تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا تېز ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك
12:00:56 2024-11-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىن شىجيەن

  11- ئاينىڭ 3- كۈنى ئېچىلغان شىنجاڭ تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش خىزمىتى يىغىنىدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى تەرەققىيات رايونلىرى ۋە باغچە رايونلىرىنىڭ ئىسلاھات- تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى سىستېمىلىق مۇھاكىمە قىلىندى، پىلانلاندى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ بىزنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك تەرەققىيات رايونلىرى ۋە باغچە رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدار دەرىجىسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، بازار رىقابەت كۈچى، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، يېتەكلەش، تەسىر كۆرسىتىش كۈچى ۋە رايون تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىمىزدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

تەرەققىيات رايونلىرى دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشتىكى تەجرىبە ئېتىزى. دۆلىتىمىز تۇنجى تۈركۈمدىكى دېڭىز ياقىسى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونلىرىنى تەسىس قىلغاندىن بۇيان، تەرەققىيات رايونلىرى ھەرقايسى جايلاردىكى كەسىپلەر ئەڭ مەركەزلەشكەن، ئىقتىساد ئەڭ جانلانغان سۇپىغا ئايلاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونلىرى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھاتنى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك». باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تەرەققىيات رايونلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى.

تەرەققىيات رايونلىرى ۋە باغچە رايونلىرى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنى زورايتىشتىكى مۇھىم بازىسى، كەسىپ توپىنى يېتىلدۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتىسى، سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم سۇپىسى بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇردى. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، شىنجاڭدىكى تۈرلۈك تەرەققىيات رايونلىرى ۋە باغچە رايونلىرىدا كۆلەم، ئەمەلىي كۈچ، پىلانلاپ قۇرۇش سەۋىيەسى قاتارلىق جەھەتلەردە يەنە ئاز بولمىغان پەرق ۋە كەمتۈكلۈك ساقلانماقتا. پەقەت يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلىغاندىلا، بىز ئاندىن ئۈزلۈكسىز تۈردە تۈرلۈك تەرەققىيات رايونلىرى ۋە باغچە رايونلىرىنىڭ كۆتۈرۈش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ كۈچلۈك موتورى ۋە مۇھىم بازىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز.

ئومۇملۇقنى كۆزلىمىگەنلەر كونكرېت ساھەدىكى ئىشنىمۇ ياخشى قىلالمايدۇ. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات رايونلىرى، باغچە رايونلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە شىنجاڭغا شىنجاڭ نۇقتىسىدىنلا قاراشقا بولمايدۇ، شۇنداقلا باغچە رايونلىرىنى باغچە رايونلىرى نۇقتىسىدىنلا مۇھاكىمە قىلىشقا بولمايدۇ. جەزمەن پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىغا مۇلازىمەت قىلىشتىن چىقىش قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە، ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىق ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تونۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشنى كۆزلەشتىن ئىبارەت ئۇزاق مەزگىللىك نۇقتىدىن ئىگىلەپ، مەۋقەنى زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ رېئال ئېھتىياجىغا قويۇپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتقاندىلا، ئاز كۈچ سەرپ قىلىپ كۆپ ئىش قىلغىلى بولىدۇ، ئاچقۇچلۇق ھالقىنى ياخشى تۇتقاندىلا، تۇتقىنى تۇتۇپ باشقا ئىشلارغا يول ئاچقىلى بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات رايونلىرى، باغچە رايونلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ياخشى ئىشلەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات رايونلىرى، باغچە رايونلىرى خىزمىتىگە يۇقىرى نۇقتىدىن تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات رايونلىرى، باغچە رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى يارىتىش ۋە كۈچەيتىش كېرەك. كەسىپنى توپلاشتۇرۇش، كارخانىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەرەققىيات رايونلىرى، باغچە رايونلىرىنىڭ كۆلىمى، ئىقتىدار دەرىجىسى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى پائال كېڭەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشتىكى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك. باشقۇرۇش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات رايونلىرى، باغچە رايونلىرىنى باشقۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

پارتىيە رەھبەرلىكى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات رايونلىرى، باغچە رايونلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش پىلانلايدىغان، ھۆكۈمەت باشلامچى بولىدىغان، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بولۇپمۇ «بىرىنچى قول رەھبەر»لەر «قۇرۇلۇش ئەترىتى باشلىقى»لىق ۋەزىپىسىنى ياخشى ئۆتەپ، تەرەققىيات رايونلىرى، باغچە رايونلىرى خىزمىتىنى ئۆزى بىۋاسىتە قول سېلىپ تۇتۇشى كېرەك.

شىنجاڭ ئېنېرگىيە بايلىقى مول بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە، بولۇپمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى تەرەققىيات رايونلىرى ۋە باغچە رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى تېخىمۇ كەڭ بولىدۇ. بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىيات رايونلىرى ۋە باغچە رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا تېز ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ئۇرغۇۋاتقان جۇشقۇنلۇقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشۇشىمىز كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125