شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2025- يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى ۋە خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارغا دائىر تەكلىپلەرنى جەمئىيەتتىن ئاشكارا توپلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى
10:00:00 2024-11-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئاپتونوم رايوننىڭ 2025- يىللىق «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نى ياخشى تەييارلاپ، كېلەر يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئىلمىي پىلانلاش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى خەلق ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەدىكىلەرگە يۈزلىنىپ «2025- يىلى مەن ھۆكۈمەت خىزمىتىگە تەكلىپ بېرىمەن» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقتىن تەدبىر سوراش، خەلقتىن ھال- ئەھۋال سوراش، خەلقتىن ئەقىل سوراش ئارقىلىق، خەلق ئاممىسىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە بولغان تەكلىپلىرىنى كەڭ دائىرىدە توپلاش ھەم «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا گەۋدىلەندۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىگە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 2024- يىلى ئاپتونوم رايون يولغا قويغان خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىش كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كەڭ قوللىشى ۋە ماسلىشىشىغا ئېرىشىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر تۈركۈم قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى. خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان تېخىمۇ كۆپ مەسىلىنى ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت 2025- يىلى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشنى داۋاملىق يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. 2025- يىلىدىكى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى توغرا، ياخشى تاللاپ، بۇ ئەمەلىي ئىشلارنىڭ ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ھەقىقىي ئۇيغۇن كېلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئالايىتەن 2025- يىلىدىكى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلار توغرىسىدا تەكلىپ توپلىنىدۇ. ھازىر توپلاشقا ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئېلان قىلىمىز:

1. توپلاش ۋاقتى

ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ، 2024- يىلى 11- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە بولىدۇ.

2. توپلىنىدىغان مەزمۇن

(1) ھۆكۈمەت خىزمىتى توغرىسىدىكى تەكلىپ

ئاساسلىقى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىڭىشىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى، رەقەملىك ئىقتىساد، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش، سانائەت- يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، مەدەنىيەت- ساياھەت، پەن- مائارىپ- مەدەنىيەت- سەھىيە، رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، ھۆكۈمەت خىزمىتى توغرىسىدا پىكىر- تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، خىزمەتلەرنى ياخشىلاش، ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىش.

(2) خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلار توغرىسىدىكى تەكلىپ

ئاساسلىقى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە مۇلازىمەت قىلىش، مائارىپ- داۋالاش، مەدەنىيەت- تەنتەربىيە (پەن- مائارىپ- مەدەنىيەت- ساياھەت)، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش (ئاساسىي جەمئىيەت مۇلازىمىتى)، جەمئىيەت قۇتقۇزۇش (جەمئىيەت قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش)، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت، تۇرالغۇ كاپالىتى، شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە- مۇھىت (مۇھىت قوغداش)، قاتناش، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش (جەمئىيەت ئامانلىقى)، قانۇن ياردىمى، يېمەكلىك- دورا بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2025- يىلى تەشكىللەپ يولغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارغا دائىر تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش.

3. توپلاش پىرىنسىپى

(1) ھۆكۈمەت خىزمىتى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىش پىرىنسىپى

1. مۇئەييەن مۇمكىنچىلىك ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بولۇش.

2. قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە بولۇش، دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە ئۇيغۇن بولۇش، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە تەۋە بولۇش.

(2) خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلار توغرىسىدا تەكلىپ بېرىش پىرىنسىپى

1. ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىققا ئەھمىيەت بېرىش. تەكلىپ بېرىلگەن خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلاردا ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئىنكاسى كۈچلۈك، جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئورتاق، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى زىچ چۆرىدەش، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، ئاممىۋى مەنپەئەت خاراكتېرىگە ئىگە بولۇش، بەلگىلىك جەمئىيەت قاپلاش دائىرىسىگە، مەنپەئەتلىنىش دائىرىسىگە ئىگە بولۇش.

2. مۇمكىنچىلىككە ئىگە بولۇش. تەكلىپ بېرىلگەن خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلاردا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتى ۋە رېئال ئاساسىي شارائىتىنى تولۇق نەزەرگە ئېلىش، بەلگىلىك مۇمكىنچىلىككە ئىگە بولۇش.

3. ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىگە بولۇش. تەكلىپ بېرىلگەن ئىشلارنى ئادەتتە 2025- يىلىنىڭ ئۆزىدە تاماملىغىلى بولۇش ياكى باسقۇچلۇق نەتىجە- ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولۇش.

4. توپلاش ئۇسۇلى

(1) خەلق تورىنىڭ «رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش تاختىسى»
 (http: //xj.people.com.cn/GB/188750/407213/index.html )

(2) ئانار بۇلۇت 12345 تەدبىر سوراش سۇپىسى
 https://12345.ts.cn/TopicPagesBox/TopicPagesFormSubmit/1533f324-95af-11ef-b6e6-0000672065d3

(3) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كۆزنەك تور بېكىتىنىڭ «مەن مەسلىھەت سورايمەن/تەكلىپ بېرىمەن» سەھىپىسى

(https://www.xinjiang.gov.cn/xinjiang/wyxx/hd_wyxx_zj.shtml?mailtype=peopleMenber)

(4) شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت تورى

(https://zwfw.xinjiang.gov.cn:9020/cns-bmfw-wsbsdt/xjwebsite/pages/ask/order_self.html?rqsttype=10)

(5) 12345 ھۆكۈمەت ئىشلىرى قىزىق لىنىيەسى

«خەلقنىڭ غېمى جەزمەن بىزنىڭ غېمىمىز؛ خەلقنىڭ ئارزۇسى بىزنىڭ جەزمەن قىلىدىغان ئىشىمىز». بىز ھەر مىللەت ئامما ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە دوستلارنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىپ، سىزنىڭ قەلبىڭىزگە ئەڭ تەسىر كۆرسىتىۋاتقان، ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان ھۆكۈمەت خىزمىتى تەكلىپى ۋە خەلق تۇرمۇشى ئارزۇسىنى بەس- بەستە ئوتتۇرىغا قويۇشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز، سىزنىڭ ھەر بىر تەكلىپىڭىز ھۆكۈمەت بىلەن ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك بولۇپ قالىدۇ، بىز جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە ئۈمىدىنى مۇجەسسەملەپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئىلمىي، ئۆلچەملىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز، پات ئارىدا يولغا قويۇلىدىغان ھەر بىر خەلق تۇرمۇشى تۈرىنىڭ خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ زىچ قاندۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ كەڭ نەپ يەتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. بىز بىرلىكتە تىرىشىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشايلى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى

2024- يىلى 11- ئاينىڭ 6- كۈنى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125