ئېغىزىڭىز قۇرۇپ، كۆزىڭىز قۇرغاقلىشامدۇ؟ دوختۇر قۇرغاقلىشىش يىغىندى كېسىلىدىن ئېھتىيات قىلىشنى ئەسكەرتتى
16:38:44 2024-11-05 تىيانشان تورى

 ئېغىز قۇرۇش، كۆز قۇرغاقلىشىش، تېرە كېپەكلىشىش ... قارىماققا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما قۇرغاقلىشىش يىغىندى كېسىلى قىيناۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. قۇرغاقلىشىش يىغىندى كېسىلى دېگەن نېمە؟ قانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى قۇرغاقلىشىش يىغىندى كېسىلىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن؟ مۇخبىر يېقىندا ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلىپ، كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى.

 قىروۋ چۈشۈكى مەۋسۇمىدىن كېيىن ھاۋا سوۋۇشقا باشلىدى، ئەمما داليەندە ئولتۇرۇشلۇق لى خانىمنىڭ ئىچى ئوتتەك قىزىپ، ھەر كۈنى ئېغىزى قۇرۇپ، ھەر قانچە سۇ ئىچسىمۇ ئېغىزى قۇرۇش ياخشىلانغاندەك قىلمايتتى، كۆزلىرى بولسا خۇددى قۇم كىرىپ كەتكەندەك قۇرغاقلىشىپ كەتتى. لى خانىم بۇلارنى پەقەت كۈز پەسلىدىكى قۇرغاقلىقتىن كېلىپ چىققان قۇرۇق ئىسسىق بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ، دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنگەندە، قۇرغاقلىشىش يىغىندى كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلدى.

 قۇرغاقلىشىش يىغىندى كېسىلى قانداق كېسەللىك، نېمە ئۈچۈن بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ؟ داليەن شەھەرلىك 3- خەلق دوختۇرخانىسى رېماتىزم ئىممۇنىتېت بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى لى مياۋ مۇنداق دېدى: قۇرغاقلىشىش يىغىندى كېسىلى بىر خىل ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتلىق كېسەل بولۇپ، شۆلگەي بېزى، ياش بېزى قاتارلىق تاشقى ئاجراتما بەزلىرىگە دەخلى قىلىپ، ئېغىز قۇرۇش، كۆز قۇرغاقلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىغاندا باشقا ئەزالار زەخىملىنىشى مۇمكىن. «بۇ كېسەلنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، لېكىن ئىرسىيەت، مۇھىت، يۇقۇملىنىش قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن»، دېدى لى مياۋ.

 قۇرغاقلىشىش يىغىندى كېسىلىدە ئادەتتىكى قۇرغاقلىشىشتىن پەرقلىنىدىغان قانداق ئالامەتلەر بولىدۇ؟ لى مياۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كۈزدىكى قۇرغاقلىقتىن كېلىپ چىققان ئېغىز قۇرۇش ئادەتتە ۋاقىتلىق بولىدۇ، مۇۋاپىق سۇ تولۇقلاپ، ھۆللۈكى يۇقىرى ۋە قۇرۇق ئىسسىقنى ھەيدەش رولىغا ئىگە يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەندە، كېسەللىك ئالامەتلىرى پەسىيىدۇ.

 «قۇرغاقلىشىش يىغىندى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ ئېغىزى قۇرۇش ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ، بىمارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى قۇرغاقلىشىپلا قالماي، يەنە يۇتۇشى قىيىنلىشىدۇ، شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئازلاپ كەتكەچكە، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى ئاغرىش، يارا بولۇش، چىش چىرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئېغىز قۇرۇش ئالامەتلىرى ئادەتتە ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەدرىجىي ئېغىرلىشىدۇ»، دېدى لى مياۋ.

 بۇنىڭدىن باشقا، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كۆز قۇرغاقلىشىش، ئاغرىش، يات ماددا باردەك تۇيغۇمۇ قۇرغاقلىشىش يىغىندى ئالامىتىنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. ئېغىر بولغاندا، ئاغرىقلاردا كۆرۈش قۇۋۋىتى غۇۋالىشىش، نۇردىن قورقۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.

 كۈزدىكى قۇرغاقلىقتىن كېلىپ چىققان تېرە قۇرغاقلىشىشقا سېلىشتۇرغاندا، قۇرغاقلىشىش يىغىندى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ تېرىسىنىڭ قۇرغاقلىشىشى تېخىمۇ ئۇزاق داۋاملىشىدۇ ھەم ئۇنى ياخشىلاش تەس، بەزىدە يەنە قىچىشىش، كېپەكلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، قىسمەن بىمارلارنىڭ بوغۇملىرى ئاغرىيدۇ، ئىششىپ قالىدۇ، ھەتتا بوغۇملىرى غەيرىيلىشىپمۇ قالىدۇ.

 «قۇرغاقلىشىش يىغىندى كېسىلى پۈتۈن بەدەندىكى ھەرقايسى سىستېمىلارغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن». داليەن شەھەرلىك 3 - خەلق دوختۇرخانىسى رېماتىزم ئىممۇنىتېت بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى لى شىنەن مۇنداق دېدى: ئەگەر ئۇزاق مۇددەت سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئېغىز قۇرۇش، كۆز قۇرغاقلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. دوختۇر ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى، بەدەندە كۆرۈلگەن ئالاھىدىلىك ۋە بىر قاتار لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق دىياگنوز قويىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125