ئېچىۋېتىش سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك
10:48:34 2024-11-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئەركىن تۇنىياز ئۆمەك باشلاپ 7- نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى ھەم شاڭخەيدە ئۆگىنىشتە بولغاندا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

 ئېچىۋېتىش سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) 11- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن 6- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۆمەك باشلاپ شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن 7- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ھەم خۇڭچياۋ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتناشتى ھەمدە شاڭخەيدە ئۆگىنىشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى چياڭنىڭ ئاساسىي مەقسەت نۇتقىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىمپورت كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ ئېچىۋېتىلگەن سۇپىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 11- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئەركىن تۇنىياز ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئەركىن تۇنىياز دۆلەتلەر كۆرگەزمە مەركىزىدىكى جۇڭگو سارىيى، ئۆزبېكىستان سارىيى، فىرانسىيە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم جېڭدا گۇرۇھى، شىنجاڭ دوستلۇق (گۇرۇھ) پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ چوڭ پايچىكى داشاڭ گۇرۇھىنىڭ كۆرگەزمە زالىغا كېلىپ، كارخانا ۋەكىللىرى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە تارماقلار كۆرگەزمە، كۆرسىتىش، سېتىۋېلىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، سودىگەر چاقىرىپ تونۇشتۇرۇش، مۇنبەردە پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى تەشكىللەپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپ ئاساسى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، بايلىق ئۈستۈنلۈكى، تىجارەت- سودا مۇھىتى ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالىنى ياخشى تەشۋىق قىلىشى كېرەك. ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن كەڭ سودىگەرلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، پائال شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

 شيېچېڭ گۇرۇھىدا، ئەركىن تۇنىياز شيېچېڭنىڭ شىنجاڭ بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىش، قىشلىق ساياھەت، ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، رەقەملىك ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭ مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

 شېننېڭ (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى ۋە شاڭخەي ئېلېكتىر گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى ھەم رەقەملەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، كارخانىنىڭ شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش ھەم نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ ئىككى كارخانىنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، ئەۋزەللىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتىگە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، يېقىلغۇ گاز، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى ھەم كەلگۈسى كەسىپلەر جەھەتتە سىجىل ھەمكارلىشىپ، پاكىز ئېنېرگىيە بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

 شاڭخەي جاڭجياڭ ئىلىم- پەن شەھەرچىسىدە، ئەركىن تۇنىياز شاڭخەينىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئىلغار تەجرىبىلەرنى ئۆرنەك قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىش سالمىقىنى زورايتىشنى ئۈمىد قىلدى. شاڭخەي شۇجى دۇنيا سانائەت پەن- تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدە، كارخانىنىڭ شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ پاختىنى شۇ جايدا پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، پاختا توقۇمىچىلىق كەسپىنى رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

 ئەركىن تۇنىياز ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق كۆرسەتتى: ئىلغارلارغا توغرىلىنىپ، ھەقىقىي تۈردە شاڭخەي شەھىرىنىڭ ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللىرىنى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئەمەلىي تەدبىرگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئالدىن پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە ئومۇميۈزلۈك ئۇدۇللىشىپ، شەرقىي، غەربىي رايونلار ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

 سۈن خۇڭمېي پائالىيەتكە قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125