ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنشىڭ شەھىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 11 مىليارد 73 مىليون يۈەنگە يەتتى
بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.5 ئاشتى
يېقىندا، مۇخبىرنىڭ بىڭتۇەن 13- شى شىنشىڭ شەھەرلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، بىڭتۇەن 13- شى شىنشىڭ شەھىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 11 مىليارد 73 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.5 ئاشقان، ئىقتىساد سىجىل، مۇقىم ئايلانغان، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر بىردەك بىڭتۇەنلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.
يېزا ئىگىلىكىدىكى ئەۋزەل يېتەكچى كەسىپلەر يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنشىڭ شەھىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا مۇقىم ھالەت ساقلىنىپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 3 مىليارد 151 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.9 ئاشتى. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى سىجىل تەڭشىلىپ، ئەلالاشتۇرۇلۇپ، كۈچەيتىلىپ، ئاشلىق، پاختا، مېۋە، چارۋا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك زىرائەت، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى. يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالىشىپ، كۆكتات مەھسۇلات مىقدارى 111 مىڭ 700 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.9 ئاشتى، باغ- ئورمان مېۋە مەھسۇلات مىقدارى 149 مىڭ 600 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.3 ئاشتى؛ چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىم تەرەققىي قىلىپ، چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 794 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.9 ئاشتى، بېلىقچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 3 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.9 ھەسسە ئاشتى.
سانائەتنىڭ «تۇراقلاشتۇرغۇچىسى» مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسى پۇختىلاندى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنشىڭ شەھىرىدىكى 130 كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.1 ئاشتى. سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش، ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى سىجىل مۇستەھكەملەندى ۋە كۈچەيتىلدى.
كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئىستېمال بېلىتى قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ پايدىسى سىجىل قويۇپ بېرىلدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنشىڭ شەھىرىنىڭ پۈتۈن جەمئىيەتتىكى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 2 مىليارد 516 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.5 ئاشتى. توپ ۋە پارچە سېتىش كەسپى تاۋار سېتىلىش سوممىسى 22 مىليارد 841 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.8 ئاشتى، ياتاق ۋە يېمەك ـ ئىچمەك كەسپىنىڭ تىجارەت سوممىسى 1 مىليارد 52 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.8 ئاشتى. تور ئىستېمالى سىجىل جانلىنىپ، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمال قىزغىنلىقى كۈچەيدى.
مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى مۇقىم ئاشتى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنشىڭ شەھىرى تاماملىغان تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.2 ئاشتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مۇھىم، چوڭ تۈرلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ كاپالەتلەندۈرۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىنىپ، ئامىل كاپالىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ قۇرۇلۇشىغا تېز تۈرتكە بولۇندى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋۇ پېڭجۈن، جاڭ گوفېڭ)