11- ئاينىڭ 8- كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لەن فوئەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېلەر يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشانىغا بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك مالىيە سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ.
بىرىنچى، ئۆستۈرۈشكە بولىدىغان قىزىل رەقەم بوشلۇقىدىن پائال پايدىلىنىلىدۇ. ئىككىنچى، مەخسۇس زايوم تارقىتىش كۆلىمى كېڭەيتىلىپ، مەبلەغ سېلىش ساھەسى كېڭەيتىلىپ، كاپىتال مەبلىغى قىلىپ ئىشلىتىش نىسبىتى ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۈچىنچى، ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاھىدە زايوم داۋاملىق تارقىتىلىپ، دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەسى ۋە نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. تۆتىنچى، ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاشقا مەدەت بېرىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرىدىغان ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ تۈرى ۋە كۆلىمى كېڭەيتىلىدۇ. بەشىنچى، مەركەزنىڭ يەرلىككە يۆتكەپ چىقىم قىلىش كۆلىمى زورايتىلىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىش، كاپالەتلىك قىلىش سالمىقى كۈچەيتىلىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: خەلق گېزىتى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)