پەتتار غوپۇر: تۇرپان تونۇر كاۋىپىنىڭ مەززىلىك پۇرىقىنى ھەممە يەرگە تارقىتىمەن
17:28:16 2024-11-07 تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

 تۇرپاندا پەتتار تونۇر كاۋىپىنى ھەممە كىشى بىلىدۇ. پەتتار تونۇر كاۋىپى دۇكىنىنىڭ ئىگىسى پەتتار غوپۇر بۇ يىل 63 ياشقا كىرگەن بولۇپ، تونۇر كاۋىپى پىشۇرۇپ كېلىۋاتقىنىغا 40 يىل بولدى. كۆپ يىل تىرىشىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ تونۇر كاۋىپى تۇرپان مەززىلىك تائاملىرىنىڭ نام كارتىسىغا ئايلىنىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇ يېتىشتۈرگەن 70 نەچچە شاگىرت بۈگۈنكى كۈندە ھەرقايسى ئالىي مېھمانخانىلاردا كاۋاپ پىشۇرۇش ئۇستىسى بولۇپ ئىشلىمەكتە.

 «خۇرۇچ بىلەن تۇزنى ئوخشاشلا مۇۋاپىق ئىشلىتىش كېرەك. كۆپ سېلىۋەتسە تەمى ئاچچىق بولۇپ قالىدۇ، ئاز سالسا كاۋاپ مەززىلىك پىشمايدۇ... » 10- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىرلار پەتتار بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇ شاگىرتلىرىغا تونۇر كاۋىپى پىشۇرۇش تەجرىبىسىنى ئۆگىتىۋاتاتتى. شاگىرتلار پەتتارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشى بىلەن تەم تەڭشەش، قىيام سۈركەش قاتارلىق باسقۇچلارنى بىر- بىرلەپ تاماملىدى، ئارقىدىن قوي گۆشىنى تونۇرغا سېلىپ دۈملەپ پىشۇردى.

 چۈشتە، پەتتار شاگىرتلىرىغا تونۇر كاۋىپىنىڭ پىشقانلىقىنى ئۇقتۇردى. ناھايىتى تېزلا، رەڭگى ساپسېرىق، چۈرۈك پىشقان تونۇر كاۋىپى ئۈستەلگە تىزىلىپ، مەززىلىك ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ، نۇرغۇن خېرىدارنى جەلپ قىلدى. 

 «تونۇر كاۋىپى شىنجاڭدىكى ئەڭ داڭلىق تائاملارنىڭ بىرى، ئۇنى پىشۇرۇشتا ماتېرىيال تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىلگەندىن سىرت، تەييارلاش ئۇسۇلىمۇ ئالاھىدە. تونۇر كاۋىپىنى كۆركەم، مەززىلىك، تەملىك قىلىپ پىشۇرۇش ئاسان ئەمەس، بۇنىڭدا ياخشى يېمەكلىك ماتېرىيالى، خۇرۇچلار بولۇپلا قالماي، ئوتنىڭ تاۋى ۋە ۋاقتىنىمۇ جەزمەن ياخشى كونترول قىلىش كېرەك.» ئۆزىنىڭ تونۇر كاۋىپى پىشۇرۇشنى ئۆگەنگەن چاغلىرىنى ئەسكە ئالغان پەتتار ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى.

پەتتار تونۇرغا تۇز سۈيى چاچماقتا. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى مەدىنۇر تۇرسۇن فوتوسى

 ئاتىسىنىڭ تەسىرىدە، پەتتار كىچىكىدىنلا ئاشپەزلىك ھۈنىرىگە قىزىقىپ قالدى. ئۇ 17 يېشىدا تۇرپان شەھىرىدىكى بىر ئاشخانىغا بېرىپ ئاشپەزلىكنى ئۆگەندى، كېيىن يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر ئاشخانىغا بېرىپ تونۇر كاۋىپى پىشۇرۇشنى ئۆگەندى. 1990- يىلى، پەتتار تۇرپاندا تونۇر كاۋىپى دۇكىنى ئاچتى. ئۇ پىشۇرغان تونۇر كاۋىپى ئۆزگىچە تەمى ۋە سۈپىتى بىلەن بازاردا ناھايىتى تېزلا داڭ چىقىرىپ، زىياپەتلەردە كەم بولسا بولمايدىغان ئېسىل تاماققا، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر ياقتۇرۇپ يەيدىغان مەززىلىك تائامغا ئايلاندى.

 گەرچە سودىسى ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن پەتتار بۇنىڭلىق بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي، داۋاملىق تەتقىق قىلىپ، سىناق قىلىپ، تېخىمۇ مەززىلىك تونۇر كاۋىپى پىشۇرۇشقا تىرىشتى. ئەجىر قىلغان كىشى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشمەي قالمايدۇ. ئۇ ئۆزىگە خاس كاۋاپ پىشۇرۇش قىيامى تەييارلاپلا قالماي، يەنە پەتتار غوپۇر تونۇر كاۋىپىنى تۇرپان تائاملىرىنىڭ داڭلىق ماركىسىغا ئايلاندۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پەتتار يەنە «دۇنيا كاۋاپ ئۇستىسى»، «جۇڭگونىڭ داڭلىق ئاشپىزى»، «شىنجاڭ ئاشپەزچىلىك ئۇستازى» قاتارلىق ناملارغا ئېرىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ بىلىدىغىنى، خەلقئارا ئاشپەزلىك جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ئاشپەزلىك جەمئىيىتى ئۇنىڭغا بەرگەن «دۇنيا كاۋاپ ئۇستازى» ۋە «دۆلەت دەرىجىلىك كاۋاپ ئۇستازى» دېگەن ناملار ئىدى.

پەتتار قوي گۆشىگە تەم تەڭشىگۈچ سۈركىمەكتە. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى مەدىنۇر تۇرسۇن فوتوسى

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان ساياھەتچىلىكىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، پەتتارمۇ كەسىپنى كېڭەيتىشكە باشلىدى. ئۇ مەشرەپ ئۆرپ- ئادەت قورۇقى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ھەر يىلى ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات پەسلىدە قورۇقنى تونۇر كاۋىپى بىلەن تەمىنلەپ، جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنىڭ قارشى ئېلىشى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. تورداشلارنىڭ قىزغىن باھاسى پەتتار تونۇر كاۋىپىنى ساياھەتچىلەر تۇرپانغا ساياھەتكە كەلگەندە چوقۇم يەيدىغان ئېسىل تائاملار تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدۇردى.

 خاربىنلىق ساياھەتچى جاڭ جىنبو پەتتار تونۇر كاۋىپىنى تېتىپ كۆرگەندىن كېيىن: «بۇ تونۇر كاۋىپى بەك ئوخشاپتۇ، ناھايىتى مەززىلىك ئىكەن» دەپ ماختاپ كەتتى. 

 پەتتار تونۇر كاۋىپىنى پىشۇرۇش ھەر نۆۋەتلىك جۇڭگو يىپەك يولى تۇرپان ئۈزۈم سەيلىسىدىكى چوقۇم ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتكە ئايلاندى. ئۇ «دۇنيا بويىچە چوڭ تونۇر»دا قوي گۆشى تونۇر كاۋىپى، كالا گۆشى تونۇر كاۋىپى، تۆگە گۆشى تونۇر كاۋىپى قاتارلىقلارنى پىشۇرۇپ، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ، ئۈزۈم سەيلىسىگە تېخىمۇ ھۆسن قوشتى. ئۇ شاگىرتلىرى بىلەن نەق مەيداندا ھۈنىرىنى كۆرسىتىپ، پۈتۈن قوينىڭ گۆشىدىن ئالتىنى ئۆتكۈزۈپ غايەت چوڭ زىخ كاۋاپ پىشۇرۇپ، 200 كىشىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا تېتىپ بېقىشىغا سۇندى. ئۇ يەنە بىر قېتىم «كالىنىڭ جاھان سەپىرى» دېگەن نامىدا ئىككى پۈتۈن كالىنىڭ گۆشىنى كاۋاپ قىلدى، بىر قېتىم «قوش تۆگىگە قۇت بولسۇن» دېگەن نامدا ئىككى پۈتۈن تۆگىنىڭ گۆشىدىن تونۇر كاۋىپى پىشۇردى، يەنە «يۈز سۇمرۇغنىڭ قۇياشقا ئىنتىلىشى» دېگەن نامدا بىرلا ۋاقىتتا 100 توخۇنى كاۋاپ قىلدى.  

 «پۈتۈن قوي گۆشى كاۋىپىغا سېلىشتۇرغاندا، پۈتۈن كالا ۋە تۆگە گۆشىدىن كاۋاپ پىشۇرۇشقا كېتىدىغان ۋاقىت تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ، ئوتنىڭ تاۋىنى كونترول قىلىش تېخىمۇ تەس. پۈتۈن كالا گۆشى كاۋىپى تەخمىنەن بەش سائەتتە، پۈتۈن تۆگە گۆشى كاۋىپى بولسا ئالتە سائەتتىن يەتتە سائەتكىچە ۋاقىتتا پىشىپ بولىدۇ» دېدى پەتتار ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا. بۇ يىللاردا، شىنجاڭدا ئۇنىڭدىن باشقا پۈتۈن كالا، تۆگە گۆشىدىن كاۋاپ پىشۇرىدىغان ئۇستا بولمىغاچقا، ئۇ يەنە فۇكاڭ، گۇچۇڭ قاتارلىق جايلار مەززىلىك تائاملار بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزگەندە، ئۇ تەكلىپكە بىنائەن نەق مەيدانغا بېرىپ پۈتۈن قوي، كالا، تۆگە گۆشى كاۋىپى پىشۇردى.

 بۈگۈنكى كۈندە، پەتتار تونۇر كاۋىپى دۇكىنى تۇرپان شەھىرىدىكى داڭلىق «يېمەك- ئىچمەك داڭلىق دۇكىنى»غا ئايلاندى، دۇكاندا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 30دىن 40قىچە پۈتۈن قوي گۆشى كاۋىپى پىشۇرۇلىدۇ، باھار بايرىمى، قۇربان ھېيت قاتارلىق چوڭ بايراملاردا بولسا كۈنىگە 300دىن ئارتۇق پۈتۈن قوي گۆشى كاۋىپى پىشۇرۇلىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، ھاۋاسىزلاندۇرۇپ ئوراپ قاچىلانغان پەتتار تونۇر كاۋىپى، توخۇ كاۋىپى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلماقتا. 

ساياھەتچىلەر ئۆچرەتتە تۇرۇپ تونۇر كاۋىپى سېتىۋالماقتا. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى مەدىنۇر تۇرسۇن فوتوسى

 پەتتار ئۆزى بېيىش بىلەن بىللە، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ ھۈنىرىنى دۇكىنىدىكى خادىملارغا ۋە ھۈنەر ئۆگىنىشكە كەلگەنلەرگە ئۆگىتىپ، ئۇلارنى دۇكان ئېچىشقا ئىلھاملاندۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىز پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن، دۆلەتنىڭ گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، بىز ئۇنى قەدىرلىشىمىز كېرەك!

 ياشىنىپ قالغان پەتتارنىڭ قەلبىدە يەنە بىر خىل ئارمانلار يېلىنجىماقتا. «بۇ ھۈنەرگە تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، تۇرپان تونۇر كاۋىپىنىڭ نامىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ، مەززىلىك پۇرىقىنى تېخىمۇ يىراقلارغا تارقاتسام دەيمەن» دېدى ئۇ. (مۇخبىرلار مەدىنۇر تۇرسۇن، ئەنۋەر غوپۇر)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125