ئانتىبىيوتىك دورا ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسىمۇ؟ ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ھەرگىز زىيادە ئىشلەتمەڭ (4)
18:10:05 2024-11-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانتىبىيوتىك دورىلارنى زىيادە ئىشلىتىشتىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟

ئانتىبىيوتىك دورىلارنى خاتا ھالدا «ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى» دەۋېلىش دۆلىتىمىزدە ئانتىبىيوتىك دورىلارنىڭ زىيادە كۆپ ئىشلىتىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ھالبۇكى، ئانتىبىيوتىك دورىلارنى زىيادە ئىشلىتىش دورىغا زىيادە چىداملىق باكتېرىيەلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن، بۇنىڭ بىلەن ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن ئاغرىقلاردا داۋالاش تەس بولغان يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىپ، ئاخىرىدا ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. ئۇنداقتا، ئانتىبىيوتىك دورىلارنى زىيادە ئىشلىتىشتىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟

بىرىنچى، شەخسكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، كېسەللىك سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئەگەر باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىش ئىكەنلىكى ئېنىق بولسا، ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئەگەر ۋىرۇسلۇق ياكى يۇقۇملانمايدىغان ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان ياللۇغ بولسا، ئانتىبىيوتىك دورىلارنى يەڭگىللىك بىلەن ئىشلەتكەندە، رول ئوينىيالمايلا قالماستىن، ھەتتا كېسەلگە دەخلى يەتكۈزۈپ قويىدۇ، يەنە ناچار تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

ئىككىنچى، باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىچىش جەريانىدا، ياخشىلانغانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، يەڭگىللىك بىلەن دورىنى توختاتماسلىق كېرەك. دوختۇرنىڭ رېتسېپى بويىچە داۋالاش باسقۇچىنى تاماملاش كېرەك، ئانتىبىيوتىك دورىلارنى داۋالاش باسقۇچى توشقىچە ئىشلەتمىگەندە، دورىغا چىداملىق باكتېرىيەلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزى ئاغرىقلار ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىككى كۈن يېگەندىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ، «ئەمدى دورا ئىچمىسەممۇ ئاستا- ئاستا ياخشى بولۇپ كېتىمەن» دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە، كېسەللىك ئەھۋالى ئاسانلا تەكرارلىنىدۇ ھەم دورىغا چىدامچانلىق ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

ئۈچىنچى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئانتىبىيوتىك دورىلارنى يەڭگىللىك بىلەن ئىشلەتمەسلىك ياكى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك. يۇقۇملىنىش ساھەسىنى چۈشەنمەيدىغان ئاغرىقلار «قىممەت، يۇقىرى دەرىجىلىك ئانتىبىيوتىك دورىلارنىڭ ئۈنۈمى ياخشى» دەپ قارايدۇ؛ يەنە بىر تۈردىكى ئاغرىقلار بالدۇرراق ياخشى بولۇشنى ئويلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە خىل ئانتىبىيوتىك دورىلارنى بىللە ئىچىدۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇ، كېسەلدىن ساقىيىشقا ئىنتايىن پايدىسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە باكتېرىيەلەردە يۇقىرى دەرىجىلىك ئانتىبىيوتىك دورىلار ياكى كۆپ خىل ئانتىبىيوتىك دورىلارغا چىدامچانلىق پەيدا قىلىدۇ.

تۆتىنچى، ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئالماشتۇرۇپ ئىچمەسلىك كېرەك. بەزى ئاغرىقلار ئۆيىدە كۆپ خىل ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ساقلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئېشىپ قالغىنى كۆپ ئەمەس، ئۇلار «بۇ دورىلارنىڭ ھەممىسى باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىشنى داۋالايدۇ» دەپ قارايدۇ، شۇڭا بۈگۈن بىر خىل ئانتىبىيوتىك دورىنى ئىچسە، ئەتە يەنە بىر خىل ئانتىبىيوتىك دورىنى ئىچىدۇ، ئەمەلىيەتتە، دورىغا چىداملىق باكتېرىيەنىڭ پەيدا بولۇشىنى تېخىمۇ ئاسان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم ئاغرىقنىڭ ناچار تەسىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

خۇلاسە

ئانتىبىيوتىك دورا بىلەن ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسىنىڭ فارماكولوگىيەلىك مېخانىزمى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملانغاندا ئورگانىزمدا ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسى يۈز بېرىدۇ، ئانتىبىيوتىك دورىلار باكتېرىيەلەرنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشىنى ئۆلتۈرۈش ياكى تىزگىنلەشكە ئىشلىتىلىدۇ، كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەر تازىلانغاندىن كېيىن، ئورگانىزمدا پەيدا قىلىدىغان ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسىمۇ تەبىئىي ھالدا تەدرىجىي يوقىلىدۇ. شۇڭا، كىشىلەردە خاتا تۇيغۇ پەيدا بولۇپ، ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى دەپ قارايدۇ. ھالبۇكى، ئانتىبىيوتىك دورىلار ياللۇغنىڭ ئۆزىگە ئەمەس، بەلكى ياللۇغنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەگە قارىتىلغان بولۇپ، ۋاسىتىلىك ھالدا ياللۇغ قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، ئۇنى ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى دەپ ئاتاشقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ «ياللۇغلىنىش»نى باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىش (مەسىلەن: زەمبۇرۇغ، ۋىرۇسلۇق يۇقۇملىنىش) كەلتۈرۈپ چىقارمىغان چاغدا، ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىشلىتىش ياللۇغ قايتۇرۇش رولىنى ئوينىيالمايدۇ، ئەكسىچە ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

(تۈگىدى)

پايدىلانغان مەنبە: ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125