شېنجېننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ كېسەل كۆرۈپ خەلق قەلبىنى ئىللىتتى
16:35:51 2024-11-05 تىيانشان تورى

10- ئاينىڭ 25- كۈنى، شېنجېننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى مارالبېشى ناھىيەلىك شەھەر- بازار دوختۇرخانىسىغا كېلىپ، «شېنجېن بىلەن قەشقەرنىڭ مېھىرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساغلاملىق ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» باش تېمىسىدىكى ھەقسىز كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ھەقسىز كېسەل كۆرۈش نەق مەيدانىدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ دوختۇرلىرى كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن ئاممىنىڭ قان بېسىمىنى، قان شېكىرىنى ئۆلچەپ، سالامەتلىك ئەھۋالىنى سەۋرچانلىق بىلەن سوراپ، كەسپىي داۋالاش تەكلىپى بەردى ۋە ساغلاملىق جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەڭ ئاممىنى ساغلام بولغان تۇرمۇش رىتىمى ۋە يېمەك- ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىدى. پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغان كۈنى ئاممىغا جەمئىي 200 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ھەقسىز كېسەل كۆرۈش مۇلازىمىتى قىلىپ، قىممىتى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان دورا ھەم 50 پارچىدىن ئارتۇق ساغلاملىق تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقاتتى. (ئىختىيارىي مۇخبىر نۇرئەلا)

شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى دوختۇرلار كېسەل كۆرسەتكەن ئاممىنىڭ كېسەللىك تارىخى ۋە دورا ئىشلىتىش ئەھۋالىنى سورىماقتا.

شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى دوختۇرلار ھەقسىز كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا كەلگەن ئاممىغا دورا ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125