بىر چاڭغا تېيىلىش مەيدانى بىر شەھەرنىڭ داڭقىنى چىقاردى
17:25:51 2024-11-07 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

− ئالتاي شەھىرى قار- مۇز كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

  ما كەي، جاڭ يۈ

 باش قىش مەۋسۇمى يېتىپ كەلدى، شىنجاڭ جياڭجۈن تېغى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى پات ئارىدا قار پەسلىنى كۈتۈۋالىدۇ، تاغ ئېتىكىدىكى ئالتاي شەھىرى يەنە بىر ساياھەت قىزغىنلىقى ئۇرغىغان قىش پەسلىنى كۈتۈۋالىدۇ.

 ئالتاي شەھىرى دۇنيا چاڭغا تېيىلىش ئالتۇن كەڭلىك بەلبېغىغا جايلاشقان، شىنجاڭ كىلىمات مەركىزىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئالتاي شەھىرىنىڭ يىغىندى قار مەزگىلى بەش ئايغا يېتىدىكەن، قۇرغاق، يۇمشاق «توزغاق قار» ئاساس قىلىنغاچقا، قار- مۇز تەنھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ناھايىتى ماس كېلىدىكەن. جياڭجۈن تېغى چاڭغا تېيىلىش مەيدانى دەل بۇ شەھەرگە جايلاشقان بولۇپ، 72 چاڭغا تېيىلىش يولى بار دۆلەت 5S دەرىجىلىك چاڭغا تېيىلىش مەيدانى ھېسابلىنىدىكەن.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاڭغا تېيىلىش مەيدانى ئەسلىھەلىرىنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىشى، يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنىڭ دەرىجىسىنىڭ كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، جياڭجۈن تېغى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ «جەلپ قىلىش» كۈچى تېز ئېشىپ، ئالتاي شەھىرىنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىگە تۈرتكە بولىدىغان ئاساسىي قوشۇنغا ئايلانغان. 2023- يىلىدىن 2024- يىلىغىچە بولغان قار پەسلىدە جياڭجۈن تېغى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىغا جەمئىي 790 مىڭ ساياھەتچى كىرگەن، چاڭغا تېيىلغانلار جەمئىي 470 مىڭغا يەتكەن، ساياھەت كىرىمى 93 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

 تەبىئىي «توزغاق قار» يېغىش، شەھەر رايونىغا يېقىن بولۇش، جياڭجۈن تېغى چاڭغا تېيىلىش مەيدانى مۇشۇ ئىككى نۇقتىغا تايىنىپلا نۇرغۇن چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالمىغان. چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئوخشىمىغان ئېھتىياجىغا ئاساسەن، جياڭجۈن تېغى چاڭغا تېيىلىش مەيدانى چاڭغا تېيىلىش يولىنىڭ لايىھەلىنىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، چاڭغا تېيىلىش تەسىراتىنى بېيىتىپ، چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ قەلبىدىكى «دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى چاڭغا تېيىلىش مەيدانى»نى تىرىشىپ بەرپا قىلغان.

 ئالتاي جياڭجۈن تېغى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ تىجارەت باش نازارەتچىسى چېن ياڭ مۇنداق دېدى: «قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان فوگۇاڭ چوڭ يولىدىن مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل بولغان شىياڭ يولىغىچە، ئاندىن يەنە ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان تاق چاڭغا تېيىلىش باغچىسىغىچە ھەر بىر چاڭغا تېيىلغۇچى ئۆزىنىڭ سەۋىيەسى، قىزىقىشىغا ئاساسەن ئۆزىگە خاس چاڭغا تېيىلىش يولىنى تاپالايدۇ. بۇ يىل بۇ چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 500 مېتىر، ئەڭ چوڭ يانتۇلۇقى 34 گىرادۇس بولغان تەبىئىي چاڭغا تېيىلىش رايونى قۇرۇلۇپ، چاڭغا تېيىلغۇچىلارنى تېخىمۇ مول تەسىراتقا ئىگە قىلىدۇ».

 ئالتاي شەھىرى ساياھەتچىلەر كۆپ بولۇشنى ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان بولۇشقا تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، كۆپ تۈرلۈك ئىللىقلىق يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى تەرىپىدىن «چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى ئەڭ ئەتىۋارلايدىغان شەھەر» دەپ ئاتالدى. چاڭغا تېيىلغۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، شۇ جاي ئايرودۇرۇم، چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدىن شەھەر رايونىدىكى ھەرقايسى مېھمانسارايلارغىچە قاتنايدىغان قوش يۆنىلىشلىك مەخسۇس ئاپتوموبىل تەسىس قىلدى. چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ تىجارەت ۋاقتىغا ئاساسەن چاڭغا تېيىلىش مەيدانى بىلەن شەھەر رايونى ئارىسىدا قاتنايدىغان ئاممىۋى ئاپتوبۇس تەسىس قىلدى؛ كۆپلىگەن ئاممىۋى ئاپتوبۇس، تاكسىلارغا يەنە چاڭغا تېيىلىش تاختىسى قويىدىغان قۇرۇلما سەپلىدى.

 خەلقئارادىكى بىرىنچى سەپتە تۇرىدىغان چاڭغا تېيىلىش دالا ماركىلىرىنىڭ ماكانلىشىشىدىن تارتىپ يېمەك- ئىچمەك، قونالغۇ تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلارنىڭ كۆپىيىشىگىچە، ئاندىن يەنە ساغلاملىق- كۈتۈنۈش، سۇ بىلەن داۋالاش قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ بارلىققا كېلىشىگىچە... ئالتاي شەھىرىدە چاڭغا تېيىلىشتىن پەيدا بولغان ئۆزگىرىشلەرنى ئېنىق كۆرۈپ يەتكىلى بولىدۇ. مېھمانخانا، مېھمانسارايلارنى مىسالغا ئالساق، بۇ يىل 8- ئايغىچە شەھەر بويىچە تۈرلۈك مېھمانخانا، مېھمانسارايلار 132گە، كارىۋات 8973كە يېتىپ، 2018- يىلىدىكىدىن تۆت ھەسسىگە يېقىن ئاشقان.

 قار- مۇز كەسپىنىڭ تەرەققىياتى شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بېيىيدىغان، كىرىمنى ئاشۇرىدىغان ئىش ئورنى ئېلىپ كەلدى. چاڭغا تېيىلىش تىرېنېرى، چاڭغا تېيىلىش تاختىسىنى ئاسرىغۇچى، چاڭغا تېيىلىش مەيدانى بىخەتەرلىك خادىمى... جياڭجۈن تېغى چاڭغا تېيىلىش مەيدانى 300دىن ئارتۇق ئىش ئورنىنى بىۋاسىتە ھەل قىلىپ، ۋاسىتىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنىدىن نەچچە مىڭنى ياراتتى. جارىسبېك ئارۇپباي ئىلگىرى چارۋىچى بولۇپ، تەربىيەلەنگەندىن كېيىن جياڭجۈن تېغى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا چاڭغا تېيىلىش تىرېنېرى بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر ھەربىر قار پەسلىدە 60 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايمەن».

 ئالتاي شەھىرى ھازىر قار- مۇز تەنھەرىكىتىنى مەھەللە، كارخانا، ئورگانلارغا كىرگۈزۈشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، قار- مۇز تەنھەرىكىتى، قار- مۇز ئىستېمالى توپىنىڭ دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، قار- مۇزنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا تېخىمۇ ياخشى سىڭدۈرۈپ، «قار- مۇز + ساغلاملىق- كۈتۈنۈش»، «قار- مۇز + ئىستىراھەت»، «قار- مۇز + تەربىيەلەش»، «قار- مۇز + مەدەنىيەت» قاتارلىق كەسىپلەرنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان پەسىل، ئوخشاش بولمىغان ئىستېمال توپىنىڭ تەنھەرىكەت، ئىستىراھەت ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 11- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى) 

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125