يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان «قوش 11» ئېلېكتىرونلۇق سودا سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئاياغلاشتى. دۆلەت پوچتا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 10- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 11- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تېز يوللانما قوبۇل قىلىش مىقدارى تەخمىنەن 12 مىليارد 82 مىليون يۈرۈش بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.4 ئاشقان؛ يەتكۈزۈش مىقدارى تەخمىنەن 12 مىليارد 124 مىليون يۈرۈش بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.3 ئاشقان؛ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە كەسىپ مىقدارى 550 مىليون يۈرۈشتىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئەڭ يۇقىرى كۈندىلىك بىر تەرەپ قىلىش مىقدارى 729 مىليون يۈرۈشكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %74 ئېشىپ، كۈندىلىك كەسىپ مىقدارى رېكورتىنى يېڭىلىغان.
«قوش 11» مەزگىلىدە كىشى بېشىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سەككىز يۈرۈش تېز يوللانما قوبۇل قىلىندى. سىز قانچە يۈرۈش تېز يوللانما قوبۇل قىلدىڭىز؟
پايدىلانغان مەنبە: خەلق گېزىتى ۋېيبوسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)