ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭنىڭ دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭ ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 18 مىڭ 811 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %6.8 ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، %6.5 ئەمەلىي ئاشقان، نامدىكى ۋە ئەمەلىي ئېشىش سۈرئىتى بىردەك پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىسىنىڭكىدىن 1.6 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان.
شەھەر- يېزىلارغا ئايرىپ قارىغاندا، شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 32 مىڭ 142 يۈەن بولۇپ، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.2 ئەمەلىي ئاشقان، ئەمەلىي ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەت شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭكىدىن 1 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان؛ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 6173 يۈەن بولۇپ، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئەمەلىي ئاشقان، ئەمەلىي ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەت يېزا ئاھالىلىرىنىڭكىدىن 2.5 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان.
مائاش خاراكتېرلىك كىرىمنىڭ ئېشىشى ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تىرەك بولىدىغان ئاساسلىق ئامىل بولدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، مۇلازىمەت كەسپى سىجىل ئەسلىگە كېلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش خاراكتېرلىك كىرىمى 12 مىڭ 141 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئاشتى. شەھەر- يېزىلارغا ئايرىپ قارىغاندا، شەھەر- بازار ئاھالىلىرى ۋە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش خاراكتېرلىك كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا %6.3 ۋە %10.3 ئاشتى. ئاپتونوم رايون بويىچە دېھقان ئىشلەمچىلەرنى كۆزىتىپ ئۆلچەپ تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، 3- پەسىلنىڭ ئاخىرىدا سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن ئەمگەك كۈچلىرى كۆلىمى %16.2 ئاشتى، ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىم %1.7 ئاشتى.
تىجارەت ساپ كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئاھالىلەرنىڭ بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى ۋە يازلىق تەتىلدە ساياھەتكە چىقىش، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە بولغان ئېھتىياجى ئاشتى، توپ ۋە پارچە سېتىش، قونالغۇ، يېمەك- ئىچمەك، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش كەسپى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تىجارەت ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە تىجارەت ساپ كىرىمى 1461 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.3 ئاشتى. شەھەر- يېزىلارغا ئايرىپ قارىغاندا، شەھەر- بازار ئاھالىلىرى ۋە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە تىجارەت ساپ كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا %7.2 ۋە %12.5 ئاشتى. يېزا- كەنت ساياھەت بازىرىنىڭ سىجىل جانلىنىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ 3- كەسىپتىن قىلغان ئوتتۇرىچە تىجارەت ساپ كىرىمى %7.1 ئاشتى.
يۆتكىمە ساپ كىرىم ۋە مال- مۈلۈك ساپ كىرىمى ئېشىشنى ساقلىدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ قوللىشى بىلەن، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يۆتكىمە ساپ كىرىمى 4482 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.9 ئاشتى. شەھەر- يېزىلارغا ئايرىپ قارىغاندا، شەھەر- بازار ئاھالىلىرى ۋە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يۆتكىمە ساپ كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا %4 ۋە %5.6 ئاشتى. ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىنىڭ تۈرتكىسىدە، ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ياكى دەم ئېلىش، پېنسىيە پۇلى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئاشتى. ئاپتونوم رايون بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مال- مۈلۈك ساپ كىرىمى 727 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.6 ئاشتى.