ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ مېي
تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ شىمالىي شەھەر ئەتراپى، يالقۇنتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى بىر ئېدىرلىققا دۆلەت ئىچىدىكى ھازىر كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئەڭ مول، شەكلى ۋە ئىقتىدارى ئېنىق ھەم ۋاقىت ئارىلىقى بىرقەدەر ئۇزاق بولغان نېستورىئان دىنى خارابىسى − شىپاڭ نېستورىئان دىنى ئىبادەتخانىسى خارابىسى جايلاشقان. يېقىندا مۇخبىر جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك نەچچە ئون مۇتەخەسسىس، ئالىمغا ئەگىشىپ بۇ يەرگە كېلىپ، يېقىن ئارىلىقتىن شىپاڭ نېستورىئان دىنى ئىبادەتخانىسى خارابىسىنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك نەتىجىلىرىنى ئىگىلەپ، مىڭ يىللىق مەدەنىيلىكنىڭ ئەكس ساداسىغا قۇلاق سالدى.
ئەگرى- بۈگرى تاغ يولىنى بويلاپ، مۇخبىر ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرىگە ئەگىشىپ تاغ چوققىسىدىكى خارابىلىك نەق مەيدانىغا كەلدى. تاغ چوققىسىدا شامال سەل كۈچلۈك ئىدى، قېزىش نەق مەيدانىنىڭ شامالدا يالىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرى يەر يۈزىدىكى كۆپ قىسىم خارابىلەرنىڭ ئۈستىنى يېپىپ، شەكلى رەتلىك بىر گۇرۇپپا ئۆي قۇرۇلمىسى ئىزلىرىنى قالدۇردى.
«بۇ يەر دەل مۇشۇ موناستىرنىڭ ئاساسلىق ئىمارەت ئىزلىرى، ئۇ جەنۇبتىن شىمالغا قارىتىپ رەتلىك سېلىنغان ئىشىك- دېرىزىلىرى شەرق بىلەن غەربكە ئېچىلغان ئۈچ كورپۇس ئىمارەت ۋە قوشۇمچە ئىمارەتتىن تەركىب تاپقان، ئىمارەت قۇرۇلمىسىدا غەربىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى نېستورىئان دىنى چېركاۋىنىڭ تىپىك <ئۈچ قەسىر شەكلىدىكى چېركاۋ> ئالاھىدىلىكى بار، ئىشلىتىلگەن بىناكارلىق تېخنىكىسى ۋە ماتېرىياللىرىدا يەرلىكنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبى نامايان قىلىنغان.» جۇڭشەن داشۆ جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، شىپاڭ نېستورىئان دىنى ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش تۈرىنىڭ مەسئۇلى ليۇ ۋېنسو مۇنداق دېدى: بۇ بىر گۇرۇپپا ئىمارەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆينىڭ ئىزى بىر تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك زال ئىزى بولۇپ، زالنىڭ جەنۇب ۋە شىمال ئىككى ئۇچىدا ئېغىزى بار. ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرى چوتكا قاتارلىق سايمانلار بىلەن داۋاملىق تازىلاپ، ئىشىك كېشىكى، ئىشىك يولى، پەلەمپەي ۋە يول قاتارلىق ئىزلارنى بايقىدى. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇ كارىدور شەكلىدە ئىككى تەرەپتىكى ئۆيلەر بىلەن تۇتىشىدۇ.
بۇ بىر گۇرۇپپا ئىمارەتنىڭ غەرب تەرىپىدە، ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرى بىر ئىمارەتنىڭ ئىزىدىن ناھايىتى رەتلىك تىزىلغان يەتتە دانە چوڭ تىپتىكى ساپال بۇيۇمنى بايقىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسىنىڭ ئىچىدە قالدۇق ماددىلار بار بولۇپ، كېيىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق قالدۇق ماددىلارنىڭ ئۈزۈم ئۇرۇقى ئىكەنلىكى بايقالدى. ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرى بۇنىڭدىن بۇ ئۆي ئىزىنىڭ ھاراق گەمىسى ئىزى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلدى.
داۋاملىق جەنۇبقا قاراپ مېڭىپ، بىرقەدەر مۇكەممەل ساقلانغان بىر ئىزنى بايقىدى، تامنىڭ ئېگىزلىكى بىر ئادەمنىڭ بويىچىلىك بولۇپ، ئىچىدىكى ئىمارەت قۇرۇلمىسى بىرقەدەر مۇرەككەپ ئىدى. «ئۇ بىر ئەگمە شەكىللىك ئىمارەت بولۇپ، ئەينى چاغدا بىر كۇتۇپخانا بولۇشى مۇمكىن» ليۇ ۋېنسو مۇنداق دېدى: «تۆپىلىكنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە كۆلىمى كىچىكرەك بىر قىسىم ئۆي ئىزلىرىنى بايقىدۇق، بۇ ئۆيلەر موناخلار تۇرىدىغان ياتاق ياكى ئاشلىق ساقلايدىغان جاي بولۇشى مۇمكىن».
«2021- يىلىدىن ھازىرغىچە، بىز بۇ يەردىن 2000دىن ئارتۇق مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىپ چىقتۇق، بۇ كۆپ خىل تىل- يېزىقتىكى 1000 پارچە(گۇرۇپپا)دىن ئارتۇق ھۆججەت- ماتېرىيالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ بايقاشلار كىشىنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇرىدۇ، شۇنداقلا بىزنىڭ ئويلىمىغان يېرىمىزدىن چىقتى» ليۇ ۋېنسو مۇنداق دېدى: بولۇپمۇ قېزىۋېلىنغان قەدىمكى سۇرىيە تىلىدىكى، خەنزۇ تىلىدىكى كىتابلار، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ سىرلانغان قاچىلىرى، «شىنىڭ يامبۇ» پۇلى ھەمدە مۇكەممەل ساقلانغان قاشتېشى كىرېست قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى نېستورىئان دىنىنىڭ يەرلىكلەشكەنلىكىنىڭ جانلىق ئىسپاتى ئىكەن.
«بۇ مۇھىم بايقاشلار بىزنىڭ بۇ موناستىرنىڭ تۇرمۇش قىياپىتىنى قايتا يارىتىشىمىزنى مۇھىم ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى قەدىمكى دەۋردىكى نېستورىئان دىنى تارىخى، شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيلىك بويىچە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، قەدىمكى دەۋردىكى غەربىي يۇرتتىكى تىل- يېزىق ۋە خىرىستىيان دىنىغا ئائىت ھۆججەت- ماتېرىياللار ۋە سەنئەت قاتارلىقلار ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىشىمىزنى ئىنچىكە، ئېنىق تەتقىقات ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى» دېدى ليۇ ۋېنسو.
شىپاڭ نېستورىئان دىنى ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتا، ئۇنىڭدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىمۇ پائال ئالغا سىلجىتىلماقتا. «بىز 2022- يىلىدىن باشلاپ، خارابىلىكنى قوغداش ۋە كۆرگەزمە قىلىپ پايدىلىنىش تۈرىگە تۈرتكە بولدۇق، نۆۋەتتە خارابىلىكنى قوغداش رېشاتكىسى ۋە ئارخېئولوگىيە خىزمەت پونكىتى قۇرۇلۇپ بولدى، خارابىلىكتىن قېزىۋېلىنغان بىر قىسىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تۇرپان مۇزېيىدىكى <ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش كۆرگەزمىسى>دە سىرتقا كۆرگەزمە قىلىندى» تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ لۇڭ مۇنداق دېدى: شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە خارابىلىكنىڭ ئەسلىي گەۋدىسىنى مۇستەھكەملەش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە كۆرگەزمە قىلىش پىلانىنى ئالغا سىلجىتتۇق.
«بۇ يىل، بىز خارابىلىك مۇزېيى تۈرىنى تۇرغۇزۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، كېلەر يىلى تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېدى ۋاڭ لۇڭ.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە شىپاڭ نېستورىئان دىنى ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى قېزىش خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، كۆپ قىسىم ئارخېئولوگىيە خىزمىتى پات ئارىدا تاماملىنىدىكەن. «بۇ يىللىق ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش خىزمىتى 11- ئايدا ئومۇميۈزلۈك ئاخىرلىشىشى مۇمكىن. كېيىنكى قەدەمدە، بىزنىڭ نۇقتىلىق خىزمىتىمىز قېزىۋېلىنغان زور مىقداردىكى ھۆججەت- ماتېرىيال، تام رەسىملىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە يېشىپ ئوقۇپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ئالىملارنى تېخىمۇ مول تەتقىقات ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەش» دېدى ليۇ ۋېنسو.
نېستورىئان دىنى خىرىستىيان دىنىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە پېرسىيەدىن جۇڭگوغا تارقالغان. نېستورىئان دىنى قەدىمكى دەۋردىكى جۇڭگودا «پارس دىنى» «داچىن دىنى» دەپ ئاتالغان، نېستورىئان دىنى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇڭگوغا تارقىلىپ كىرگەندىن كېيىنكى ئاتىلىشىدۇر.
نېستورىئان دىنىنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا كىرگەنلىكى توغرىسىدىكى خاتىرە شىئەندىكى بېيلىن مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى «داچىن نېستورىئان دىنىنىڭ جۇڭگوغا تارقىلىپ كىرىش ئابىدىسى»نى مەنبە قىلغان. ئابىدىدىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، تاڭ سۇلالىسى جېنگۇەننىڭ 9- يىلى (635- يىلى) نېستورىئان دىنى پوپى ئولوپېن چاڭئەنگە كەلگەن، تاڭ تەيزۇڭ ۋەزىر فاڭ شۈەنلىڭنى ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى باشلاپ غەربىي شەھەر ئەتراپىدا ئۇنى كۈتۈۋېلىشقا ئەۋەتكەن. جېنگۇەننىڭ 12- يىلى تاڭ تەيزۇڭ ئۇنىڭ دىن تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلغان، ئۇ چاڭئەن شەھىرى ئىچىدىكى يىنىڭفاڭدا داچىن ئىبادەتخانىسىنى سالغان، شۇنىڭدىن باشلاپ نېستورىئان دىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدا تارقىلىشقا باشلىغان.
شىنجاڭ يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنىگە جايلاشقان بولۇپ، نېستورىئان دىنى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن تۇرپان قاتارلىق جايلارغا تارقىلىپ كىرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ رايونىنى ئۆتەڭ قىلىپ دۆلەت ئىچىدىكى باشقا جايلارغا تارقىلىپ كىرگەن. تۇرپان شەھىرىدىكى شىپاڭ نېستورىئان دىنى ئىبادەتخانىسى خارابىسى دەل بۇنىڭ جانلىق دەلىلى.