كەچ كۈزدە، چاقىلىق ناھىيەسى تەۋەسىدىكى توغراقلىقلار «ئالتۇن تون» كىيىپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، قۇملۇق بىلەن ئۆزئارا گىرەلىشىپ، گۈزەل ھەم بىپايان كۆرۈنۈشنى شەكىللەندۈرگەنىدى.
مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان توغراقلار قۇرغاقچىلىققا، شورغا، قۇم بورانغا تاقابىل تۇرۇشتەك قەيسەرانە ھاياتىي كۈچتە تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن باتۇرانە كۈرەش قىلماقتا. توغراقنىڭ ھاياتى ئاخىرلاشسىمۇ، لېكىن غولى يەنىلا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، سۇلماس بىر سالاپەتنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ، توغراقلار تەبىئەتكە ھاياتلىقنىڭ چىدامچانلىقى ۋە شان- شەرىپىنى بايان قىلىپ، يىقىلماي قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان «قۇملۇقنىڭ تۈۋرۈكى» دەپ تەرىپلىنىدۇ.
(چاقىلىق ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن ساۋ يۆ، قەھرىمان توختى)