11- ئاي كىرگەندىن بۇيانقى دۆربىلجىن ناھىيەسىدە كۈز تۈسى بارغانسېرى قويۇقلىشىپ، مەنزىرىسى كىشىنى جەلپ قىلاتتى. 11- ئاينىڭ 4- كۈنى كەچقۇرۇن، دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى ئاقسۇ سۇ ئامبىرى تىپتىنچ ئىدى. سۈپسۈزۈك كۆك ئاسمان، يىراقتىكى قارامتۇل يېشىل تاغ، رەڭگارەڭ ئورمانلىق، ئەگىم قولۋاق، دەم ئالغاچ بېلىق تۇتۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ شولىسى سۇدا ئەكس ئېتىپ تۇراتتى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك كەچكى شەپەق ئاسماننى قىزىلغا بوياپ، سۇ ئامبىرىنى قاپلاپ، كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان كەچكۈزنىڭ گۇگۇم مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقتى.
كۆركەم شىنجاڭ تاغلىرى | ئاقسۇ سۇ ئامبىرىنىڭ كەچ كۈزدىكى گۈزەل مەنزىرىسىدە ئەكس ئەتكەن دەقىقىلەر
19:50:13 2024-11-08
تىيانشان تورى
مەسئۇل مۇھەررىر:
穆巴拉克·司马义