شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ئايروپىلان باجدىن خالىي رېمونتچىلىقى ھەم ئاممىۋى تىپتىكى باجدىن خالىي ئامبار كەسپى يولغا قويۇلدى
19:42:40 2024-11-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ما شىڭرۇي يولغا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم يوپۇقنى ئاچتى، ئەركىن تۇنىياز، جاڭ جۇ سۆز قىلدى

11- ئاينىڭ 8- كۈنى، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ئايروپىلان باجدىن خالىي رېمونتچىلىقى ھەم ئاممىۋى تىپتىكى باجدىن خالىي ئامبار كەسپى جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يولغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى خەن ۋېنشېڭ رېمونتچىلىق بازىسى ۋە باجدىن خالىي ئامبارنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى


 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلىنغىنىغا بىر يىل بولغان پەيتتە، 11- ئاينىڭ 8- كۈنى، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ئايروپىلان باجدىن خالىي رېمونتچىلىقى ھەم ئاممىۋى تىپتىكى باجدىن خالىي ئامبار كەسپى ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يولغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يولغا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم رېمونتچىلىق بازىسى ۋە باجدىن خالىي ئامبارنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى خەن ۋېنشېڭ مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

 بۇ قېتىم ئايروپىلان باجدىن خالىي رېمونتچىلىقى ھەم ئاممىۋى تىپتىكى باجدىن خالىي ئامبار كەسپىنىڭ يولغا قويۇلۇشى شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىنىڭ تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى يەنە بىر نەتىجىسى.

بۇ كەسىپ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدىكى تۇنجى ئايروپىلان باجدىن خالىي رېمونتچىلىق كەسپى بولۇپ، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتى تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى قۇرۇش، خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. باجدىن خالىي رېمونتچىلىق يەنە «دۇنياۋى رېمونتچىلىق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ كەسىپ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى تايانچ قىلىش ئارقىلىق، يۇقىرى تېخنىكا تەركىبى، يۇقىرى قوشۇلما قىممەت، تۆۋەن تەننەرخ، يۇقىرى ئۈنۈم قاتارلىق ئۆزگىچە ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن يەرشارىنىڭ ئاۋىياتسىيە ئۇچقۇ رېمونت قىلىش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈمدە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

 ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئايروپىلان باجدىن خالىي رېمونتچىلىقى بىلەن ئاممىۋى تىپتىكى باجدىن خالىي ئامبار كەسپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتى تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچلۈك تىرەك بولىدۇ. شىنجاڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، كۆپەيتكىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەجرىبە ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئايروپىلان باجدىن خالىي رېمونتچىلىقى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارا كەسىپ بازىرىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا يېڭى قۇۋۋەت قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 جاڭ جۇ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى مۇھىم بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، تېخىمۇ تەشەببۇسكار بولغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىسادىي رايونى، خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەركىن سودا سىناق رايونى تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئايروپىلان باجدىن خالىي رېمونتچىلىقى ۋە باجدىن خالىي ئامبار سىياسىتىنىڭ قوللىشىدا، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى بازىرىدىكى رىقابەت كۈچى ۋە تەسىر كۈچى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.

 خەن ۋېنشېڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدىكى تۇنجى ئايروپىلان باجدىن خالىي رېمونتچىلىقى ھەم ئاممىۋى تىپتىكى باجدىن خالىي ئامبار كەسپىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئەركىن سودا سىناق رايونى تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاۋىياتسىيە رېمونتچىلىق كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، «باجدىن خالىي +» تاشقى سودا يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، شىنجاڭ رېمونتچىلىق بازىسىنىڭ كەسىپ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئاۋىياتسىيە رېمونتچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق. جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا، ئەركىن سودا سىناق رايونى بىلەن خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ قوشىدۇ.

 باشلىنىش مۇراسىمىدا ئايروپىلان باجدىن خالىي رېمونتچىلىق كەسپى توغرىسىدىكى تەستىقىي جاۋاب ھۆججەت ئوقۇپ ئۆتۈلدى، ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداش سۆز قىلدى، يەنە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

 چېن ۋېيجۈن، سۈن خۇڭمېي، ۋاڭ گاڭ، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)دىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار كارخانا ۋە ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.

 پائالىيەت مەزگىلىدە، ما شىڭرۇي جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى كەسىپ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم جۇڭگو ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇ گۇرۇھى شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇ چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، ماي باكى رايونىنى باشقۇرۇش ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ما شىڭرۇي ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بولۇپمۇ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ نەتىجە يارىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، خەلقئارا كەسىپ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشى داۋامىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋردە ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم بۇرچى، ۋەزىپىسى. پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئۆلچەم بويىچە، تەلەپ بويىچە ئەستايىدىل توغرىلىنىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، تۈزۈلمە- مېخانىزم ئىسلاھاتى ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك. ئالاقىدار رەھبىرىي كادىرلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، نەق مەيداندا ئىش بېجىرىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشغا پۇختا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.


مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125