ئالتە تۈرلۈك ئاقىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پاتېنت تېخنىكىسى ئېلان قىلىندى
17:04:22 2024-11-12 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 11- ئاينىڭ 8- كۈنى 2024- يىللىق ئاقىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پاتېنت تېخنىكىسى بويىچە تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئالتە تۈرلۈك ئاقىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پاتېنت تېخنىكىسى ئېلان قىلىندى.

 شۇ كۈنى ئېلان قىلىنغان ئالتە تۈرلۈك ئاقىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پاتېنت تېخنىكىسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئېتىزلاردىكى قالدۇق سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىش تېخنىكىسى ۋە جابدۇقلىرى (كېۋەز شادىسىنى ئۇۋاپ ئېتىزغا قايتۇرۇش ۋە قالدۇق سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىپ ئوراش ماشىنىسى)، ئېتىزلاردىكى قالدۇق سولياۋ يوپۇقنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يىغىۋېلىش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى ۋە جابدۇقلىرى، زاراڭزىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈزۈش ماشىنا ئادىمى ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى ۋە جابدۇقلىرى، ياڭاق يىغىۋېلىش بويىچە پۈتۈن جەريانلىق ماشىنىلاشتۇرۇش تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى، پاختا ئىشلەپچىقىرىشنى رەقەملەشتۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ۋە جابدۇقلار ۋە 2BQD يۈرۈشلۈك يۇقىرى سۈرئەتلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان ماشىنا ئارقىلىق تېرىش تېخنىكىسى ۋە جابدۇقلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ پاتېنت تېخنىكىلىرى قوللىنىلغاندىن كېيىن، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ ئاقىل تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

 ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى (بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى) بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گو فۇجەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پاتېنتنى ئايلاندۇرۇش پاتېنتنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ تۈپ تەلىپى. بۇ يىل شىنجاڭ 2 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، 2021- يىلىدىن 2023- يىلىغىچە پاتېنت ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرگەن 50 كارخانىغا ئۆسۈم ياردەم پۇلى تارقاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپ مەيدان پاتېنت بويىچە تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتىنى تەشكىللىدى، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، 48 پاتېنت تېخنىكىسى ئۆتۈنۈپ بېرىلدى، پۈتۈشۈش سوممىسى 2 مىليون 345 مىڭ 400 يۈەنگە يەتتى.

 كېۋەز شېخىنى ئۇۋاپ ئېتىزغا قايتۇرۇش ۋە قالدۇق سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىپ ئوراپ قاچىلاش ماشىنىسىنى ئېلان قىلغۇچى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر شۆيۈەنى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ يۇڭشىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ ماشىنىنىڭ شاخ- شۇمبىنى ئۇۋاپ ئېتىزغا قايتۇرۇش زاپچىسى يىغىپ بولغاندىن كېيىن چېچىش قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولۇپ، شاخ- شۇمبىنى ئېتىزغا تەكشى چېچىپ قايتۇرىدۇ؛ ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان ساپان بىلەن مىخ چىشلىق تاسما بىرلەشتۈرۈلگەن قالدۇق سولياۋ يوپۇق يىغىش قۇرۇلمىسى قالدۇق سولياۋ يوپۇقنى تازىلاش نىسبىتىنى %10تىن %20كىچە ئۆستۈرەلەيدۇ؛ بۇ قۇرۇلما ئارقىلىق شۇ يىللىق سولياۋ يوپۇق يېپىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %90تىن كۆپرەكىنى يىغىۋېلىپ، قالدۇق سولياۋ يوپۇقنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۇپراقتىكى «ئاق بۇلغىما»نى ئۈنۈملۈك تۈزەپ، تۇپراقنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

 زاراڭزىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈزۈش ماشىنا ئادىمى ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلان قىلغۇچى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ماشىنا- ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى جاڭ جېنگو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: زاراڭزا شىنجاڭنىڭ خاس ئىقتىسادىي زىرائىتى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈزۈش ماشىنا ئادىمىنى ئومۇملاشتۇرغاندا ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك، زاراڭزا سانجىلىپ يارىلىنىش قاتارلىق مەسىلىلەردىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولىدۇ. ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈزۈش ماشىنا ئادىمىنىڭ زاراڭزا ئۈزۈشىگە قارىتا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سېزىش، توغرا كونترول قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش جەھەتتە كۆپ تەرەپلىمىلىك تەتقىقات ئېلىپ بېرىلدى، ماشىنا ئادەم سىستېمىلىق ئۆگىنىش ئارقىلىق زاراڭزا ئۈزۈش نۇقتىسىنى پەرقلەندۈرۈپ، مېخانىك بىلەك ئارقىلىق نىشاننى ئىزدەپ، تەرتىپ بويىچە ئۈزىدۇ، پۈتۈن جەرياننى ئاپتوماتىك كونترول قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.  (مۇخبىر ۋاڭ شۈەن) 

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125