يۈننەن سىماۋ: قەھۋە دەل ۋاقتىدا مېۋىلىدى
23:20:42 2024-11-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ياخشى ئۆسۈۋاتقان قەھۋە مېۋىسى (11- ئاينىڭ 2- كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا تورى تارقاتقان (سىماۋ رايونلۇق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن سۈرەت)

 ھازىر، دەل قەھۋە دەرىخى مېۋىلەيدىغان ياخشى مەزگىل. يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ پۇئېر شەھىرى سىماۋ رايونى بەيشاپو كەنتىگە كىرگىنىمىزدە، ھەممە يەر ياپيېشىل كۆرۈنەتتى، تاغ ئورمانلىقى ئارىسىدىكى قەھۋە دەرەخلىرى دانلىق مېۋىلەر بىلەن تولغان، بەزى مېۋىلەر سۇس قىزىرىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى.

 ئەتىگەندىلا، قەھۋەچى دېھقان ياڭ مىڭ ئۆزىنىڭ قەھۋەزارلىقىغا كېلىپ، قەھۋە دەرىخىنى پەرۋىش قىلدى. «ئائىلىمىز 80 نەچچە مو يەرگە قەھۋە تېرىدۇق، بۇلتۇر ھەر مو يەرنىڭ ھوسۇلى 800 كىلوگىرام ئەتراپىغا يەتتى. بۇ يىل يامغۇر يېتەرلىك بولدى، قەھۋە دەرىخىنىڭ ئۆسۈشى ناھايىتى ياخشى بولدى، مېۋىلەش ئەھۋالىمۇ ناھايىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولدى، چوقۇم مول ھوسۇل ئالالايمىز» دېدى ياڭ مىڭ.

 ئىگىلىنىشىچە، سىماۋ رايونىنىڭ قەھۋە ئۆستۈرۈش كۆلىمى 231 مىڭ 500 موغا يەتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە 66 مىڭ 700 مولۇق يېشىل ئورگانىك مەھسۇلات ئېتىراپنامىسىغا ئېرىشكەن بازىغا ئىگە ئىكەن. 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن رايوننىڭ 2024- يىللىق قەھۋە خام پۇرچىقىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 24 مىڭ 500 توننىغا، ئۇنىۋېرسال مەھسۇلات قىممىتى 4 مىليارد 16 مىليون يۈەنگە يەتكەن. (جاڭ چىپىڭ، نيۇ چۈەنلىن، لو جيا)

بەيشاپو «مېيلىشىڭ كەنتى . يوۋفېڭكاگۇ» (11- ئاينىڭ 2- كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا تورى تارقاتقان (سىماۋ رايونلۇق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن)

پىشىش ئالدىدا تۇرغان قەھۋە مېۋىسى (10- ئاينىڭ 26- كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا تورى تارقاتقان (سىماۋ رايونلۇق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن)

تاغ ئورمىنى ئارىسىدىكى قەھۋەخانا (10- ئاينىڭ 26- كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا تورى تارقاتقان (سىماۋ رايونلۇق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125