشەنمىگەنىدىم. جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ، نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىنلا، دادامنىڭ گېپىنى يېڭىباشتىن ئەسلەپ، ئۇنىڭ تېگىگە يەتتىم.
مەيلى فوتو سۈرەتچىلىك ياكى باشقا بىرەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتا بولسۇن ۋە ياكى ئادەم بولۇشتا بولسۇن، ئادەم خۇددى ھەرە تارتقاندەك پۈتۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، قارا سىزىققا توغرىلىنىپ، ھەممە ئىشنى قائىدە بويىچە قىلىشى كېرەك ئىكەن.