ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش | شىنجاڭدا 30 مىڭدىن ئارتۇق كونا ئاپتوموبىلنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئىلتىماس قىلىنىپ، ئاپتوموبىل ئىستېمالىنىڭ 3 مىليارد يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى
22:38:29 2024-11-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شى شىن) مۇخبىرنىڭ 11- ئاينىڭ 8- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەتنىڭ بىر قاتار ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بەرگەن. 

 ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش جەھەتتە، ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 9300دىن ئارتۇق ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىپ يېڭىلاش ئىلتىماسى تاپشۇرۇلغان، 163 مىليون يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلگەن؛ پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 21 مىڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىلنى ئالماشتۇرۇپ يېڭىلاش ئىلتىماسى تاپشۇرۇلغان، جەمئىي 330 مىليون يۈەن ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىنىپ، 2 مىليارد 910 مىليون يۈەنلىك ئاپتوموبىل ئىستېمالىغا تۈرتكە بولغان. ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش جەھەتتە، ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە دۆلەتتىن ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىنغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنى 101 مىڭ بولۇپ، 90 مىليون يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىپ، 502 مىليون يۈەنلىك  ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمالىغا تۈرتكە بولغان؛ ھازىر ئاپتونوم رايوندىن ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ۋە يېڭىدىن سېتىۋېلىش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىنغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنى 40 مىڭ بولۇپ، 25 مىليون 450 مىڭ يۈەن ئىستېمال بېلىتى تارقىتىلىپ، 220 مىليون يۈەنلىك  ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمالىغا تۈرتكە بولغان.

8- ئاينىڭ 22- كۈنى، جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئەت پەسلى پائالىيىتىگە قاتناشقان تاماشىبىنلار ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى قورۇسىدىكى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە سېتىۋالىدىغان ئاپتوموبىل تاللىماقتا (ماتېرىيال سۈرەت).

 11- ئاينىڭ 8- كۈنى، دۆلەتنىڭ بىر قاتار ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، 1- دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى جۇ خېشياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى دۆلەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە سودا ساھەسىدىكى «6 + 1» ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسەت- تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتوموبىلنى «ئېنېرگىيەلىك»كە ئالماشتۇرۇش، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى «ئاقىل»غا ئالماشتۇرۇش، ئۆي بېزىكى، ئاشخانا، ھاجەتخانا بۇيۇملىرىنى «يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» ھەم كونا توكلۇق ۋېلىسىپىتنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا بىر تۇتاش پىلانلاپ تۈرتكە بولدى. 

 نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى داۋاملىق ئۈنۈم بېرىپ، ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىش، ئاپتوموبىللارنى ئالماشتۇرۇپ يېڭىلاش تېز يولغا قويۇلۇپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتا تېز ئۈنۈم كۆرۈلۈپ، ئىستېمالنىڭ ھاياتىي كۈچى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇلدى. 

 كونا توكلۇق ۋېلىسىپىتنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش  كۈچەپ ئېلىپ  بېرىلىۋاتىدۇ، 10- ئايدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە كونا توكلۇق ۋېلىسىپىتتىن 666سىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا جەمئىي 345 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىندى. ئۆي بېزىكى، ئاشخانا، ھاجەتخانا بۇيۇملىرىنى «يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ياردەم پۇلى بېرىلگەن مەھسۇلات 231گە، بېرىلگەن ياردەم پۇلى 43 مىڭ يۈەنگە يەتتى. 

 ئىستېمالچىلارنىڭ كونا ئۆينى بېزەش، قىسمەن ئۆزگەرتىش، ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش قاتارلىق مەخسۇس تۈر بويىچە ئالغان قەرز پۇلىغا يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى %3 بولۇش، ئۆسۈم ياردىمى بېرىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 12 ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىك ئۆلچىمى بويىچە ئۆسۈم ياردىمى بېرىلدى، ھەر بىر ئىستېمالچىغا بېرىلگەن ئۆسۈم ياردىمى سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 3000 يۈەن بولدى.

 ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇشنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، قاتنىشىدىغان سۇبيېكت كۆپ، ھەرقايسى تارماقلار، سۇپا تەرەپ، سودىگەرلەر، كارخانىلار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويغاندىن سىرت، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىمۇ ئۈستىلەپ سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئۆسۈمى تۆۋەن، مۇددەتكە بۆلسە ئېتىبار بېرىدىغان پۇل مۇئامىلە ئىستېمالىدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى. «ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پائال قاتنىشىشى نەتىجىسىدە، نۆۋەتتە سىياسەتنىڭ ئېتىبار بېرىش سالمىقى مىسلىسىز بولدى، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش كەيپىياتى قويۇق بولدى»، دېدى جۇ خېشياڭ. 

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125