ئالتۇن كۈز مەزگىلىدە، بۇيلۇق مەنزىرە رايونى چىرايلىق كۈزلۈك لىباس كىيىپ، كۈز پەسلىدىكى ئەڭ ياخشى تاماشا مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى.
بۇيلۇق مەنزىرە رايونى دەرۋازىسىدىكى گۈزەل مەنزىرە.
بۇيلۇق مەنزىرە رايونىنىڭ كۈزدىكى گۈزەل مەنزىرىسى.
كۈزدىكى بۇيلۇق مەنزىرە رايونىغا بوشلۇقتىن نەزەر.
مەنزىرە رايونىدىكى رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەن ئورمانلار ۋە سۈرەتتەك گۈزەل كۈز مەنزىرىسى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ كۈز مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ، تەبىئەتنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلماقتا.
ساياھەتچىلەر سەيلە ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ بۇيلۇقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانماقتا.
بۇيلۇق مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر سەيلە ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ تاماشا قىلماقتا.
بۇيلۇق مەنزىرە رايونىنىڭ كۆركەم كۈز مەنزىرىسى.
بۇيلۇق تۇرپان شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 11 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان بولۇپ، يالقۇنتاغ ئېتىكىدىكى بىر جىلغا. بۇ جايدا ئۈزۈم كۆپ چىققانلىقتىن، يىراق- يېقىندا داڭ چىقىرىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى يارقىن نام كارتىسىغا ئايلانغان. بۇيلۇقنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن سەككىز كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىر كېلىدۇ، زۇمرەتتەك ئۆستەڭ سۈيى بۇيلۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ.
كۈزدىكى بۇيلۇق دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرمۇ جەزمەن كېلىپ يوقلىما قىلىدىغان جاي.
(سۈرەتلەرنى تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ جيەن تارتقان)