لى چۈەنخې
ئاشۇ كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ، ئولتۇراق رايوننىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى زالدا لىفىت ساقلاۋاتاتتىم. مەن بىلەن بىللە لىفىت ساقلاۋاتقانلاردىن يەنە بىر دېھقان ئىشلەمچى بار ئىدى، ئۇنىڭ چاچلىرى قالايمىقان، يۈز- كۆزى توپا بولۇپ، كونا پاسوندىكى تېلېۋىزورنى باغرىغا چىڭ بېسىپ تۇراتتى.
لىفىت چۈشتى، مەن كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا: «سىز تېلېۋىزور كۆتۈرۈۋاپسىز، ئالدىدا كىرىڭ»، دېدىم.
«رەھمەت سىزگە، ئەمىسە مەن ئالدىدا كىردىم»، ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى، ئاندىن ئاۋايلاپ، سەل كۈچىگەندەك ئوڭ- سولغا يۆتكىلىپ لىفىتقا چىقتى.
«تېلېۋىزورنى كۆتۈرۈپ تۇرسىڭىز بەك ھېرىپ كېتىسىز، مەن يەرگە قويۇشۇپ بېرەي!» مەن شۇنداق دېگەچ قولۇمنى ئۇزاتتىم.
«سىزگە كۆپ رەھمەت، ئاكا، سىز بەك ياخشىكەنسىز!»
«قانچىنچى قەۋەت، مەن بېسىپ بېرەي».
«22- قەۋەت، سىزنى ئاۋارە قىلدىم». ئۇ سەل خىجىل بولغاندەك بولدى.
22- قەۋەت؟ مەن بىلەن بىر قەۋەتتىكەنغۇ؟ ئەجەپ بۇ كىشىنى بىلمەيدىكەنمەنغۇ؟ مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم، بۇرۇن ھەقىقەتەن ئۇنى بىلمەيتتىم. «سىز 22- قەۋەتتىمۇ؟»، مەن قىزىقىپ سورىدىم.
«شۇنداق، شۇنداق! لېكىن، بۇ ئۆينى مەن ئىجارىگە ئالغان»، دېدى ئۇ خۇشخۇيلۇق بىلەن.
مەن شۇندىلا يان قوشنامنىڭ كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى، ئۆينىڭ بىكار تۇرغىنىغا بىر نەچچە ئاي بولغانلىقىنى ئېسىمگە ئالدىم. «مەنمۇ 22- قەۋەتتە. ئۇنداقتا بىز بۇنىڭدىن كېيىن قوشنا بولۇپ قاپتىمىز!» مەن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويدۇم، ئۇمۇ خۇشال ھالدا ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى.
«مەن ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا ئاساسىي قۇرۇلۇش ئىشچىسى، بالام يېقىن ئەتراپتىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ئايالىم بۇ يەردە تۇرۇپ بىزنىڭ ئاش- تامىقىمىزنى قىلىدۇ...» ئۇ ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي، مەن بىلەن ئۆي ئىشلىرى توغرىسىدا پاراڭلاشتى. ئۇنىڭ كەڭ قورساقلىقى ۋە ئاددىي- ساددىلىقى بۇ تار بوشلۇقنى بىردىنلا ئىللىق، خۇشال كەيپىياتقا چۆمدۈردى، بۇنداق مەنزىرىنى لىفىتتا تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم ئىدى.
ئېسىمدە قېلىشىچە، لىفىتقا چىققان- چۈشكەن كىشىلەر ئادەتتە بۇلۇڭدا تۇراتتى، يا يان تېلېفونغا قاراپ بېشىنى سېلىپ تۇراتتى، يا بېشىنى كۆتۈرۈپ لىفىتنىڭ ئېلانىغا قارايتتى، ھېچكىمنىڭ ھېچكىم بىلەن كارى بولمايتتى، ئوخشاش قەۋەتتىكى قوشنىلارمۇ سالاملاشمايتتى. بۈگۈن مەن ئۇچراتقان بۇ مەنزىرە خۇددى باھاردىكى قۇياش نۇرىدەك ئىللىق ھەم گۈزەل ئىدى.
22- قەۋەتكە كەلدۇق، مەن قولۇمنى ئۇزىتىپ: «كېلىڭ، ئىككىمىز بىللە كۆتۈرەيلى»، دېدىم. ئۇ نېزىقاپ تۇرماي، ئوچۇق- يورۇق ھالدا: «بولىدۇ!» دەپ جاۋاب بەردى. ئىككىمىز تونۇشقىلى ئۇزاق بولغان دوستلاردەك، ئازراقمۇ تەكەللۇپ قىلىشمىدۇق. تېلېۋىزور ھەقىقەتەن ئېغىر ئىدى، ئىككى ئادەمنىڭ كۆتۈرمىكىمۇ ئاسان ئەمەس ئىدى. مەن ھاسىراپ تۇرۇپ ئۇنى كۆتۈرۈشۈپ ئۆيگە ئەكىردىم. «ئاكا، ئالدىرىماڭ، ئۇسسۇزلۇق ئىچىۋېلىڭ!»
ئىككىمىز ئىشىك ئالدىدا تەكەللۇپ قىلىۋاتقىنىمىزدا، ئانام گەپ قىلغان ئاۋازنى ئاڭلاپ، ئىشىكنى ئېچىپ چىقىپ ماڭا: «ئېرخەي، بىزنىڭ ئۆيدىكى پىچاق بەك گاللىشىپ كېتىپتۇ، پەسكە چۈشۈپ پىچاق سېتىۋېلىپ كىرگىنە»، دېدى. «ماڭا دېمەمسىز، مەن پىچاق بىلەشكە بەك ئۇستا. يۇرتۇمدا، قولۇم- قوشنىلارنىڭ پىچىقىنىڭ ھەممىسىنى مەن بىلەپ بېرەتتىم!» ئانام تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ قىزغىنلىقتىن سەل ھەيران قېلىپ: «رەھمەت ھە»، دېدى. «ھەممەيلەن قوشنا تۇرساق، ياردەم قىلساق بولىدىغۇ». ئۇ يەنە ئاددىي- ساددا، قىزغىن كۈلۈمسىرەپ تۇردى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، بىر دەستە قۇياش نۇرى بەدىنىمگە چۈشۈپ، قەلبىمنى ئىللىتتى ...
ۋاڭ زېڭچى بۇرۇن مۇنداق دەپ يازغان: «ئۆزى ئىللىق بولسا، دۇنيا ئىللىق بولىدۇ؛ ئۆزى جەزبىدار بولسا، دۇنيا جەزبىدار بولىدۇ». يېڭى بىر يىلدا، مەن يېڭى قوشنامغا ئوخشاش تىرىشىپ بىر دەستە نۇر بولۇپ، دۇنيا بىلەن ئىللىق قۇچاقلىشىمەن، يىللارغا ئىللىق مۇئامىلە قىلىمەن...
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: خېنەن ئۆلكىسى پىڭدىڭشەن شەھىرى جەنخې رايونلۇق ئوقۇتقۇچىلار تەربىيەلەش مەركىزى
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)