ئانتىبىيوتىك دورا ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسىمۇ؟ ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ھەرگىز زىيادە ئىشلەتمەڭ (1)
12:13:31 2024-11-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

«زۇكام بولسىڭىز، قىزىسىڭىز، چىشىڭىز ئاغرىسا، گېلىڭىز ئاغرىسا، قورسىقىڭىز ئاغرىسا... ياللۇغلىنىپ قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، دەرھال ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى ئىچىڭ». تۇرمۇشتا بىز دائىم مۇشۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. لېكىن، بىزنىڭ ئەمەلىي ئىستېمال قىلغىنىمىز راستتىنلا ئاتالمىش «ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى»مۇ؟ بىز ئىچكەن دورا توغرىمۇ؟ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۆيلەردە دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورىلار، مەسىلەن، ئاموكسىتسىللىن، سېفالوسپورا، ئېرىترومىتسىن قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەممىسى ئانتىبىيوتىك دورا. يەنە نۇرغۇن كىشى «ئانتىبىيوتىك دورا ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى، ئارىلاشتۇرۇپ يېسىمۇ ھېچقىسى يوق» دەپ قارايدۇ. ئىككىسىنىڭ زادى قانداق پەرقى بار؟ بۈگۈن بىز ئانتىبىيوتىك دورا ۋە ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى توغرىسىدا پاراڭلىشايلى.

 ياللۇغ دېگەن نېمە؟

دورا توغرىسىدا پاراڭلىشىشتىن بۇرۇن، بىز ئالدى بىلەن نېمىنىڭ ياللۇغ ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالايلى. ياللۇغ بىز ئادەتتە دەيدىغان «ياللۇغلىنىش»تۇر. ئەمەلىيەتتە، ياللۇغ بەدەننىڭ مەلۇم خىل غىدىقلىنىشقا ئۇچرىشىدىن پەيدا بولغان بىر خىل ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، قىسمەن ئورۇن قىزىرىش، ئىششىش، قىزىش، ئاغرىش ۋە ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، يەنە قىزىش، ئاق قان ھۈجەيرىلىرى كۆپىيىش قاتارلىق پۈتۈن بەدەنلىك ئىنكاسلارمۇ ئەگىشىپ كېلىدۇ.

نۇرغۇن ئامىل ياللۇغنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يۇقۇملىنىش (باكتېرىيە، زەمبۇرۇغ، ۋىرۇس قاتارلىق سەۋەبلەر) ياللۇغنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەب، لېكىن ياللۇغنى يۇقۇملىنىشلا پەيدا قىلمايدۇ. يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك بولمىغان ئامىللار فىزىكىلىق ئامىل، خىمىيەلىك ئامىل، ئىممۇنىتېتلىق رېئاكسىيە خاراكتېرلىك ئامىل قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. فىزىكىلىق ئامىللار، مەسىلەن، تاشقى يارا، كۆيۈك يارىسى، ئۇلترا بىنەپشە نۇر كۆيۈك يارىسى قاتارلىقلار. خىمىيەلىك ئامىللار تاشقى مەنبەلىك كۈچلۈك كىسلاتا، كۈچلۈك ئىشقار، ئىچكى مەنبەلىك زەھەرلىك ماددا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىممۇنىتېتلىق رېئاكسىيە خاراكتېرلىك ئامىللار زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى (مەسىلەن، زىيادە سەزگۈرلۈك بۇرۇن ياللۇغى، يەلتاشما قاتارلىقلار) ھەمدە ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتلىق كېسەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شۇڭا، يۇقۇملىنىش بىلەن ياللۇغنىڭ بەزىدە سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتى بولىدۇ، لېكىن ياللۇغلىنىش يۇقۇملىنىشقا باراۋەر ئەمەس.

(داۋامى بار)

پايدىلانغان مەنبە: ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125