دىڭ مىڭلى
6- ئايغا قەدەم قويۇپ، يازلىق تۇيغۇ بارا- بارا چوڭقۇرلاشتى، سۇس مەيىن شامال، كېچىمۇ كۈندۈزدىكى ئوتتەك ئىسسىقنى توسۇپ قالالمىدى. يېقىندىن بۇيان، خىزمەت ئېلىپ كەلگەن بېسىم ۋە ھارغىنلىق مېنى بىئارام قىلدى، تەشۋىشلەندۈردى. كېچە مەنزىرىسى خۇددى بىر زىچ چوڭ تورغا ئوخشاش، مېنى نەپەس ئالالمايدىغان قىلىپ قويۇۋاتاتتى.
بۇ چاغدا، مېھمانخانىدىن لەرزان پىيانىنو ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن قاراپ، ئانامنىڭ پىيانىنونىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن چېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بىر مۇزىكىنى چېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئانام چىرايىدا بەخت جىلۋىلەنگەن ھالدا ماڭا: «قىزىم، مەن توردا پىيانىنو دەرسىگە تىزىملاتتىم، ھازىر بەك قولايلىق بولۇپ كەتتى! مەن بۇرۇنقىدەك ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ يىراق جايدىكى سەنئەت مەكتىپىگە بېرىپ دەرس ئاڭلىمىساممۇ بولىدىغان بولدى»، دېدى.
ئەسلىمە خۇددى دېڭىز تاشقىنىدەك كاللامغا كىردى، پىيانىنو توغرىسىدا، كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. بىر مەزگىل مەن پىيانىنوغا مەپتۇن بولۇپ قالدىم، ئانام گەپ قىلمايلا ئۇزاقتىن بۇيان يىغقان مائاشىنى چىقىرىپ، ماڭا بىر پىيانىنو ئېلىپ بەردى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر ھەپتە ئاخىرىدا ئانام مېنى ۋېلىسىپىتىگە ئولتۇرغۇزۇپ، شەھەرنىڭ يېرىمىنى كېسىپ ئۆتۈپ دەرسكە ئېلىپ باردى. دەرسخانىدا، ئانام مەندىنمۇ ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى سەمىمىيلىك بىلەن يېزىپ قويدى، ئىجىر- مىجىر قىزىل خەتلەر ئېنىق ھەم كۈچلۈك ئىدى.
لېكىن، ئۆگىنىشىمنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، پىيانىنو بۇلۇڭدا قېلىپ، پەقەت غۇۋا ئەسلىمىلەرلا قالدى.
تۇرمۇشنىڭ جاپا- مۇشەققىتى ئانامنىڭ چاچلىرىنى ئاقارتتى، قورۇقلىرىنى كۆپەيتتى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئانام پېنسىيەگە چىقىش يېشىغا يېتىپ، ئاخىرى ياخشى كۆرىدىغان ئىشىنى خاتىرجەم قىلالايدىغان بولدى.
ئۇنىڭ ئەستايىدىللىقى ۋە ئامراقلىقىنى مەن بىلىپ تۇراتتىم. بىر قېتىم، ئىشى چىقىپ قېلىپ ئۆيگە كەچ قالغاچقا، ئۇ تېخى ئۆتۈلمىگەن پىيانىنو دەرسىدىن ئەنسىرەپ، ئىشىكتىن كىرىپلا ئالدىراپ- تېنەپ سومكىسىنى قويۇپ، كومپيۇتېرنى ئېچىپ دەرس ئاڭلاشقا باشلىدى. گەرچە مەشىق ناھايىتى مەنىسىز بولسىمۇ، ھەر قېتىم خاتالىق سادىر قىلغاندا، ئۇ كۆڭلى غەش بولغان ھەم ئاچچىقلانغان ھالدا: «ئۇلاپ ئۈچ قېتىم چالىمەن، ئازراقلا خاتالاشسام كەچلىك تاماق يېمەيمەن!» دەيتتى.
بۇ چاغدا، پىيانىنو ئالدىدا ئولتۇرغان ئانامنىڭ سەل- پەل تەۋرىنىپ تۇرغان قارىسى ئىختىيارسىز كۆز چانىقىمنى نەملىدى. ئۇنىڭ ھېلىھەم ئىنچىكە، ئەمما يىرىك بارماقلىرى ئاق- قارا پىيانىنو تىللىرى ئۈستىدە خۇشال ھالدا ئايلىناتتى، بىر- بىرىدىن زېرەك بىلىنىدىغان نوتىلار كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە قەلبىمنى ئىگىلىدى. مۇزىكىنىڭ رىتىمىغا ئەگىشىپ، ئانام ئۆزىگە تەۋە ساز ئاۋازىغا مەپتۇن بولۇپ كەتتى.
ئانامنىڭ پىيانىنوسى بىر خىل ئاۋاز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر خىل ھېسسىيات ۋە ئېنېرگىيەنىڭ سىمۋولى ئىدى. ساز ئاۋازى تۈن ئارا ياڭراپ، قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا سىڭىپ كىردى. لەرزان ئاھاڭ ئىلگىرى ئەگرى- بۈگرى بولۇپ، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەگرى- توقايلىقلارنى بېسىپ ئۆتكەن؛ ئىلگىرى تەكشى بولۇپ، يىللارنىڭ بوران- چاپقۇنلۇق دالالىرىنى كېزىپ ئۆتكەن ئىدى.
ئانامنىڭ ساز ئاۋازى ۋاقىت تونېلىدىن ئۆتۈپ، ماڭا مۇلايىم، قەتئىي كۈچ بېغىشلاپ، گاڭگىرىغان ۋە تېڭىرقىغان چېغىمدا ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىمنى ئىزدەپ بەردى. پەقەت قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلىگەندىلا، ئاندىن قىيىنچىلىق ئىچىدىن تەقدىرنىڭ پۇرسىتىنى تېپىپ، كىشىلىك ھاياتتىكى قىيىن ئۆتكەلدىن بىمالال ئۆتەلەيدىغانلىقىمنى كۆرسىتىپ بەردى.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىدىن، ئالدىمىزدىكى يولنىڭ ئۇزاق بولۇشىدىن قورقماي، تۇرمۇشنىڭ سىناقلىرىدا قىيىن ئۆتكەللەرگە قايتا- قايتا ئاتلىنىپ، كىشىلىك ھاياتتىكى پارلاق غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى سۇجوۋ يۇقىرى- يېڭى تېخنىكا رايونى توڭئەن بازارلىق ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)