يىل ئاخىرى ۋە يىل بېشىدا دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ئەمگەك ھەققىگە ئېرىشىشتىكى ھوقۇق- مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنى «ئىش ھەققى»دىن خاتىرجەم، غەم- ئەندىشىسىز قىلىش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈزەش بويىچە قىش پەسىللىك ھەرىكەتنى باشلىدى.
مۇخبىرنىڭ 11- ئاينىڭ 8- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، تۈزەش ھەرىكىتى 11- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلانغان بولۇپ، 2025- يىلى باھار بايرىمىدىن بۇرۇن ئاخىرلىشىدىكەن.
ھەرىكەتتە مەنبەدىن تۈزەش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، قاتتىق جازالاش، تۆۋەن چەكنى ساقلاش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە قۇرۇلۇش ساھەسى، بولۇپمۇ ھۆكۈمەت، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرى مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىر قوللىنىلىپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈزەش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان بارلىق ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش دېلولىرىنىڭ 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن بۇرۇن تولۇق بېجىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىپ، بارلىق ھۆكۈمەت، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسى تولۇق تۈگىتىلىپ، 2025- يىلى باھار بايرىمىدىن بۇرۇن بايقالغان ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسى ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈلۈپ، دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا ئېلىپ يۇرتىغا قايتىپ باھار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش تالاش- تارتىشىنى مۇرەسسە قىلىش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى كېڭىشىش ئۈچ تەرەپ مېخانىزمىنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، قىيىنچىلىقى بار كارخانىلاردىكى ئەمگەك ئىش ھەققى ماجىراسى پۇختا ھەل قىلىنىدۇ. يېزا- بازار، كوچا باشقارمىسى، ئاساسىي قاتلامدىكى زىددىيەت- ماجىرالارنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئالدىنى ئېلىش، مۇرەسسە قىلىش، پەسەيتىش مېخانىزمىغا تايىنىپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى ئاساسىي قاتلامدا تۈزەش كۈچەيتىلىپ، زىددىيەتلەر تىرىشىپ ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىنىدۇ. مەمۇرىي تارماقلار بىلەن ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ بىرلەشمە خىزمەت مېخانىزمى كېڭەيتىلىپ، «مەمۇرىي جەھەتتىن مۇرەسسە قىلىش + ئەدلىيە جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىش» يولغا قويۇلۇپ، مۇرەسسەنىڭ ئىجرا ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلىدۇ. دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئىش ھەققى تالاش- تارتىشىنى تېز كېسىم قىلىش كوللېگىيەسىنىڭ ئەۋزەللىكى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ھوقۇق- مەنپەئەتنى قوغداش يېشىل يولى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، ئەمگەك تالاش- تارتىشىنى مۇرەسسە قىلىش، كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ئالاقىدار دېلولاردىن تەڭشەشكە تېگىشلىكلىرى ئىمكانقەدەر تەڭشىلىپ، كېسىم قىلىشقا تېگىشلىكلىرى كېسىم قىلىنىپ، مۇرەسسە قىلىش بىلەن كېسىم قىلىش بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىش ھەققى تالاش- تارتىشى تېز سۈرئەتتە ھەل قىلىنىدۇ.
يامان نىيەتتە ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرغانلار قاتتىق جازالىنىدۇ، ئېغىر جازالىنىدۇ. ئەمگەك ھەققىنى بېرىشنى رەت قىلىش جىنايىتىگە چېتىلغانلارغا قارىتا جازا ئىجرا قىلىشنى جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، تېز ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ۋاقتىدا تەكشۈرۈش، تېز رازۋېدكا قىلىپ بېجىرىش، تېز ئەيىبلەش، تېز سوت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىش ھەققىنى قەستەن نېسى قالدۇرۇش جىنايى قىلمىشلىرىغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ. ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرغان، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى كۆپ تارماق بىرلىشىپ جازالاش قانات يايدۇرۇلۇپ، خېرىدار چاقىرىش، بازار ئىجازىتى، قاتناش- سەپەر قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە چەكلەش تەدبىرى يولغا قويۇلۇپ، «بىر جايدا ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرسا، ھەممە جايدا چەكلىمىگە ئۇچراش» ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
ئالاقىدار خادىملار ئەمگەكچىلەرگە ساھە مەسئۇل تارماقلىرى، ئەمگەك كاپالەت رېۋىزىيە تارماقلىرى ۋە مەملىكەت بويىچە نېسى قالغان ئىش ھەققىنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈزەش، يىپ ئۇچىنى ئىنكاس قىلىش سۇپىسى ۋە شىنجاڭ دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ نېسى قالغان ئىش ھەققى ھەققىدە ئەرز قىلىش سۇپىسى «新疆安薪码» ئارقىلىق ھوقۇقىنى قوغداشنى ئەسكەرتتى. (مۇخبىر شى چۇەنجى)