يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسى پۈتۈپ چىقىلدى
12:08:35 2024-11-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى جەمئىيەت خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پارتىيەنىڭ تۈپ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى پۇختىلاپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ ۋە ئاشۇرۇپ، ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، خەلققە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى ئومۇملۇقى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، جەمئىيەت خىزمىتى ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت خىزمىتىدە مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئۈنۈمى كۈنسېرى گەۋدىلىنىپ، «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى» يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىلدى.

ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلدى، يۆنىلىش بەلگىلەندى، يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا جانلىق ھەم رەتلىك، ئاكتىپ، تەرتىپلىك بولغان ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك ھەمدە ئۇنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ».

ھاياتىي كۈچ بىلەن تەرتىپنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەم جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغان، ھەم ناھايىتى تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تېمىسىدا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن بولۇپ، جەمئىيەت خىزمىتى مۇھىم بۇرچنى زىممىگە ئالغان.

«ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىگە نەزەر سالساق، ئەگەر جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىسادىي تەرەققىيات قەدىمىگە يېتىشەلمىسە، ھەر خىل ئىجتىمائىي زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنمىسا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى داۋاملاشتۇرۇش تەسكە توختاپلا قالماي، پۈتكۈل جەمئىيەتمۇ داۋالغۇش ئىچىدە قېلىشى مۇمكىن».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى چوڭقۇر مەنىلىك بولۇپ، ئۇنىڭغا جەمئىيەت خىزمىتى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈش، يىراقنى كۆزلەپ پۇختا پىلان تۈزۈش مۇجەسسەملەنگەن، يېڭى دەۋردە جەمئىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكى چوڭقۇر بايان قىلىنغان.

«پارتىيە رەھبەرلىكى ئارقىلىق ئومۇملۇقنى بىرتۇتاش ئىگىلەش كېرەك» «پارتىيەنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى چاقىرىق كۈچى ۋە ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىنى كېڭەيتىش كېرەك» «پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك» «ئاممىنىڭ ئىلتىماس- تەلىپىنى ئىپادىلەش، مەنپەئىتىنى ماسلاشتۇرۇش، ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك» «جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك»...

باش شۇجى شى جىنپىڭ نېمە ئۈچۈن جەمئىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت خىزمىتىنى قانداق كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىستېمىلىق پىلانلاپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، پارتىيەنىڭ جەمئىيەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتى. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە قارىتا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي كومىتېت جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ فۇنكسىيەلىك تارمىقى قىلىش، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى جەمئىيەت خىزمىتى تارمىقىنى تەشكىللەپ قۇرۇش قارار قىلىندى. پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا جەمئىيەت خىزمىتى تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش قاتارلىق مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

جەمئىيەت خىزمىتى سىياسەت، تۈزۈملىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مەھەللە خىزمەتچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، يېڭى دەۋر پىدائىيلار مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پىكىرلەرنى تەستىقلاپ بېسىپ تارقاتتى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارمۇ ئالاقىدار قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنى تۈزۈپ ئېلان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

جەمئىيەت خىزمىتى تۈزۈلمە- مېخانىزمى سىجىل تاكامۇللاشتۇرۇلدى. 2023- يىلى 12- ئايدا، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى تەسىس قىلىپ، تارماق ھالقىغان خىزمەتلەر بويىچە ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش دۇچ كەلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلدى. مەركەز قاتلىمىدا يەنە ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى، ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى قاتارلىق مېخانىزملار تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ جەمئىيەت ساھەسىگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلىشى كۈچلۈك كۈچەيتىلدى.

پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىندى، يېڭى «قەلبلەر» پارتىيەگە تەلپۈندى، ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇلدى

2019- يىلى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ چيەنمېن شىتوۋ تار كوچىسىدىكى بىر تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەت نۇقتىسىغا كېلىپ، يەنىلا خىزمەت قىلىۋاتقان «تېز يەتكۈزگۈچى»لەرنى يوقلىدى. باش شۇجى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «تېز يەتكۈزگۈچى»لەرنىڭ خىزمىتى ناھايىتى جاپالىق، سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىپ، بوران- چاپقۇنغا قارىماي ئىشلەيدۇ، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ، خۇددى ئىشچان ھەسەل ھەرىلىرىدەك ئەڭ تىرىشچان ئەمگەكچىلەر بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.

ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، يېڭى جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى بارلىققا كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۇپا ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، تېز يەتكۈزگۈچىلەر، توردا كېلىشىدىغان تەقسىملەپ يەتكۈزگۈچىلەر، توردا كېلىشىدىغان ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى قاتارلىق نۇرغۇن يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنى توپلىدى. بۇ تەشكىلاتلار ۋە توپلار ئىقتىساد، جەمئىيەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەر پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، «ئىككىنى يېڭىلاش» خىزمىتى كومىتېتى بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ساھە باشقۇرۇش تارماقلىرى كونكرېت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ساھە پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىۋاسىتە مەسئۇل بولىدىغان خىزمەت سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي جەھەتتە قاپلىشى ۋە خىزمەت جەھەتتە قاپلىشىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئەڭ جانلىق تەشكىلات ۋە كىشىلەر توپىنى پارتىيە ئەتراپىغا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، بۇ توپلارنى پارتىيەگە قەتئىي ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىدى.

ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىندى −

2012- يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىرنى بېسىپ تارقاتتى. شۇ يىلى، مەملىكەتلىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلار پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىپ، «ئىككى جەھەتتىن قاپلاش»نى ياخشى تۇتۇش، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ «ئىككى رولى»نى ياخشى جارى قىلدۇرۇش، «ئىككى قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلار پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلار پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ تۈزۈلمە- مېخانىزمى، ئاساسىي كاپالىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ، بۇ تۈرلۈك خىزمەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش يېڭى باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.

پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى پۇختا تۇتۇلسا بۇمۇ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ھېسابلىنىدۇ. نۇقتىلىق كارخانا، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق كەسىپلەردىن تارتىپ بىنا، سودا چەمبىرىكى، باغچە رايونلىرىغىچە نۇقتا ئارقىلىق دائىرە يېتەكلىنىپ، بۆلەكنى تۇتۇش ئارقىلىق دائىرە كېڭەيتىلىپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي جەھەتتىن ۋە خىزمەت جەھەتتىن ئوبرازلىق، ئۈنۈملۈك قاپلىشى سىجىل كېڭەيتىلىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلار پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىلدى. پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي يېتەكچىلىكى كۈچەيتىلىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان پارتىيەلىك مەبلەغ چىقارغۇچى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى قاتارلىقلارنىڭ كارخانا پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ شۇجىلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇندى. پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ پائالىيىتى بىلەن كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە ئەزالىرى ئۈلگە كۆرسىتىش ئىش ئورنى، پارتىيە ئەزالىرى مەسئۇلىيەت رايونى قاتارلىق ئۇسۇللار يولغا قويۇلۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۈر بىرىنچى سېپىدە دادىل، زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىشى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىگە تۈرتكە بولۇنۇپ، ئاۋانگارت، نەمۇنىلىك رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، بىر تۈركۈم «پارتىيە قۇرۇلۇشى كۈچلۈك، تەرەققىياتى كۈچلۈك» ئىلغار تىپلار بارلىققا كەلدى.

ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشى ئالغا سىلجىتىلدى −

2015- يىلى 6- ئايدا، ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنى مەمۇرىي ئورگانلاردىن ئايرىۋېتىش ئىسلاھاتى باشلانغاندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 70 مىڭدىن ئارتۇق ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنى مەمۇرىي ئورگانلاردىن ئايرىۋېتىش تاماملىنىپ، ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى ئايرىۋېتىلگەن، ھوقۇق- مەسئۇلىيەت ئايدىڭ، قانۇن بويىچە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان زامانىۋى جەمئىيەت تەشكىلات تۈزۈلمىسى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلدى.

2023- يىلى 12- ئايدا، ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرى ئىسلاھات- تەرەققىياتى بويىچە مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنى تەڭشىلىپ تەسىس قىلىنىپ، ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئىسلاھات- تەرەققىيات خىزمىتىگە بولغان بىرتۇتاش پىلانلاش- ماسلاشتۇرۇش كۈچەيتىلدى. ئالاقىدار تارماقلار مەۋقەنى مەسئۇلىيەتكە قويۇپ، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ھەمكارلىشىپ تۈرتكە بولدى. ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىلىپ، ئىچكى قىسىمدا باشقۇرۇش سىجىل قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، دۆلەتكە مۇلازىمەت قىلىش، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، كەسىپكە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا ئۆز كۈچىنى تەقدىم قىلدى.

جۇڭگو ماشىنا ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت- ئېكسپورت سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىدا 15 مىڭدىن ئارتۇق ئەزا ئورۇن بار، ئۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ماشىنا ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت- ئېكسپورت قىلىشىدىكى، تاشقى ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم كۆۋرۈك ۋە سۇپا بولۇپ، 2024- يىلى 5- ئايدا جۇڭگو- فىرانسىيە كارخانىچىلار كومىتېتى 6- قېتىملىق يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. جۇڭگو كەسىپكە ئىشلىتىلىدىغان توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى ساھە جەمئىيىتى پارتىيە ياچېيكىسى مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى بولۇپ، جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرىنىڭ بىخەتەرلىك مۇھاپىزىتى، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلىشىغا تۈرتكە بولدى... ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2023- يىلىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا 65 مىڭ تۈرلۈككە يېقىن سىياسەت تەكلىپى بەرگەن، تەخمىنەن 33 مىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىگە ۋاسىتىچى بولغان.

يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنى سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە ئۇيۇشتۇرۇش، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش كۈچەيتىلدى −

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپى 84 مىليون ئادەمگە يەتكەن.

2023- يىلى، ئون تارماق بىرلىشىپ سىياسەت ھۆججىتى چىقىرىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە قارىتا تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. ھەرقايسى ساھە باشقۇرۇش تارماقلىرى فۇنكسىيە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى جايلاردا تېز يوللانما كەسپى پارتىيە كومىتېتى، توردا كېلىشىدىغان تەقسىملەپ يەتكۈزۈش كەسپى پارتىيە كومىتېتى، ئالاقە تورى كەسپى پارتىيە كومىتېتى قاتارلىقلارنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ساھە باشقۇرۇشتا پارتىيە قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈردى.

مەھەللە ئاشخانىسى، ۋاسكېتبول مەيدانى، باتارېيە ئالماشتۇرۇش پونكىتى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى پونكىتى... شاڭخەي پۇتو رايونى ۋەنيوۋ يىنلى يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپى پارتىيە ئەزالىرى- ئامما مۇلازىمەت مەركىزىگە كىرگەندە، 4000 كىۋادرات مېتىرغا يېقىن بوشلۇقتا داۋالاش، يېمەك- ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەرگە چىقىش قاتارلىق 20دىن ئارتۇق ئىقتىدار ۋاسىتىسى توپلانغان بولۇپ، پۇتو رايونىدىكى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنىڭ قەلبىدىكى «ئىللىق ماكان» بولۇپ قالدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى- ئامما مۇلازىمەت مەركىزى، يېزا- بازار (كوچا باشقارمىسى) جەمئىيەت خىزمىتى پونكىتى، «نۇەنشىن» قەلبلەرنى ئىللىتىش پونكىتى، شوپۇرلار ئائىلىسى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنى يېقىشلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. بېيجىڭ، تيەنجىن، شەندۇڭ قاتارلىق جايلار ماسلىشىپ يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپى «دوستلۇق مەھەللىسى» «دوستلۇق سودا چەمبىرىكى»نى قۇرۇپ، توشۇغۇچىلارنىڭ ئىشىكتىن كىرىشى قىيىن بولۇش، توك قاچىلىشى قىيىن بولۇش، دەم ئېلىشى قىيىن بولۇش، غىزالىنىشى قىيىن بولۇش قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، ئۇلارنى مەدەنىيلىك تەشۋىقاتى، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى.

ئاساس پۇختىلىنىپ، ئۇل مۇستەھكەملەندى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىندى، تۈزۈم ئەۋزەللىكى سىجىل تۈردە ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇلدى

ئەنخۇي تۇڭچېڭدا، بىر ليۇچىشياڭ كوچىسى 300 نەچچە يىل ئىلگىرىكى بىر- بىرىگە يول قويۇش، ئىناقلىقنى ئەلا بىلىشتىن ئىبارەت بىر بۆلەك داستانغا گۇۋاھ بولدى. تۇڭچېڭ شەھىرى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا سىڭدۈرۈپ، «يېڭى دەۋردىكى ليۇچىشياڭ كوچىسى خىزمەت ئۇسۇلى»نى شەكىللەندۈرۈپ، مەنبەدىن ئىدارە قىلىش، كۆپ خىللىق ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئىناقلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش يولىنى تېپىپ چىقتى.

2024- يىلى 10- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەنخۇيدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا ليۇچىشياڭ كوچىسىغا كەلدى. باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: ليۇچىشياڭ كوچىسىدا ئەجدادلارنىڭ زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشتىكى تارىخىي ئەقىل- پاراسىتى نامايان قىلىنغان، ئۇنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش تەربىيە سورۇنى قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يول قويۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئىناقلىقنى ئەلا بىلىدىغان ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان ئىناق جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار ئاساسىي قاتلامنى ئومۇميۈزلۈك تۇتۇشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئادەمنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىش، مەبلەغنى ئاساسىي قاتلامغا سېلىش، سىياسەتنى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بېيجىڭ شەھىرى ئىزدىنىش ئارقىلىق شەكىللەندۈرگەن «كوچا، يېزىلار پۇشتەك چېلىش، تارماقلار ئۆزىنى مەلۇم قىلىش» «ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان بېجىرىش» قاتارلىق تەجرىبە، ئۇسۇللار مەملىكەت بويىچە كەڭ ئومۇملاشتۇرۇلدى.

ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش داۋامىدىكى «كىچىك ئات بىلەن چوڭ ھارۋىنى سۆرەش» گەۋدىلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، 2023- يىلىدىن بۇيان، ئالاقىدار تارماقلار بىر قاتار كونكرېت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ھارۋىنى يېنىكلىتىپ، ئاتنى كۈچلەندۈرۈپ، يولنى راۋانلاشتۇرۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ» ھەم ئاساسىي قاتلامغا كۈچ قوشۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

بەزى كەنت كادىرلىرى مۇنداق بىلدۈردى: كەنت كومىتېتىدىكى ۋىۋىسكىلار ئازايدى، كەنتنىڭ چىقىرىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغان ئىسپات، كەنتنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇلىدىغان ئىشلار ئازايدى، كەنت كادىرلىرىنىڭ يان تېلېفونىدىكى ۋىيشىن خىزمەت توپىمۇ ئازايدى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ پۇقرالار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنى بار بولدى.

جەمئىيەت خىزمىتى ئاممىغا كەڭ دائىرىدە يۈزلىنىدۇ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلايدۇ، ئاممىغا بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىدۇ.

ھەرقايسى جايلار يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، «تۆتتە ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» تۈزۈمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەرزىيەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئەرزىيەت خىزمىتى نىزامى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئەرز ئېيتىپ كەلگەنلەرنى قوبۇل قىلىشى، تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى.

خەلق رايىنى ئاڭلاپ، خەلقنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، خەلقنىڭ تەكلىپلىرىنى كەڭ دائىرىدە توپلىدى. خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلانىدىن مائارىپ، داۋالىنىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش قاتارلىق پۇقرالار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر، دۆلەت ئىگىلىكى، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم خىزمەتلەر، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغىچە ئامما ھۆكۈمەت كۆزنەك تور بېكىتى، رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسى، 12345 ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى خەلققە قولايلىق قىزىق لىنىيەسى قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق ئىنكاس قىلالايدىغان بولدى، ياخشى چارىلەر «ئامما ئارىسىدىن كېلىش»، ياخشى سىياسەتلەر «ئامما ئارىسىغا بېرىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

پىدائىيلار مۇلازىمىتى جەمئىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى.

2024- يىلى 10- ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە تىزىمغا ئالدۇرغان پىدائىي جەمئىي 237 مىليون، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى 1 مىليون 350 مىڭ بولدى. ئالدىراشلىققا تولغان شەھەرلەردىن چەت، يىراق يېزا- كەنتلەرگىچە، دۆلەتنىڭ تەنتەنىلىك مۇراسىملىرىغا مۇلازىمەت قىلىشتىن چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداشقىچە، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىن خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقىچە، ھەممە جايدا پىدائىيلارنىڭ سىيماسى جانلىنىپ، «ۋاقتى بولسا پىدائىي بولۇش، قىيىنچىلىقى بولسا پىدائىينى ئىزدەش» «ئۆزۈمنى بېغىشلىسام خۇشاللىققا تولىمەن» جەمئىيەت يېڭى كەيپىياتىغا ئايلاندى.

جەمئىيەت خىزمىتى كۈنسېرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، بارغانسېرى كۆپ كىشىلەر ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت شەرەپلىك ئىشقا پائال ئاتلاندى. 2024- يىلى، مەملىكەت بويىچە جەمئىيەت خىزمەتچىسى كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار سانى 1 مىليون 889 مىڭغا يېتىپ، يەنە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. جەمئىيەت خىزمىتى كەسپىي ئىختىساسلىقلىرى بالىلار پاراۋانلىقى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى، جەمئىيەت قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش، مەھەللىدە تۈزەش قاتارلىق ساھەلەرگە كەڭ تارقالغان بولۇپ، كەسپىي مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ خاسلاشقان، كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان، كونكرېت خەلق تۇرمۇشىغا دائىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

شامال كۆتۈرۈلۈپ يەلكەن چىقىرىلىدىغان ياخشى پەيت كەلدى، جاسارەت بىلەن يەنە يىراققا سەپەر قىلدۇق. يېڭى مۇساپىدە، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، جەمئىيەت خىزمىتىدە جەزمەن يېڭى بۇرچنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت خىزمىتى جەزمەن دولقۇن يېرىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125