نيۇ لۇمى
ئىش ئۇققۇدەك بولغىنىمدىن باشلاپ بىلسەم، دادام ئىزچىل گېزىتكە مۇشتەرى بولىدىكەن. ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئەينى چاغدا «خەلق گېزىتى» ۋە «پايدىلىنىش خەۋىرى»دىن ئىبارەت ئىككى خىل گېزىت بار ئىدى، ھەر قېتىم ۋېلىسىپىتنىڭ قوڭغۇراق ئاۋازىنى ئاڭلىساقلا، گېزىت توشۇغۇچىنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلەتتۇق. ئەينى چاغدا گېزىت يېزىلىقلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئاز ئىدى. بىزنىڭ ئۆيدە، گېزىتنىڭ ئوقۇشتىن باشقا، ئىشلىتىلىشى تېخىمۇ كەڭ ئىدى. ھەر قېتىم مەكتەپ يېڭى كىتاب تارقاتقاندا، بىز ئۇنىڭ بىلەن مۇقاۋىلايتتۇق. بولۇپمۇ باھار بايرىمىدا ئانام يىغقان گېزىتلىرىنى چىقىرىپ، بىر قەۋەت يىلىم سۈرتۈپ، ئۇنى تامغا تەكشى چاپلاپ قوياتتى. ئۆي بىردىنلا يىپيېڭى تۈسكە كىرىپ، باسما مېيىنىڭ سۇس پۇرىقى ئۆيگە قويۇق كىتاب ھىدى قوشاتتى.
ئۇنىڭدىن باشقا، گېزىت يەنە بىزنىڭ بالىلىق چاغلىرىمىزدا خەت تونۇش ئويۇنى ئوينايدىغان «ياخشى ئويۇنچۇقىمىز» ئىدى. ھەر قېتىملىق يازلىق تەتىلنى نەۋرە ئىنى- سىڭىللىرىم دائىم بىزنىڭ ئۆيدە ئۆتكۈزەتتى. دىمىق چۈشتىن كېيىن، چوڭلارنىڭ ئادەت بويىچە ئارام ئېلىشقا باشلىغان ۋاقتى، بالىلارنىڭ زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ۋاقتى ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بىز گېزىت تامدىن خام خەت ئىزدەش ئويۇنى ئويناشقا باشلايتتۇق. ئارىمىزدىكى بىرەيلەن گېزىتتىن خالىغان بىر خام خەتنى تاپاتتى، باشقا كىچىك دوستلار ئۇنىڭ كونكرېت ئورنىنى تېپىپ چىقاتتۇق. گەرچە ئەينى چاغدا بىز جىق خەت تونۇمىساقمۇ، لېكىن مۇشۇنداق ئويۇنلار بىلەن بىز يازلىق تەتىلىمىزنى مەنىلىك ۋە گۈزەل ئۆتكۈزەتتۇق، ھەر كۈنى كىمنىڭ ئەڭ تېز، ئەڭ ياخشى ئوينايدىغانلىقى توغرىسىدا ھارماي- تالماي بەسلىشەتتۇق. يازلىق تەتىل ئاخىرلاشقاندا، تونۇيدىغان خەت مىقدارىمىزمۇ بىلىپ- بىلمەيلا ئېشىپ قالاتتى.
دېھقانچىلىق ئىشلىرى بولمىغان كۈنلەردە، سەھەردە ئورۇندىن تۇرغىنىمىزدا تاماق ئۈستىلى يېنىدا، چۈشتىن كېيىنكى چىۋىق ئورۇندۇقتا، كەچقۇرۇندىكى مەيىن شامالدا دادامنىڭ گېزىت ئوقۇۋاتقان سىيماسى كەم بولمايتتى. ئۇنىڭ تەسىرىدە ئاچا- ئىنى ئۈچىمىزمۇ گېزىت كۆرىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈردۇق. يېڭى گېزىت ئېلىپ كېلىنسىلا، بىر- بىرىمىزدىن تالىشىدىغان كۆرۈنۈش كەم بولمايتتى. ھەتتا ئالدىراش يازلىق يىغىم مەزگىلىدە، بەزىدە گېزىت كۆرۈش سەۋەبىدىن تەستە قولغا كېلىدىغان چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىغا تەسىر يەتكۈزەتتۇق. بۇ تەبىئىيلا ئانامنىڭ ئاغرىنىشىغا سەۋەب بولاتتى، چۈنكى چۈشتىن كېيىن يەنە تېخىمۇ ئېغىر دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىزنى كۈتۈپ تۇراتتى. شۇنداق بولسىمۇ، بىز گېزىتتە تەسۋىرلەنگەن ئاشۇ رەڭگارەڭ دۇنيادىن ۋاز كېچەلمەيتتۇق.
كېيىن دادام يەنە «شىئەن كەچلىك گېزىتى»گە مۇشتەرى بولدى، مەزمۇن تېخىمۇ بېيىدى. ئەينى چاغدا دەرسلىك كىتابتىن باشقا، بىزنىڭ ئوقۇشىمىزغا بولىدىغان دەرستىن سىرتقى كىتابلار ھەقىقەتەن بەك ئاز ئىدى، شۇڭا بىز «شىئەن كەچلىك گېزىتى»نىڭ بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىغىچە تېخىمۇ بوش قويۇۋەتمەيتتۇق. ئانامنىڭ گەرچە ساۋاتى بولمىسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ گېزىت ئوقۇشقا شۇنچىلىك ئامراقلىقىمىزنى كۆرۈپ، ئۇمۇ مەكتەپتىن قايتىپ كەلسەك، بىزگە: «بۈگۈن يېڭى گېزىت كەلدى» دەپ ئەسكەرتىپ تۇراتتى.
دادامنىڭ گېزىت كۆرۈشكە ئامراق ئادىتى ئوخشاشلا قىزىمنى تاۋلىدى. قىزىم ئۈچ ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن ئىزچىل ئاتا- ئانام قىزىمغا قارىشىپ بەردى. بىر قېتىم ئۆيگە قايتقىنىمدا، ئانام ئىككى ياشلىق قىزىمغا: «تېز ئاپىڭىزغا گېزىت ئوقۇپ بېرىڭ»، دېدى. ئۇ نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر گەپلەرنى دەپ، گېزىتنى تەتۈر تۇتۇۋېلىپ، خۇددى راستتەكلا ئوقۇپ كەتتى، باشلىرىنى چايقاشلىرى ناھايىتى ئەستايىدىل ئىدى. ئانام ماڭا، دادام گېزىت كۆرسىلا، قىزىمنىڭمۇ گېزىتنى ئېلىپ ئەستايىدىل كۆرۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. دادامنىڭ تەسىرىدە، قىزىمنىڭ كىتاب ئوقۇشقا بولغان قىزىقىشى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلدى.
كىچىكىمدىن تارتىپلا كۆزۈم كۆرۈپ، قۇلىقىم ئاڭلاپ پىشىپ كەتكەچكە، مەن ئوقۇتقۇچى بولغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇپ قالمىدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن، مەن قەرەلسىز ھالدا كىتاب ئوقۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش دەرسى، كىتاب ئوقۇش، تەڭ بەھرىمەن بولۇش دەرسى قاتارلىق كىتاب ئوقۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردۇم. بالىلارنىڭ جىمجىت كىتاب ئوقۇۋاتقان كۆرۈنۈشى بىلەن مەكتەپتىكى گۈل- گىياھلارنىڭ خۇشبۇي ھىدى، قۇشلارنىڭ سايراشلىرى بىر- بىرىنى تولۇقلاپ، قەلبنى پاكىزلاپ، بالىلارنىڭ بىلىمىنى بېيىتىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مىجەز- خۇلقىنى تاۋلىدى.
پەن- تېخنىكا كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ئۇچۇرغا ئېرىشىش يولىمىزنى كەڭلەشتۈردى ھەم كۆپ مەنبەلەشتۈردى. ھازىرقى ئېلېكتىرونلۇق ۋاسىتىلەر ئېقىم مەسىلىلىرىنى كۆپچىلىككە تېخىمۇ تېز يەتكۈزۈپ بېرىدىغان بولغاچقا، ئىلگىرىكى گېزىت ئوقۇش بوتكىسى دېگەندەك نەرسىلەر مەۋجۇت بولماي قالدى، گېزىت ساتىدىغان جايلارمۇ ئازلاپ كەتتى. لېكىن دادامغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، گېزىت ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان بۇيۇمغا ئايلاندى. ئۇ ھەر كۈنى سەھەردە، يەنىلا ئىككى- ئۈچ بېكەت ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، مۇقىم جايغا بېرىپ بىر نەچچە پارچە گېزىت سېتىۋېلىپ، ئاندىن يېڭى كۆكتاتلارنى ئېلىپ ئانام بىلەن بىللە قايتىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنلۈك تۇرمۇشى يەنە باشلىنىدۇ.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھىرى فۇپىڭ ناھىيەلىك جۇاڭلى باشلانغۇچ مەكتىپى
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)