يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى قاتارلىق سەككىز تارماق «ئاپتونوم رايوننىڭ 2024- يىللىق ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاش ياردەم پۇلى بېرىش خىزمىتىنى كۈچەپ قوللاش تەپسىلىي قائىدىسى»نى بېسىپ تارقاتتى. ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، قومۇل شەھىرى كەڭ سودىگەرلەرنى پائالىيەتكە قاتنىشىشقا پائال يېتەكلەپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ھەمتۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز قانات يايدۇرۇپ، ئىستېمالنىڭ جانلىنىش مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە، سودىگەرلەرنى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرۈپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇردى.