ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى گۇڭ يەنچېن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ليۇ چىۋېي، لى جيايا، جۇ گې
ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغاندا، ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ، ئەمما، بەزىلەر ئۇلارغا يامان قولىنى سۇنىدۇ. يېقىندا، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرى ساندۇقى ئىچىدىكى سايمانلارنى ئوغرىلاشقا دائىر بىر دېلونى ئىگىلىدى.
2022- يىلى 1- ئايدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى خۇڭمياۋزى ساقچىخانىسى مەلۇم ئولتۇراق رايوندىكى ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتىنىڭ ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر بىناسىدىكى نۇرغۇن ئوت ئۆچۈرۈش كىرانىنىڭ پۈركۈگۈچى ئوغرىلانغانلىقى توغرىسىدىكى دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، خەلق ساقچىلىرى نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرگەن.
بۇ ئولتۇراق رايون شۇ يىلى ئەمدىلا پۈتكەن بولۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تەكشۈرۈشىدىن يېڭىلا ئۆتكەن، ئاھالىلەر تېخى كۆچۈپ كىرمىگەن. خەلق ساقچىلىرى نەق مەيداندا بىر نەچچە ئاھالىلەر بىناسىدىكى ئوت كىرانى ساندۇقىدا ئوت ئۆچۈرۈش كىرانىنىڭ پۈركۈگۈچىنىڭ بېشى ۋە ئۇلاش ئېغىزىنىڭ غايىب بولغانلىقىنى بايقىغان.
خەلق ساقچىلىرى زىيارەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ، دېلو يۈز بەرگەن ۋاقىتتا، بىر قارا كىيىملىك ئەرنىڭ سومكا يۈدۈپ، كۆپ قېتىم كېچىدە ئولتۇراق رايوندا پەيدا بولغانلىقىنى بايقىغان. خەلق ساقچىلىرى قارا كىيىملىك ئەرنى چۆرىدەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ زور دېلو سادىر قىلىش گۇمانى بارلىقىنى بايقىغان.
2022- يىلى 1- ئاينىڭ 9- كۈنى، خەلق ساقچىلىرى سايباغ رايونىدىكى بىر تورخانىدا قارا كىيىملىك ئەر لۇ xنى قولغا چۈشۈرگەن.
دېلونى بېجىرىش جەريانىدا، لۇ x ئۆزىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش سايمانلىرىنى ئوغرىلاشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان. لۇ x تاپشۇرغان ئەھۋالغا ئاساسەن، خەلق ساقچىلىرى ئۇ كىرىپ- چىققان كېرەكسىز نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش پونكىتىدىن ئىككىنى تەكشۈرۈپ، ئوت ئۆچۈرۈش كىرانىنىڭ پۈركۈگۈچىدىن 110نى، ئۇلاش ئېغىزىدىن 118نى قولغا چۈشۈرگەن، تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇلارنىڭ دەل ئولتۇراق رايوندىن ئوغرىلانغان ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
لۇ x ئۆزىنىڭ ئادەتتە بوۋىسى، مومىسى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى، ئىقتىساد جەھەتتە قىينالغانلىقىنى، لېكىن تور ئويۇنى ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ئوغرىلىق قىلىش ئويىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ئېيتقان.
باھالاش ئارقىلىق، لۇ x ئوغرىلىغان ئوت ئۆچۈرۈش سايمانلىرىنىڭ قىممىتى 1749 يۈەن بولغان. سايباغ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى لۇ xنى ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان ھەمدە ئەيىبلىگەن. ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى لۇ xكە قانۇن بويىچە مۇددەتلىك 10 ئايلىق قاماق جازاسى بەرگەن ھەمدە 2000 يۈەن جەرىمانە قويغان.
لۇ x ئوغرىلىغان ئوت ئۆچۈرۈش سايمانلىرىنى سېتىۋالغان ئىككى كېرەكسىز نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش پونكىتىنىڭ مەسئۇلىغا زاڭ مالنى سېتىۋېلىش، يوشۇرۇش سەۋەبىدىن سايباغ رايونلۇق گۇڭئەن شۆبە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئامانلىق ساقلاش بويىچە توختىتىپ قويۇش مەمۇرىي جازاسى بېرىلگەن.
ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرى ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بەزىلەر ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرى ئىچىدىكى سايمانلارنى ئوغرىلىسا «چوڭ ئىش يوق» دەپ قارايدۇ.
بۇ يىل 7- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى خېيجياسەن ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىلىرى تەۋەلىكىدىكى ئورۇنلارنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرگەندە، بىر ئولتۇراق رايوندىكى ئېگىز قەۋەتلىك ئولتۇراق بىناسىدا ئوت ئۆچۈرۈش كىرانىنىڭ پۈركۈگۈچى يوقلۇقىنى بايقىغان، ئەمەلىيەتتە ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتى ئالدىنقى كۈنى تەكشۈرگەندە بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسى بار ئىكەن.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يوقالغان بۇ سايمانلارنى كەن x ئوغرىلاپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغان. ساقچىلار كەن xنى تۇتۇپ، ئوغرىلانغان ئوت ئۆچۈرۈش كىرانىنىڭ پۈركۈگۈچىدىن 214نى قايتۇرۇپ كەلگەن.
سوراق جەريانىدا، كەن x «بىر پۈركۈگۈچنىڭ باھاسى ئىككى يۈەنگە يەتمەيدۇ، مېنىڭچە چوڭ ئىش يوق» دېگەن، ئۇنىڭ بۇ پەرۋاسىز پوزىتسىيەسى خەلق ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان، خەلق ساقچىلىرى ئۇنىڭغا ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرى ئىچىدىكى سايمانلار يوقاپ كەتسە ناھايىتى زور بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى بارلىقىنى، ناۋادا ئوت ئاپىتى يۈز بەرسە، ئوت ئۆچۈرۈش كىرانىنى نورمال ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ھازىر كەن x جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.
دېلودىن ئىبرەت ئېلىش
ئوت ئۆچۈرۈش كىرانىنىڭ پۈركۈگۈچى ئوت ئۆچۈرۈش كىرانىنىڭ مۇھىم زاپچاسلىرىنىڭ بىرى، ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ قالغاندا، پۈركۈگۈچ بولمىسا ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىشىگە تەسىر يېتىپ، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زىيان يېتىدۇ. ئامما ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى ئاسرىشى، ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتى قاتارلىق باشقۇرغۇچى تەرەپلەر ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىگە ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ، قەرەللىك تەكشۈرۈپ ۋە ئاسراپ، ئاممىۋى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)