شىنجاڭدا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش قىزغىنلىقى داۋاملىق ئۆرلەپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمالىنىڭ 700 مىليون يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى
18:37:20 2024-11-11 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خېي خۇڭۋېي) مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 11- ئاينىڭ 8- كۈنىگىچە، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە دۆلەتتىن ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىنغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنى 101 مىڭ بولۇپ، 90 مىليون يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىپ، 502 مىليون يۈەنلىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمالىغا تۈرتكە بولغان؛ ھازىر ئاپتونوم رايوننىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ۋە يېڭىدىن سېتىۋېلىش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىنغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنى 40 مىڭ بولۇپ، 25 مىليون 450 مىڭ يۈەن ئىستېمال بېلىتى تارقىتىلىپ، 220 مىليون يۈەنلىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمالىغا تۈرتكە بولغان.

11- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ۋەندا مەيدانىدىكى ۋوجيا ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىش مەيدانىدا، سودىگەر ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچىلىرىنى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى بىرلىكتە تەشۋىق قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي فوتوسى

 11- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ۋەندا مەيدانىدىكى ۋوجيا ئېلېكتىر سايمانلىرى سېتىش مەيدانىدا، كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش تەشۋىقات ئېلانلىرى ھەم تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرى ئىستېمالچىلارنى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىدىن مەسلىھەت سوراش، سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى.

 «بۇ يەردە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدە ناھايىتى ياخشى ئېتىبار بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۆينى يېڭىلا بېزەپ بولغانىدىم، ھېسابلاپ باقسام، يۈرۈشلۈك مەھسۇلات سېتىۋالسام نەچچە مىڭ يۈەن تېجەپ قالالايدىكەنمەن»، دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى چېن لېي.

 دۆلەتنىڭ ياردەم پۇلى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ياردەم پۇلىدىن باشقا، ۋوجيا ئېلېكتىر سايمانلىرى دۇكىنى يەنە يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتتىن ئىككىدىن ئارتۇق سېتىۋالسا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا يەنە 4000 يۈەن كېمەيتىش ھەم يەككە مەھسۇلاتنىڭ باھاسى توشسا باھانى كېمەيتىش، يەككە مەھسۇلاتنىڭ باھاسى توشسا سوۋغا بېرىش قاتارلىق «قوش 11»لىق پائالىيەتنى يولغا قويغان.

 9- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن شۇ كۈنگىچە، ۋوجيا ئېلېكتىر سايمانلىرى دۇكىنىدا 170 مىليون يۈەنلىك مال سېتىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش %80تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن.

11- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ۋەندا مەيدانىدىكى ۋوجيا ئېلېكتىر سايمانلىرى سېتىش مەيدانىدا، نۇرغۇن ئىستېمالچى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى توغرىسىدا مەسلىھەت سورىدى ۋە سېتىۋالدى.  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي فوتوسى

 «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى، ۋوجيا ئېلېكتىر سايمانلىرى دۇكانلىرىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدىكى سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %65 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ سېتىلىش مىقدارى ھەسسىلەپ ئاشتى»، دېدى شىنجاڭ ۋوجيا  ئېلېكتىر سايمانلىرىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش- سېتىش باش نازارەتچىسى ليۇ جىخەي.

 ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) سودا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چېن جيەنفاڭ مۇنداق دېدى: تۈرلۈك باش تېما ماركېتىڭى، ئېتىبار باھادا كوللېكتىپ سېتىۋېلىش، ئىستېمال ئارقىلىق يېتەكلەش پائالىيىتىنى يەنىمۇ ياخشى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىقلارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا ياردەم پۇلى بېرىش پائالىيىتى ۋە سىياسەت تەشۋىقاتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

 نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، سودا ساھەسىدىكى ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي بېزەكچىلىكى، ئاشخانا، ھاجەتخانا بۇيۇملىرى قاتارلىق «6 + 1» ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى ھەم يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ چىقاردى. ھەرقايسى جايلار بەس- بەستە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، سىياسەتلىك ياردەم پۇلى كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىستېمالنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. 

 كونىسنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، قىسمەن ئىستېمالچىنىڭ كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى شاللاش ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى تاللاپ سېتىۋېلىش ئاكتىپلىقىنى ئاشۇردى.

 ئالتاي ۋىلايىتى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى سىياسىتىنى سىجىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە سودىگەرلەرنىڭ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرگە ھەقىقىي ئېتىبارلارنى ئېلىپ كەلدى. بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى سېتىش مەيدانىدىكى خېرىدارلار ئېقىمىنى كۆپەيتتى، توڭلاتقۇ، تېلېۋىزور، كىرئالغۇ ئىستېمالچىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە سېتىۋېلىش مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان تۈرگە ئايلاندى. 10- ئاينىڭ 25- كۈنىگىچە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا ياردەم پۇلى بېرىش پائالىيىتىدە (ئاپتونوم رايوننىڭ ياردەم پۇلى) ئىلتىماس قىلىنغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنى 666 بولۇپ، 2 مىليون 450 مىڭ يۈەنلىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمالىغا تۈرتكە بولغان؛ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا ياردەم پۇلى بېرىش پائالىيىتىدە (دۆلەتنىڭ ياردەم پۇلى) ئىلتىماس قىلىنغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنى 1234 بولۇپ، 4 مىليون 755 مىڭ 500 يۈەنلىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمالىغا تۈرتكە بولغان.

 ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، 1- دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى جۇ خېشياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى سىياسەت ۋە پائالىيەتنى قوش چاق بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» قىزغىنلىقىنىڭ ئاجىزلاشماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، سىياسەتنىڭ پايدىسىدىن كەڭ ئىستېمالچىلارنى يېقىن ئارىلىقتا مەنپەئەتلەندۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سودىگەر ۋە ئىستېمالچىلاردىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن كۈچەپ ئىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، سىياسەتتىن ئىستېمالچىلارنىڭ بىۋاسىتە، تېز  بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125