ئۇزاق مۇددەت گۆشسىز تاماق يېسە جىگەرنى ماي قاپلاشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتەمدۇ؟ راست!
18:16:52 2024-11-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

كۆپچىلىك ئومۇميۈزلۈك ھالدا جىگەرنى ماي قاپلاش ئادەتتە ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن سېمىزلەرلا گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىك دەپ قارايدۇ. لېكىن، يېقىندا «29 ياشلىق بىر ئايال يېرىم يىل گۆشسىز تاماق يېگەندىن كېيىن جىگىرىنى ئېغىر دەرىجىدە ماي قاپلىغان» دېگەن خەۋەر قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 29 ياشلىق بۇ ئايالنىڭ جىگىرىنى يېنىك دەرىجىدە ماي قاپلىغانلىقى ئېنىقلانغان، شۇنىڭ بىلەن ئورۇقلاش نىيىتىگە كەلگەن، يەنە گۆشلۈك تاماق ۋە ساپ گۈرۈچ، ساپ ئۇنغا يېقىن كەلمەي، ھەر قېتىملىق تاماقتا سۇدا پىشۇرۇلغان كۆكتات ۋە قارا ئاشلىقنىلا يېگەن. يېرىم يىلدىن كېيىن، بۇ ئايالنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى بەش كىلوگىرام ئەتراپىدا يېنىكلىگەن، لېكىن دوختۇرخانىغا بېرىپ قايتا تەكشۈرتكەندە، جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ يوقاپ كەتمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ئوتتۇرا، ئېغىر دەرىجىگە بېرىپ قالغانلىقىنى بايقىغان. بۇ قانداق ئىش؟

جىگەرنى ماي قاپلاش قانداق شەكىللىنىدۇ؟

جىگەر بەدىنىمىزدىكى ئەڭ چوڭ «پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى» بولۇپ، ئېنېرگىيە مېتابولىزمى ياكى توقۇلمىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كېرەكلىك ماددىلار، مەسىلەن، ئاقسىل، شېكەر ھەم ياغ قاتارلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى جىگەردە بىرىكتۈرۈلگەندىن كېيىن پۈتۈن بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالارغا توشۇلىدۇ. جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ شەكىللىنىشى جىگەر توقۇلمىلىرىدا ماي يىغىلىپ، جىگەردە بىرىكتۈرۈلگەن ماي ياكى جىگەرگە يەتكۈزۈلگەن ماي زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىپ، جىگەردىن يۆتكەپ چىقىرىلغان ماي ئازىيىپ، جىگەردىكى ماينىڭ كىرىپ- چىقىشى تەڭپۇڭسىزلاشقانلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل كېسەللىك.

سېمىزلىك، ھاراق ئىچىش، دىيابېت، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، دورىنى مۇۋاپىق ئىشلەتمەسلىك، ھامىلىدارلىق ھەمدە يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جىگەرنى ماي قاپلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئامىللاردۇر. ئەگەر بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىلمىسە، جىگەرنى ماي قاپلاش يەنە يۇقىرى قان بېسىمى، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىق ھەر خىل سوزۇلما كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا جىگەر تالالىشىش، جىگەر قېتىشىش ياكى جىگەر راكىغا تەرەققىي قىلىدۇ.

جىگەرنى ماي قاپلاش ئادەتتە ئىسپىرت مەنبەلىك بولمىغان جىگەرنى ماي قاپلاش ۋە ئىسپىرت مەنبەلىك بولغان جىگەرنى ماي قاپلاش دەپ ئايرىلىدۇ. ئىسپىرت مەنبەلىك بولمىغان جىگەرنى ماي قاپلاش دۆلىتىمىزدە دائىم كۆرۈلىدىغان جىگەر كېسەللىكى بولۇپ، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، مەسىلەن، ساغلام ئوزۇقلىنىش، چېنىقىش ئىسپىرت مەنبەلىك بولمىغان جىگەرنى ماي قاپلاشنى داۋالاشتا ئىنتايىن مۇھىم.

يېمەك- ئىچمەك قۇرۇلمىسى تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ زىيىنى

خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان ئايال جىگەرنى يېنىك دەرىجىدە ماي قاپلاشنى داۋالاش ئۈچۈن يېمەك- ئىچمەكنى تەڭشىگەن، لېكىن تەڭشىگەندىن كېيىن يېمەك- ئىچمەك قۇرۇلمىسى تەڭپۇڭسىزلىشىپ، بەدەننىڭ ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارغا بولغان نورمال ئېھتىياجىنى قاندۇرالماي، ئەكسىچە جىگەرنى ماي قاپلاش ئېغىرلىشىپ كەتكەن.

نورمال ئەھۋالدا كاربون- سۇ بىرىكمىلىرى ئورگانىزمنىڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە مەنبەسى بولۇپ، تەخمىنەن %50تىن %60كىچە ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئورگانىزمنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلار يېتىشمىگەندە ياكى ئۇزاق مۇددەت ئاچ ھالەتتە تۇرغاندا، بەدەندە ساقلانغان ياغ تېز سۈرئەتتە پارچىلىنىپ، مېتابولىزم ئارقىلىق ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىدۇ؛ ياغنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىشىمۇ ئورگانىزمنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغاندا، ئاقسىلنى پارچىلاپ ئامىنو كىسلاتاسى ھاسىل قىلىپ ئېنېرگىيەگە ئېرىشىدۇ.

ياغ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشتە بىر قاتار خىمىيەلىك رېئاكسىيەلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ، بۇ خىمىيەلىك رېئاكسىيەلەرنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق ئورۇن جىگەردە بولىدۇ. ئورگانىزمدىكى ياغ جىگەرگە ئېقىپ كىرىپ، مېتابولىزم ئارقىلىق ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىگەندە، گۆش ۋە باشقا يېمەكلىكلەردىن كەلگەن بەزى ئوزۇقلۇق ماددىلار كەمچىل بولغانلىقتىن، ياغ مېتابولىزمى ئارقىلىق ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشتىكى ئاچقۇچلۇق خىمىيەلىك رېئاكسىيەدە نورمالسىزلىق كۆرۈلۈپ، ياغنىڭ جىگەردە يىغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، گۆش، پۇرچاق ياسالمىلىرى، سۈت قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق مۇددەت قوبۇل قىلمىغاندا، ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولماي، بەدەندىكى ياغ ئاقسىلىنىڭ بىرىكىشى ۋە ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىپ، ئورگانىزمنىڭ ياغ ماددىسىنىڭ مېتابولىزمى ۋە پايدىلىنىشىغا تەسىر يېتىپ، ياغنىڭ جىگەردە يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

جىگەرنى ياغ قاپلاشنى قانداق قىلغاندا توغرا پەسەيتكىلى بولىدۇ؟

خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان بۇ ئايال جىگەرنى يېنىك دەرىجىدە ماي قاپلىغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، پائال تاقابىل تۇرغان، بۇنداق دەسلەپكى مەقسەتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ، پەقەت كونكرېت مەشغۇلات ئۇسۇلىدا خاتالىق كۆرۈلگەن. تۆۋەندە جىگەرنى ياغ قاپلاشنى پەسەيتىشنىڭ ئۈچ خىل توغرا ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز.

بىرىنچى، يېمەك- ئىچمەك ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىش، لېكىن قارىغۇلارچە ئورۇقلىماسلىق كېرەك. ساغلام يېمەك- ئىچمەك ھەر كۈنى كۆپ خىل يېمەكلىكلەرنى تەكشى قوبۇل قىلىپ، ئورگانىزمنى ئېھتىياجلىق ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ دانلار، ياڭيۇ، كۆكتات، مېۋە، گۆش، تۇخۇم، سۈت، پۇرچاق ھەم ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار، ياغ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىككىنچى، كۈندىلىك يېمەك- ئىچمەكتە «ئۈچنى ئازايتىش، ئۈچ ئاز بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، «ئۈچنى ئازايتىش» يەنى سىرتتا غىزالىنىش قېتىم سانىنى ئازايتىش، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش ھەم ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلىشنى ئازايتىش، قىزىل گۆشنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىش؛ «ئۈچ ئاز بولۇش» تاماق ئەتكەندە ياغ، تۇز، شېكەرنىڭ ئاز بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، مۇۋاپىق چېنىقىش، ياخشى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، كۆپچىلىك ھەرىكەت قىلماي ئۇزاق ئولتۇرۇۋېلىشتىن ساقلىنىشى، ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت، مەسىلەن، يوگا ئويناش، سۇ ئۈزۈش، ئاستا يۈگۈرۈش، تېز مېڭىش، ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىقلار ئارقىلىق بەدەندىكى ئارتۇق ياغنى خورىتىشى كېرەك.

بۇنىڭدىن باشقا، جىگىرىنى ئېغىر دەرىجىدە ماي قاپلىغانلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالىنىشى كېرەك.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125