يۆتكىلىپ تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ كادىرلار ئارخىپى
يۆتكىلىپ تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ سىياسىي قىياپىتى، ئەخلاق- پەزىلىتى، ئۆگىنىش، خىزمەت كەچۈرمىشى، كەسپىي ساپاسى، خىزمەت ئەمەلىي نەتىجىسى، ئىنتىزامغا، قانۇنغا رىئايە قىلىش ۋە ئائىلە ئەھۋالى، جەمئىيەت مۇناسىۋىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تارىخىي خاتىرە ماتېرىيالى بولۇپ، يۆتكىلىپ تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئورگان مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ۋە دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش، سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش، ئۇنۋان باھالاشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش قاتارلىق ئىشلاردىكى مۇھىم ئىسپات ھېسابلىنىدۇ.
سايىلىسىڭىزلا تەكشۈرەلەيسىز
پايدىلانغان مەنبە: «ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى