تۇرمۇش تەسىراتلىرى | ئەڭ ياخشى كەيپىياتىمىزنى ئەڭ يېقىن كىشىلىرىمىزگە بېغىشلايلى
18:13:44 2024-11-08 شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى
 توردا مۇنداق بىر پاراڭ تېمىسى بار: نېمە ئۈچۈن ياتلارغا ئىللىق چىراي ئاچالايمىز- يۇ، ئائىلىمىزدىكىلەرگە ئۇنداق قىلالمايمىز؟ ياتلارغا خۇشال كۈلكىمىز بىلەن مۇئامىلە قىلغان يەردە، ئائىلىمىزدىكىلەرگىمۇ ئوخشاش كۈلۈپ قارىشىمىز كېرەكقۇ؟
 تۇرمۇشتا، نۇرغۇن كىشى ئاڭسىز ھالدا ناچار كەيپىياتىنى ئۆزىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاشۇ كىشىلەرگە كۆرسىتىدۇ. ياتلارغا كۈلۈمسىرەپ قارايدۇ- يۇ، ئۆيگە قايتقاندا سەۋرچانلىقى تۈگەيدۇ: «سىرتتا شۇنچىلىك چارچاپ كېتىدىغان تۇرسام، ئۆيۈمدە ئۆزۈمنى ئىختىيارىي قويۇۋەتسەم نېمە بوپتۇ؟» دەپ قارايدۇ.
 توغرا، ئائىلە بىزنىڭ مەڭگۈلۈك ماكانىمىز، ئېھتىيات قىلمىساقمۇ بولىدىغان، قانغۇچە يىغلىيالايدىغان، قاقاقلاپ كۈلەلەيدىغان جايىمىز، ئەمما، مۇنداق بىر جۈملە گەپنى ئۇنتۇپ قالمايلى: سىز ئازار يەتكۈزەلەيدىغان كىشىلەر ھەر قاچان سىزنى ئەڭ سۆيىدىغان كىشىلەردۇر. بىزنى ئەڭ سۆيىدىغان ئاشۇ كىشىلىرىمىز ھەر ۋاقىت بىزنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتىمىزنى كۆرۈپ تۇرۇشى كېرەك.

بىر ئائىلىدىكى ئەڭ ياخشى ھالەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە بىر- بىرىنى ئاسراش

 ئادەملەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت مەڭگۈ ئۆزئارا بولىدۇ، ئائىلە ئەزالىرىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدىكى ھۆرمەت ۋە ئاسراشلا بىزنى ۋە ھەربىر ئائىلە ئەزاسىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرەلەيدۇ.
 ئائىلە مۇھەببەت ماكانى، ھەرگىز جەڭ مەيدانى ياكى شاھمات تاختىسى ئەمەس، يۇقىرى- تۆۋەنلىكنى تالىشىشنىڭ ھاجىتى يوق، تېخىمۇ مۇھىمى ئائىلە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە چۈشىنىشتىن ئايرىلالمايدۇ.
 يېقىنلىرىمىز بىلەن بولغان ئالاقىدە سىلىق سۆزلىشىشىمىز، چىن قەلب بىلەن سىردىشىشىمىز كېرەك، بىر- بىرىگە كۆڭلىدىكىنى قانچە راۋان ئىپادىلىگىلى بولسا، بىر ئائىلىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدىكى ھۆرمەت، ئىناقلىق، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە چۈشىنىش بىر ئائىلىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالەتتۇر.

ئەڭ ياخشى كەيپىياتىمىزنى ئەڭ يېقىن كىشىلىرىمىزگە بېغىشلايلى

 ئائىلىمىزدىكىلەر بۇ دۇنيادىكى بىزنى ئەڭ سۆيىدىغان، بىزگە ئەڭ كەڭ قۇرساق بولالايدىغان كىشىلەردۇر، ئۇلار بىزدىن ئۆزلىرىنىڭ قىلغانلىرىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ، بەلكى بىزنى پۈتۈن مېھرى بىلەن سۆيىدۇ.
 شۇڭا، ئائىلىمىزدىكىلەرگە مۇئامىلە قىلغاندا، ئۇلاردىن كۆپرەك مىننەتدار بولايلى، ئۇلارنى كۆپرەك چۈشىنەيلى، ئۇلارغا كۆپرەك سەۋرچان بولايلى، ئولتۇرۇپ سەمىمىي پىكىرلىشەيلى؛ ئۇلارغا كۆپرەك كەڭ قۇرساق بولايلى، كىچىك ئىشلاردا ھېسابلىشىپ كەتمەيلى، چوڭ ئىشلاردا ئۆزئارا مەسلىھەت سالايلى.
 ئادەمنىڭ ئۆمرى ناھايىتى ئۇزۇن، شۇنداقلا يەنە ناھايىتى قىسقا، بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇشنىڭ ئۆزى تېپىلغۇسىز بەخت. بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولغان چاغلاردا، چوقۇم سىلىق مۇڭدىشايلى، ياخشى ئۆتەيلى، ھەرگىزمۇ ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالغاندا ئۆكۈنۈشتە قالىدىغان ئىش بولمىسۇن.
 قېنى، ئەڭ ياخشى كەيپىياتىمىزنى ئەڭ سۆيىدىغان كىشىلىرىمىزگە بېغىشلايلى، چۈنكى ئۇلار شۇنىڭغا ئەڭ ئەرزىيدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125