پۈتۈن يىللىق نىشان- ۋەزىپىلەرنى تاماملاش ئىشەنچىنى چىڭىتىش
10:52:22 2024-11-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 پۈتۈن يىللىق نىشان- ۋەزىپىلەرنى تاماملاش ئىشەنچىنى چىڭىتىش

 − مۇتەخەسسىسلەر ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدا توختالدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭ

 رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى بىرتۇتاش ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭ ئىشقا ئاشۇرغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 454 مىليارد 767 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس قىممەت بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 ئاشقان.

 شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىغا قانداق قاراش كېرەك؟ ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى پۇختا قەدەم بىلەن ياخشىلىنىپ، يارقىن نۇقتىلار كەينى- كەينىدىن بارلىققا كەلدى، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشان- ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ تاماملاشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق.

 ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى

 ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، سىياسەتنىڭ ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلىنىپ، ئاكتىپ ئامىللار ئۈزلۈكسىز جۇغلىنىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىدە پۇختا قەدەم بىلەن ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى.

 «رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ۋە ئېشىش سۈرئىتىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىدە مۇقىم ياخشىلىنىشتەك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى» دېدى شىنجاڭ داشۆ ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش، باشقۇرۇش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى سۈن خۇي.

 ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 0.1 پىرسەنت پوئېنت تېز بولدى؛ پۈتۈن مەملىكەتتىكى باشقا ئۆلكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى مەملىكەت بويىچە 23- ئورۇندا تۇرۇپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 8- ئورۇندا تۇردى.

 «دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق جەھەتتىن قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش جەھەتتىكى تۆھپىسى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستى.» سۈن خۇي مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئاشلىقتىن ئۇدا كۆپ يىل مول ھوسۇل ئالدى، پاختا ھوسۇلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %90تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش بازىسىلىق ئورنىنى ئۆستۈردى، بولۇپمۇ ئاشلىق ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشتە تۆھپىسى گەۋدىلىك بولدى.

 ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭدىكى 1- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 172 مىليارد 7 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.9 ئاشقان. يازلىق ئاشلىق ھوسۇلى 6 مىليون 934 مىڭ 800 توننا بولۇپ، كۈزلۈك يىغىمدا ئىلگىرىلەش ئوڭۇشلۇق بولغان، پۈتۈن يىلدا ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار بولۇپ، «ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئېشىنچا بولۇش، دۆلەتنى تەمىنلەش»كە تۆھپە قوشۇش رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىدۇ. سۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 118 مىڭ 800 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.2 ئاشقان.

 بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، چوڭ- چوڭ سانائەت تۈرلىرى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى ماسلاشتۇرۇپ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئۆستۈرۈپ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىم ئاشۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭدىكى 2- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 606 مىليارد 852 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.5 ئېشىپ، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %35 بولۇپ، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 2.7 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

 «سانائەتنىڭ <تۇراقلاشتۇرغۇچ>لۇق رولى سىجىل كۈچەپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، مۇقىم ئېشىشىغا تىرەك بولدى.» سۈن خۇي مۇنداق دېدى: بۇ يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى»نى تىرەك قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتا دەسلەپكى ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

 ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭدىكى 3- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 675 مىليارد 908 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.5 ئاشتى. سۈن خۇي مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي ئىستېمال ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ سەل يېتەرسىز بولۇشى 3- كەسىپنىڭ ئېشىشىغا تەسىر كۆرسەتتى، ئۈچ كەسىپنىڭ تەكشى ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېيىنكى قەدەمدە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە تۈرتكە بولۇپ ھەل قىلىدىغان مەسىلە.

 ئېشىش يوشۇرۇن كۈچى سىجىل قويۇپ بېرىلدى

 ۋەزىيەت ياخشىلىنىش بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچى قانداق بولدى؟

 شىنجاڭ مالىيە- ئىقتىساد داشۆسى خەلقئارا ئىقتىساد- سودا شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور چەي لى مۇنداق قارىدى: ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىدىكى كۆپ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ سانلىق مەلۇماتلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولۇپ، شىنجاڭ كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ توپلىنىش ئۈنۈمى ھەم ئۇنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى.

 ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 322 مىليارد 390 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 23.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

 «بىر يىلدىن بۇيان، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشىدىن ھاسىل بولغان پايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى، شىنجاڭنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت سودا كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈردى.» چەي لى مۇنداق دېدى: ئىمپورت- ئېكسپورت سوممىسىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشى ئېنىقكى شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىدىكى «تېزلەتكۈچ»، شۇنداقلا غەربكە ئېچىۋېتىشنى ئاساس قىلغان ئوچۇق ئىقتىسادنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى مۇقەررەر يول ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى.

 بۇ يىلدىن بۇيان، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4- لىنىيەسى توك مەنبەسى تۈرىدە چاقىلىق ناھىيەسىدە ئىش باشلانغان بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنما تەخمىنەن 100 مىليارد يۈەن بولدى؛ دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى قومۇل ئېنېرگىيە توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش بازىسى تۈرىدە قومۇلدا ئىش باشلانغان بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنما تەخمىنەن 170 مىليارد يۈەن بولدى... شىنجاڭ چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتتى، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 2.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

 «چوڭ تىپتىكى مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە ئىستىقبالىغا ئۈمىد بىلەن قاراپ، شىنجاڭغا كەڭ كۆلەمدە يۈرۈش قىلىپ، شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى مۇستەھكەملەش، چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.» سۈن خۇي مۇنداق دېدى: بولۇپمۇ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار كۆلىمى، ئېشىش مىقدارى بىردەك مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى قوللاش، «قوش كاربون» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشتى.

 ئېشىشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى بازارغا ھاياتىي كۈچ ئېلىپ كەلدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت پۇقراۋى كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.1 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىدىن 5.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ خەلق ئىچى سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭكىدىن 11 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

 سۈن خۇي مۇنداق بىلدۈردى: بۇ، شىنجاڭنىڭ تىجارەت- سودا مۇھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە بولغان ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇپ، نۇرغۇن پۇقراۋى كارخانا ۋە خەلق ئىچى سېلىنمىسىنى كىرىشكە جەلپ قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

 پۈتۈن يىللىق نىشاننى تاماملاشتىن ئۈمىد بار

 مۇرەككەپ، كەسكىن تاشقى مۇھىت ۋە دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىدىكى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر ئالدىدا، ئاپتونوم رايون بىر قاتار ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسىتىنى تېز چىقىرىپ، ساقلانما مىقدار سىياسىتى ۋە ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسىتىنىڭ ماس كۈچىشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان- ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرماقتا.

 «بۇ يىل 3- پەسىلدىكى ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، پۈتۈن يىللىق كۆزلىمە نىشان ۋە ۋەزىپىلەرنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.» سۈن خۇي مۇنداق دېدى: 4- پەسىلدە دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئىشقا ئېشىشى ھەمدە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشقا ئەگىشىپ، بۇ، ئۈچ كەسىپنىڭ تەكشى ئېشىشى ۋە پۈتۈن يىللىق نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

 ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى يولغا قويۇش ھازىر ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسەت. سۈن خۇي مۇنداق تەكلىپ بەردى: سىياسەت پۇرسىتىنى تۇتۇپ، ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش نىشان پىلانىنى تۈزۈپ، قەدەمگە بۆلۈپ يولغا قويۇپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئارقىلىق ئىستېمالنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 ھازىر، شىنجاڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تايانچ قىلىپ، مۇھىم ئېنېرگىيە ۋە ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش- ئېچىش، زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

 سۈن خۇي مۇنداق قارىدى: ھازىرقى تەرەققىيات باسقۇچىدا، شىنجاڭدا يەنە ناھايىتى زور مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولۇش بوشلۇقى بار. مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئېنېرگىيە ھەم قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشتا قېزىشنى ئاساس قىلىشتىن شۇ جايدا پىششىقلاشقا بۇرۇلۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۇزارتىپ، سانائەتلەشتۈرۈشنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

 «تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل چۆرىدەپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان خاتالىق ئۆتكۈزۈشكە يول قويۇش، خاتالىقنى سىغدۇرۇش مېخانىزمى ۋە ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش مېخانىزمىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق يۈرۈشتۈرۈپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق، بولۇپمۇ يېڭى ئېنېرگىيە باتارېيەسى، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدا ماكانلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك.» چەي لى مۇنداق تەكلىپ بەردى: تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇش، چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى، چېگرا ھالقىغان راسچوت، تاشقى سودا يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسى، سىرتقا يۈزلەنگەن يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ تېخنىكا، مەبلەغ سېلىش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125