شىنجاڭنىڭ يەتتە كۈندىكى سۈرەتلىرى (148) ▕بۇلۇت دېڭىزىدىكى مەنزىرە سىياھ رەسىمدەك شىنجاڭ
23:19:37 2024-11-06 تىيانشان تورى

 شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكى ئۇنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئىناقلىقىدا

 بۇلۇت دېڭىزى تاغلار ئارىسىدا جىمجىت ئېقىپ يۈرمەكتە

 قاشتېشى مۇزېيدا يېنىك ئاۋازدا ناخشا ئېيتماقتا

 قۇملۇق بىلەن بوستانلىق بىر- بىرىنى چاقناتماقتا

 بۇ يەردىكى ھەر بىرمەنزىرە بىر پارچە رەسىم

 ھەر بىر خىل ئاۋاز بىر كۇبلېت شېئىر

غۇۋا كۆرۈنگەن تاغ چوققىلىرى

10- ئاينىڭ 30- كۈنى، سانجى شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايوندا بۇلۇت دېڭىزى ئاجايىپ مەنزىرىسى پەيدا بولدى. تاغ چوققىسىدا تۇرغىنىڭىزدا، پەستىكى كۆز يەتكۈسىز بۇلۇت دېڭىزىداتاغ تىزمىلىرى گاھ پەيدا بولۇپ، گاھ يوقاپ، سىرلىق ھەم ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. لياڭ خۇڭتاۋ فوتوسى


يېقىملىق قاشتېشى ئاۋازى

10- ئاينىڭ 30- كۈنى، چۈشەندۈرگۈچى خوتەن قاشتېشى شەھەرچىسىگە جايلاشقان قاشتېشى مۇزېيىدا ساياھەتچىلەرگە قاشتېشىدىن تەقلىد قىلىپ ياسالغان چالغۇلارنى چېلىپ بەرمەكتە. ھازىر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاشتېشى كەسپى قېزىش، پىششىقلاش، سېتىشتىن ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقىچە بولغان بىر گەۋدىلەشكەن خاس كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى. خوتەن ۋىلايىتىدە قاشتېشى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار 17 مىڭدىن ئېشىپ، يىللىق سودا سوممىسى 3 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

پەن- تېخنىكىغا تايىنىپ موگۇ ئۆستۈرۈش

10- ئاينىڭ 30- كۈنى، توقسۇن ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ جيۇمۇلىن بىئو پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ زەمبۇرۇغ يېتىشتۈرۈش ئۆيىدە، ئىشچىلار پىڭگۇ ئۈزمەكتە. بۇ شىركەت يېمەكلىك، دورىغا ئىشلىتىلىدىغان زەمبۇرۇغنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يېتىشتۈرۈش، ئىنچىكە پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانا بولۇپ، 210 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ 25 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق زاۋۇت ئۆيى سېلىشنى پىلانلاۋېتىپتۇ. بۇ يىل 8- ئايدا، بۇ تۈرنىڭ 1- قارارلىق قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى مېھرىگىياھ، پىڭگۇ قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن، كۈندىلىك موگۇ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى سەككىز توننىغا، يىللىق زەمبۇرۇغ خالتىسى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 7 مىليون خالتىغا، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 50 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

مول ھوسۇللۇق ئېتىز

10- ئاينىڭ 28- كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2- شى 22- تۇەنىدىكى بىر ئېتىزلىقتا، ئىشچى- خىزمەتچىلەر كۈزلۈك كۆكتاتلارنى ئۈزمەكتە. بۇ يىل بۇ تۇەندىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر يازلىق ئاشلىقنى ئورۇپ بولغاندىن كېيىن، مايسا يېتىشتۈرۈپ كۆچۈرۈپ تىكىپ ۋاۋاسەي، زىگەنلەن قاتارلىق كۆكتاتلارنى ئۆستۈردى. شيې جياڭلىن فوتوسى

كۆلدە ئەكس ئەتكەن گۈزەل كۈز مەنزىرىسى

11- ئاينىڭ 1- كۈنى، ساياھەتچىلەر لوپنۇر كۆلى دۆلەت قۇملۇق باغچىسىدا كاتېرغا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلىپ، گۈزەل كۈز مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانماقتا. تيەن گوجيەن فوتوسى

كورلا سەنىمى مۇسابىقىسى

11- ئاينىڭ 2- كۈنى، كورلا سەنىمى مۇسابىقىسى نەق مەيدانىدا، مۇسابىقىگە قاتناشقان ۋەكىللەر كوماندىسى قىزغىن كەيپىياتتا ماھارەت كۆرسەتمەكتە. شۇ كۈنى، كورلا سەنىمى مۇسابىقىسى قارا يۇلغۇن بازىرىدا باشلاندى، كورلا شەھىرىنىڭ ھەر قايسى يېزا- بازارلىرىدىن كەلگەن 12 ۋەكىللەر كوماندىسى مۇسابىقىگە قاتناشتى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ لىخۇا فوتوسى

قاينام- تاشقىنلىققا تولغان ئۇدۇن

10- ئاينىڭ 31- كۈنى، ئارتىسلار «شەھەر ھالىتىدىكى ئۇدۇن»نى ئورۇنلىماقتا. كەچ بولغاندا، خوتەن يوتقان قەدىمىي شەھىرىدە چىراغلار چاقناپ، پۈتۈن رايوندا«بارچە مىللەت چالدى ساز، يۈتيەنمۇ بار بۇ نەغمىدە» ناملىق چۆكۈش شەكلىدىكى ئويۇن قويۇلۇشقا باشلىدى. «شەھەر ھالىتىدىكى ئۇدۇن» «يىپەكچى نازىنىنلارنىڭ سىيماسى» «قۇملۇق باتۇرى» «يىپەك يولىدا ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش» قاتارلىق ئېسىل نومۇرلارساياھەتچىلەرگە «بىر خىل ياخشى ئويۇن» تەقدىم ئەتتى.  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

 

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125