ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 10- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 5- نۆۋەتلىك كۆزىتىشى بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىش خىزمىتى يېقىندا تولۇق تاماملاندى. بۇ نۆۋەتلىك كۆزىتىش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىش مەركەزلىك قايتما ئىنكاس قىلىش بىلەن كۆزىتىش گۇرۇپپىسى «بىرگە بىر» قايتما ئىنكاس قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلى قوللىنىلىپ ئېلىپ بېرىلدى.
11- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 10- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 5- نۆۋەتلىك كۆزىتىشى بويىچە مەركەزلىك قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا كۆزىتىشتە بايقالغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 14 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا بۇ نۆۋەتلىك دائىملىق كۆزىتىلگەن ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق 23 تارماق، ئورۇنغا، كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىلغان» سەككىز جاي (ئورۇن)غا «بىرگە بىر» قايتما ئىنكاس قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار ئۆزى مەسئۇل بولغان (ئالاقىلىشىدىغان) تارماق، ئورۇنلار ۋە ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ كۆزىتىش ئەھۋالى بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3- نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە يولداش لى شىنىڭ 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 4- نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى بويىچە سەپەرۋەرلىك قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، كۆزىتىلگەن پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارغا كۆزىتىشتە بايقالغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى ھەم رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە كۆزىتىش ئەھۋالى قايتما ئىنكاس قىلىندى.
قايتما ئىنكاس قىلىشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئالدىنقى نۆۋەتلىك كۆزىتىشتىن بۇيان، كۆزىتىلگەن پارتىيە تەشكىلاتلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ھەمدە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
قايتما ئىنكاس قىلىشتا كۆزىتىلگەن پارتىيە تەشكىلاتلىرىدا ساقلانغان مەسىلىلەر كەسكىن كۆرسىتىپ بېرىلدى. بەزىلىرىنىڭ نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىشى دېگەندەك سىستېمىلىق، چوڭقۇر بولمىغان، سىياسىي ئورگان قۇرۇلۇشىدا كەمتۈكلۈك بار، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىنى قوللىنىپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىملاشتۇرۇشىدا يېتەرسىزلىك بار، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوغداش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشىدە يېتەرسىزلىك مەۋجۇت؛ بەزىلىرىنىڭ ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇشنى سىستېمىلىق پىلانلىشى دېگەندەك جايىدا بولمىغان، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشىدا پەرق بار؛ بەزىلىرىنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى دېگەندەك جايىدا بولمىغان، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇشى، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشى دېگەندەك كۈچلۈك بولمىغان؛ بەزىلىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى «ئىككى مەسئۇلىيەت»نى ئادا قىلىشىدا پەرق بار، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ئىش ئورۇنلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدا ئاجىز تۈرلەر بار، «تۆت خاھىش» جاھىل كېسىلىنى سىجىل تۈزىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشكە تۈرتكە بولۇشى دېگەندەك كۈچلۈك بولمىغان؛ بەزىلىرىنىڭ يېڭى دەۋردىكى تەشكىلىي لۇشيەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى دېگەندەك جايىدا بولمىغان، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە توغرا كېلىدۇ، ئورگان ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ئاجىز ھالقىلار مەۋجۇت؛ بەزىلىرىنىڭ كۆزىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش قاتارلىق نازارەت قىلىش، بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىدا پەرق بار، نەتىجىلەردىن پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش ۋە ئۇنى تاكامۇللاشتۇرۇشىدا كەمتۈكلۈك بار.
قايتما ئىنكاس قىلىشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: كۆزىتىلگەن پارتىيە تەشكىلاتلىرى تۈزىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي پۇختا زىممىگە ئېلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەشنى»نى قەتئىي ھىمايە قىلىشى، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى ۋە 10- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەسئۇلىيەت، بۇرچنى پۇختا ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئۆز رايونى، ئۆز كەسپى، ئۆز ساھەسىدە ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، قەتئىي بوشاشماي «تۆت خاھىش»نى تۈزەپ، پاكلىق خەۋپ- خەتىرىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بەنزىنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارى، قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقى، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى سىجىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.
قايتما ئىنكاس قىلىشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە تەشكىلات تارماقلىرى كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەقىقىي قول سېلىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، نۇقتىلىق ئادەم، نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە چىڭ قادىلىپ، تىزىملىككە بىرمۇبىر سېلىشتۇرۇپ ئۆچۈرۈشى كېرەك. تۈزىتىش ئەھۋالىنى رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى يىللىق باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، ئەپلەپ- سەپلەپ تۈزەتكەن، ساختا تۈزەتكەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك. ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلار كۆزىتىش نەتىجىلىرىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، كۆزىتىشتە بايقالغان ئورتاق مەسىلىلەر ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ خىزمەتلەرنى ياخشىلاپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تۈزۈم- مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەنبەدىن تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ۋە ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ئەھۋاللارنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش گۇرۇپپىسى يەنە بەزى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسىلىسى ئىنكاس قىلىنغان يىپ ئۇچىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللاپ بەرگەن.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)