− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە- مىنىستىرلىق دەرىجىلىكلەر مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلارنى يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە- مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ئىسلاھات مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئىسلاھات يولى تۈپتۈز ئەمەس، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان سىياسىي جاسارەت ئارقىلىق ئىسلاھات- تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى جاسارەت بىلەن ئاچىمىز.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىسلاھات ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكى خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىش، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىش كېرەك. ئومۇمىي يىغىن «قارارى»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى مۇھىم نەزەرىيەۋى قاراشلارنى تەتقىق قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام ۋە ئاممىغا يۈزلەنگەن تەشۋىقات، يېشىپ چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا چۈشەنچە بېرىپ گۇماننى تۈگىتىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىسلاھاتنى ئورتاق تۇتۇشتىكى ئىدىيەۋى ئاساسى، ئاممىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.
«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ ئىسلاھات ئورتاق تونۇشىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، ئومۇمىي يىغىن <قارارى>دا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىزدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.» 11- ئاينىڭ 3- كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى (ئىسلاھات ئىشخانىسى) ئىسلاھاتنى ماسلاشتۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى چىڭ يۈلۇڭ مۇنداق دېدى: ئاقسۇ ۋىلايىتى توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى تۈرلۈك سۇپىلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىللە، ئاساسىي قاتلامنىڭ ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، مائارىپ، داۋالىنىش قاتارلىق قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە قارىتا جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرىدۇ، ئالاقىدار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلاپ، مەخسۇس يول تەسىس قىلىپ، چۈشەنچە بېرىپ گۇماننى تۈگىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى بىر مەقسەتتە ئويلاش، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىش، ھەممە كىشىنى ئىسلاھاتقا قاتناشقۇچىلار، تۈرتكە بولغۇچىلاردىن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جيەنجۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: خەلق ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي قوشۇنى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جەزمەن بارلىق خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك. سانجى ئوبلاستى تىرىشىپ پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىغا تايىنىپ ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ. مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، يۇغۇرما تاراتقۇ ئىسلاھاتى، مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ تۈزۈم ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ. تۈرلۈك يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ھېكايىلەر ئارقىلىق ئىسلاھات چوڭ داۋلىسىنى ياخشى سۆزلەيدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان سىياسىي جاسارەت بىلەن زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە ئۆزىمىزنى قاچۇرماي بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، جاھىل ئىللەتلەرنى تۈگىتىشتە بىپەرۋالىق قىلماي، خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا چېكىنمەي، ئىسلاھات- تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى جاسارەت بىلەن ئېچىشىمىز كېرەك.
«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە روشەن ئەمەلىي ئىشلەش يۆنىلىشى يەتكۈزۈلدى. بىز مەۋقەنى ماكرولۇق باشقۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىگە قويۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى قارامايغا بېكىتىپ بەرگەن <ئۈرۈمچى − قاراماي − سانجى>نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا <بىرىنچى پەلەمپەيسىمان ئەترەت> بولۇش ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ياخشى ئىجرا قىلغۇچىلىرىدىن، ياخشى ھەرىكەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن، ياخشى ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلىرىدىن بولىمىز.» قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شياۋلىن مۇنداق دېدى: قاراماي شەھىرى ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتىدۇ؛ يېڭى ئېنېرگىيە، ھېسابلاش كۈچى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى سىجىل زورايتىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، راۋان ئوبوروت سىستېمىسى ۋە ئۇنىۋېرسال قاتناش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ.
كېرىيە ناھىيەلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يەن چېڭشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باشتىن- ئاخىر مەسىلىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىمىز، ئۆزىمىزنى قاچۇرمايمىز، باش تارتمايمىز؛ مەسىلىلەرنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىمىز؛ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق ئاممىسىغا ئەمەلىي مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىمىز.
«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى ئېنىق ئىزاھلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ يولى ۋە ئۇسۇلى ئىلمىي كۆرسىتىپ بېرىلگەن بولۇپ، ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدىيەۋى يېتەكچىلىككە، ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىككە ۋە رېئال قاراتمىلىققا ئىگە.» بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئالاتاۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇڭجېڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى فۇنكسىيە، مەسئۇلىيەتكە قويۇپ، تىرانسپورت ئىقتىدار دەرىجىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆستۈرۈپ، «ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى»گە يۈزلىنىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىمىز؛ سودا ئىقتىدار دەرىجىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆستۈرۈپ، «يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ ھالىتى»گە يۈزلىنىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىمىز؛ كەسىپ ئىقتىدار دەرىجىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆستۈرۈپ، «شۇ جايدا پىششىقلاش»قا يۈزلىنىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىمىز؛ شەھەر ئىقتىدار دەرىجىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆستۈرۈپ، «خەلقئارالىق قىياپەت»كە يۈزلىنىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىمىز؛ خەلق تۇرمۇشى ئىقتىدار دەرىجىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆستۈرۈپ، «ئورتاق بېيىش»قا يۈزلىنىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىمىز.
(مۇخبىرىمىز جاڭ جىلى، قاتناشقان مۇخبىرلار گې يوۋجۈن، پەرىزات ئابدۇل، بەي سۇجۈن، چېن جياڭلىن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار چېن ۋېنشۈەن، ياڭ خې، جاڭ يۈن، مەتنۇر مەتروزى)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)