باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى
سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتى ۋە پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى
ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 11- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خۇبېيدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، جەمئىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە مەركەز جەمئىيەت خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات، ئىسلاھات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خۇبېيدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. ئاشلىقتا سىجىل تۈردە ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم تەمىنلەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، كېلەر يىللىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش يىرىك پىلانىنى ئىلمىي ياخشى تۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى مەركىزىي ۋەزىپە قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. نېفىت- تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىپ، ئىمپورت- ئېكسپورت سودىسىنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭدىكى تۈرلۈك تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى- مۇزېي ئورۇنلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ھەم جانلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ساقلانما مىقدار سىياسىتى ۋە ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسىتىنى كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 4- پەسىلدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشان- ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەركەز تۇنجى قېتىم جەمئىيەت خىزمىتى يىغىنى ئاچتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جەمئىيەت خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، يېڭى دەۋردە جەمئىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىگە توغرىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك جەمئىيەت خىزمىتى ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدىغان رەھبەرلىك سىستېمىسى، تەشكىلىي سىستېمىنى سىجىل تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئىش ئورنى، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە، تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتىپ، چېگرا مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، كىرىش خاراكتېرلىك خەۋپ- خەتەرنىڭ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتى مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنىنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم رولىنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە ئېنىق تونۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. شىنجاڭ نۇقتىلىق كەسىپ توپى قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنى ئاساسىي يول قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرىنچى قاتاردىكى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىش ئارقىلىق زامانىۋى سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تېخىمۇ قاراتمىلىق ھالدا كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپ قاتارلىقلارنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى ۋە يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ ماھارەت شەكىللەندۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈش يوللىرىنى سىجىل كېڭەيتىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋەزىيىتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىدىغان سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار كاپالىتى ۋە ماھارەت تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىز ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىملاشقان، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى قەتئىي بوشاشماي ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىشنى كۈندىلىك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنى دائىملاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى قىلچە توختىتىپ قويماي، ھەقىقىي تۈردە ئىنتىزام، قائىدىنى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى دەل جايىدا قېلىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەر دەرىجىلىك، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.