شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر شيا كې) نورۇ ۋىرۇسى مەكتەپ ۋە ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتى قاتارلىق كىشىلەر زىچ توپلاشقان سورۇنلاردا جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان- ئۈچەي ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق كېسەللىك قوزغاتقۇچى بولۇپ، بىر قەدەر يۇقىرى يۇقۇمچانلىققا ۋە تېز تارقىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، پۈتۈن كىشىلەر توپى ئومۇميۈزلۈك ئاسان يۇقۇملىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئىممۇنىتېتنىڭ قوغداش ۋاقتى قىسقا بولۇپ، قىش پەسلىدە كۆپ تارقىلىدۇ. نورۇ ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟ مەكتەپلەر قانداق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك؟ مۇخبىر بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزىدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسنى زىيارەت قىلدى.
بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نورو ۋىرۇسى ئاساسلىقى گەندىدىن ئېغىز ئارقىلىق، مەسىلەن بۇلغانغان يېمەكلىك، سۇنىڭ بەدەنگە كىرىشى، ئاغرىقلارنىڭ چىقىرىندىلىرى ياكى قۇسۇقى بىلەن ئۇچرىشىش ياكى بۇلغانغان قول، جىسىم ياكى سايمانلار بىلەن ئۇچرىشىش، شۇنداقلا قۇسۇق ياكى چوڭ تەرەتتىن ھاسىل بولغان ئائېروزول قاتارلىقلار ئارقىلىق تارقىلىدىكەن. ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئوستېر قۇلۇلىسى قاتارلىق قۇلۇلە تۈرىدىكىلەر دېڭىز سۈيىدىكى نورو ۋىرۇسىنى توپلىيالايدىكەن، بۇ خەتىرى يۇقىرى يېمەكلىك ھېسابلىنىدىكەن.
بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، يەرلىك كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جيا لېي مۇنداق دېدى: ئادەم نورۇ ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان- ئۈچەي ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ، ئادەتتە 12 سائەتتىن 48 سائەتكىچە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى ئىچى سۈرۈش ۋە قۇسۇش، ئۇنىڭدىن قالسا كۆڭلى ئېلىشىش، قورساق ئاغرىش، باش ئاغرىش، قىزىش، سوغۇقتىن قورقۇش ۋە مۇسكۇللار تېلىپ ئاغرىش قاتارلىقلار؛ چوڭلارغا قارىغاندا بالىلاردا قۇسۇش ئالامىتى تېخىمۇ ئاسان كۆرۈلىدۇ.
«نورو ۋىرۇسى جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان- ئۈچەي ياللۇغىدىكى ئۆزىنى چەكلەش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، كېسەللىك ئەھۋالى يېنىك، ئادەتتە ئىككى كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ، ساقايغان كېيىن ئەھۋالى ياخشى بولىدۇ. لېكىن چوڭ ياشلىق ياشانغانلار، كىچىك ياشلىق بالىلار ياكى ئاساسىي خاراكتېرلىك كېسەللىك قوشۇلۇپ كەلگەن بىمارلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بىر قەدەر ئاستا بولۇپ، ئايرىم كېسەللىك مىساللىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئېغىر كېسەلگە ئايلىنىش ئېھتىماللىقى بار». جيا لېي مۇنداق دېدى: نورۇ ۋىرۇسىنىڭ ھازىرچە ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسىنا تېخى يوق، يۇقۇملىنىپ كېسەل بولغاندىن كېيىنمۇ ئىشلەتكۈدەك ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورىسى يوق، سۇيۇقلۇق تولۇقلاش ۋە كېسەلگە قاراپ داۋالاش ئاساس قىلىنىدۇ، لېكىن سۇسىزلىنىش ئېغىر بولسا داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق بىلدۈردى: نورۇ ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئاتا- ئانىلار ئالدى بىلەن بالىلارغا تاماقتىن بۇرۇن ۋە تەرەتتىن كېيىن ئەتىر سوپۇن بىلەن قولنى ئەستايىدىل يۇيۇش ياخشى ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنى ئۆگىتىشى، دېزىنفېكسىيەلەنگەن قەغەز ۋە يۇيۇۋېتىش ھاجەتسىز دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنى قولنى يۇيۇشنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەسلىككە دىققەت قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بالىلارغا بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېمەك- ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىپ، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، ئەگەر سىنىپتا ساۋاقداشلار ياندۇرسا، چوقۇم ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە نەق مەيداندىن تېز، تەرتىپلىك ئايرىلىش، بەلگىلەنگەن خادىم ماسكا، پەلەي قاتارلىق قوغدىنىش بۇيۇملىرىنى تاقاش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا قۇسۇق ۋە بۇلغانغان ئورۇن، بۇيۇم قاتارلىقلارنى خىلورلۇق دورا بىلەن ئۆلچەملىك دېزىنفېكسىيە قىلىپ، نورۇ ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىنى ئازايتىش كېرەك.
بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: مەكتەپلەر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش لايىھەسى ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئەتىگەنلىك، چۈشلۈك تەكشۈرۈش، مەكتەپكە كەلمىگەنلەرنى تىزىملاش، ئاغرىق مىساللىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ۋە ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىسپاتىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق تۈزۈملەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. يېتەرلىك، ئۈنۈملۈك دېزىنفېكسىيە ماددىي ئەشيالىرى ۋە شەخسىي مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى سەپلەپ، مەكتەپ ئىچىدىكى ئاممىۋى سورۇنلار، مەسىلەن، سىنىپ، ياتاق، ئاشخانا، تازىلىق ئۆيى، نۇقتىلىق ئورۇنلار، مەسىلەن، ئىشىك تۇتقۇچى، پەلەمپەي تۇتقۇچى، سۇ كۆلچىكى، تەرەت قاچىسى، لىفىت كۇنۇپكىسى قاتارلىقلارنى قەرەللىك تازىلاش ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك.