چاڭغا تېيىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلار دىققەت!
شىنجاڭدا يەنە بىر چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى كۆپەيتىلىدۇ!
2 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ
ئورنى قابا ناھىيەسىدە
قابا ناھىيەسىنىڭ شەھەر ئاھالىلىرى مەيدانىدىكى مۇز تېيىلىش مەيدانى. (سۈرەت قابا ناھىيەسى نۆل ئارىلىق ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىنغان)
قار شەھىرى يۇغۇرما تاراتقۇسى، قابا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 11- ئاينىڭ 1- كۈنى، قابا ناھىيەسى جۇڭگو بىناكارلىق قۇرۇلۇش 8- ئىدارىسى چەكلىك شىركىتى بىلەن ئاق قابا خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى تۈرى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان.
ئاق قابا خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى تۈرىگە 2 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان، پىلاندىكى قار يولىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 424 گېكتار كېلىدۇ، بۇ تۈر بولباداي تېغى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئىككى كىچىك تاغ چوققىسى رايونى قار يولى، چاڭغا تېيىلىش سايمانلىرى زالى، ساياھەتچىلەر يىغىلىش- تارقىلىش مەركىزى، ئالىي مېھمانساراي، چاڭغا تېيىلىش مەكتىپى، چاڭغا تېيىلىش مۇلازىمەت پونكىتى، تەنھەرىكەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى، مەدەنىيەت- ساياھەت كوچا رايونى، ساياھەت ئىقتىسادى قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قابا ناھىيەسىنىڭ ساياھەت ۋە قار- مۇز ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ساياھەتچىلەر قابا ناھىيەسى ئاق قېيىنزار مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا (ماتېرىيال سۈرەت). ئۇلار جانىمقان فوتوسى
ئالتاي ۋىلايىتى قابا ناھىيەسى ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگراسىغا، ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئېكولوگىيە- مۇھىتى ئىنتايىن گۈزەل. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قابا ناھىيەسى ئۆز جايىنىڭ قار- مۇز بايلىقىدىن پايدىلىنىپ،«قاردىكى گۈزەل قېيىنزار» ساياھەت ماركىسىنى پائال يارىتىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىن، مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار، روشەن خاسلىققا ئىگە قار- مۇز تەنھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، «قار- مۇز + ساياھەت»نىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى.
2023- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا تۈرلۈك قار- مۇز مەيدانىدىن جەمئىي 188ى ياسالدى، بۇنىڭ ئىچىدە، چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدىن 101ى، مۇز تېيىلىش سارىيىدىن 27سى، قار- مۇز شادلىق باغچىسىدىن 60ى بار بولۇپ، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى قار- مۇز مەيدانى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 5S دەرىجىلىك چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدىن ئالتىسى، 4S دەرىجىلىك چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدىن 10ى بار، قار يولىنىڭ كۆلىمى 100 گېكتاردىن ئاشىدىغاندىن يەتتىسى بار.